ھەي .....ئىچىم ئاچچىق ......ئىچىم ئاچچىق..... ھازىر جەمىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى ،
بۇزۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە :
1 . تەربىيە مەسىلىسى . كىچىكىدىكى تەربىيلەش ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلى ، جەمىيەتنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى تىزلا قۇبۇل قىلىپ ئالدىن بۇزۇلغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جەمىيەت كۆرگەن بۇزۇقلار .
2 . ئىقتىساد مەسىلىسى . ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى بولىشى تۈپەيلى ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ، ۋەياكى باشقا ھاجەتلىرىنى قامداشقا پۇلنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى يامان يوللاردا پۇل تېپىشنى راۋا كۆرگەن بۇزۇقلار .
3 . يالغۇزلۇق مەسىلىسى . نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يۇرتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغاچ زىرىكىشنى سەزمەي چوڭ بولىدۇ ، بىراق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى يوق ، زىرىكىش ھېس قىلىپ ئالدىراپلا ئۆزىنىڭ زىرىكىشنى بېسىش ئۈچۈن ئالدى كەينىنى ئويلىمايلا يۈرىۋالىدۇ ، ئارلىشىپ مەلۇم باسقۇچقا بارغاندا بولىدىغان ئىشلار بولۇپ بولغاندا مەلۇم تەرەپ مەلۇم سەۋەپلەرنى كۆسۈتۈپ ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە تاشلاپ كېتىدۇ ، تاشلىنىپ كەتكۈچى بۇ ئازاپقا چىدىماي ئۆزىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ ، بۇلار داشۆ كۆرگەن بۇزۇقلار .
4 . بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسى . نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تۇلۇقسىز ، تولۇق ئوتتۇرلاردا مۇھەببەتلىشىۋالىدۇ ، بەزىللىرى نەچچە قاتا يۈرۈپمۇ بولىدۇ ، بۇلار ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن مۇھەببەتكە پەرۋاسىز قارايدۇ ، ئارلىشىشنى ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ ، كىم چاقىرسا شۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كېتىۋىرىدۇ ، بۇلار سورۇن كۆگەن بۇزۇقلار .
5 . ئىمان مەسىلىسى ، يۇرتىدا بەش ۋاغ نامازنى جايىدا ئوقۇيدۇ ، ھەممىسى ھەۋەس بىلەن ماختىغۇدەك ، يەنە شۇ ئالىي مەكتەپ قوينىغا كەلگەندىن كېيىن بىرقىسىملىرى ، ئاتا-ئانام يوق بولغاندىكىن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋالمايچۇ دەپ كۈندۈزى ھەممە يېرىنى مەھكەم ئېتىپ كىچىسى دىبامۇ دىبا ، جىيۇ بامۇ جىيۇ با ئويناپ يۈرۈيدۇ ، دە يوقىتىدىغاننى يۇقىتىپ ئازراق بولسىمۇ ‹‹ھاياتنىڭ پەيزىنى ››سۈرىۋالىدۇ ، ئىمانىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن ئۆزىنى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىدۇ ، بۇلار شەپەرەڭسىمان بۇزۇقلار .
6.تاشقى مۇھىت مەسىلىسى ، شۇنداق بىر ئوبدان ياشاپ كېلىۋاتقان قىزلار ، بىر دوستىنىڭ يا بىر ياتاقدىشىنىڭ بىر ئېغىز قىزىقتۇرىشى بىلەن بىرەر سورۇنلارغا بارىدۇ ‹‹جاھان كۆرمىگەن ›› قىزلار باشقىلارنىڭ شىرىن شىكەر سۆزلىرىگە ئىرىپ كىتىپ شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن يامان ئىشتىن بىرنى قىلىدۇ دە ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي بۇ ئىشقا بېشىچىلاپ پېتىپ كىتىدۇ ، بۇلار شەيتانلارغا ھەمرا بولغان بۇزۇقلار .
تۆۋە دەيمەن .... تۆۋە مۇشۇنداق بۇزۇقلار باشقا يەردە قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ يۇرتىغا بارغاندا ، قارى قۇرئان باللارغا تىگىپلا ‹‹ قۇتۇلىۋالىدىكەن ›› دىسە ، قارى باللارنىمۇ بۇلغاپ ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە شۇلارغا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنى قانداقمۇ قوقماي تاپشۇرامىز دەڭلار .....
ھەي !....ھەي !! ئۇيغۇر قىزلىرى ....باشقىلارنىڭ شىكەر يالتىلغان زەمبىرەك ئوقىغا ئالدىنىپ كەتمەڭلار ...... ياخشى ئوغوللار تېخى نۇرغۇن .... نۇرغۇن ......نۇرغۇن .....