turkinaz0992 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 12:24 AM
كىتابلار بولۇپمۇ ، بالىلار ئەسەرلىرى توپا بېسىپ ق ...
بۇنىسى راسىت. گەپ بىزنىڭ بالىلارغا كىتابنى قانداق دوست تۇتۇشنى ئۈگىتىشىمىزدە ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرشىمىزدە! يەۋۇدىيلار بالىلىرى كىچىك ۋاختىدىلا كىتابنىڭ ئىچىگە ھەسەل سۈركەپ، شۇ ھەسەلنى يالىتىش ئارقىلىق، بالىلاردا كىتابتىن ھەسەل چىقىدىغان ھەقىقەتنى ھېس قىلىدۈرۈش ئارقىلىق، كىتابقا، بىلىمگە ئىلھاملاندۈرىدىكەن. بىز قانداق قىلىمىز؟بالىلىرىمىز كىتابلىرىمىزغا قول ئۇزاتسا، مەينەت قىلىسەن، يىرتىلىپ كېتىدۇ، تۇتما دەپ تارتىۋالىمىز ، بالىلارنىڭ بويى يەتمەيدىغان ئىگىز يەرگە ئېلىپ تىزىپ قويىمىز ياكى ئۇلار تاپالمايدىغان يەرگە تىقىپ قويىمىز؛ كىتاب ئالىمەن دېسە، ئۆزەم ئېلىپ بېرىمەن دەپ پۇل بەرمەيمىز، كىتاب ئېلىپ بەر دېسە، ماقۇل دەيمىز، ئۇلارنى كىتابخانىغا ئېلىپ بېرىشقا چولىمىز تەگمەيدۇ، كىتابخانىغا ئاپارماي، ئويۇن- تاماششا بار جايغا ئاپىرىمىز. مانا شۇنداق. شۇڭا بىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتساقمۇ، بالىنىڭ دەردى ئىچىدە راھەت دېگەننى كۆرمەي ئۆتىمىز، ئەۋلادىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ بىزدەك، ھەتتاكى بىزدىن بەتتەر ئۆتىدۇ. يېقىندا خەنزۇلارنىڭ نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر كىنۇنى كۆردۈم، ئۇنىڭدا بىر باي ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا ۋەيران بولىدىكەن، ئەۋلادىغا پۇل -پۇچەك قالمايدىكەن، لېكىن، ئۇنىڭدىن بىر كۈتۈپخانا ۋە نەچچە يۈزلىگەن كىتاب قالىدىكەن، ئاشۇ كىتابلار بىلەن ھېلىقى باينىڭ بالىلىرى كامالەت تېپىپ، قەددىنى رۇسلاپ، داڭلىق شەخسلەردىن بولۇپ قالىدىكەن، دېدىمكى، ۋاي شۇنداق ئىپتىدائىي زاماندىمۇ ئۇلار كۇتۇپخانا قورۇشنى بىلگەن ئىكەن، دېمەك، ئۇلار بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتكەن....بىزگە يەنە نېمە دېگۈلۈك؟....خەيرىيەت!