سۇمۇرۇغ يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 02:19 PM
ئىشقىلىپ مەن مىللەتنى ئەڭ ئالدىغا ،دىننى ئۇنىڭ كەينىگ ...
مېنىڭ ئۇيغۇردىشىم، سىزچە راستلا ئۇيغۇر مىللىتى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇن بار بولغىيمىتى؟
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى گەپلەرنى قانداق چۈشىنىمىزكىن؟
بارچە دىنلارنىڭ ئاساسى ئىسلام، پەقەت ھازىرقى ئىسلامدىن باشقىلىرى بىئەقىل ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنىڭ رۇخسەتسىز تېگىپ كېتىشى تۈپەيلى ئۆزگەرتىلىپ ئاخىرىدا ئاللاھ تەرىپىدىن مەنسۇخ قىلىنغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بارچە دىنلارنىڭ ئورنىغا ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دەسسىگەن.
ھەرقانداق مۇسۇلماندىن، «سەن كىم» دېسە جاۋابەن:«ئەلھەمدۇلىللەھ مۇسۇلمانمەن»دەپ جاۋاب بېرىدۇ، «قاچاندىن بېرى مۇسۇلمان ئىدىڭ؟»دېگەن سوئالىغا «قالۇ-بەلادىن بۇيان »(بۇ سوئاللار ھەر بىر قەبرە ئىگىسىنىڭ جاۋاب بەرمەي قالمايدىغان سوئاللىرى)دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ يەردە دېيىلگەن قالۇ بەلا ۋاقتىنى بىلەمسىز؟ ئۇ دەل ئاللاھ تەئالا ئادەم ئاتىنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، بارچە پەرىشتىلەرنى ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بارچە ئەۋلادىنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان شۇ ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، يەنى شۇ چاغدا بىزنىڭ ھەم سىزنىڭ روھىڭىزمۇ شۇ سەجدىچىلەر ئارىسىدا بارتى دېگەنلىك، بىراق ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر تۇرماق ھاۋا ئانىمۇ يارىتىلمىغان.
سىزچە ئەمدى يەنە ئۇيغۇر ئىسلامدىن بۇرۇن يارىتىلغانمىدۇ؟ سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزنى ساقلاپ قېلىشقا ھەقلىق، بىراق سىزنىڭ شۇ سۆزىڭىز باشقا دېلىغۇل ھالىتىدە تۇرغانلارغا سىڭىپ قالمىسىكەن دەيمەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «تەپرىقەتچىلىك قىلغانلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ»دېگەنىكەن، شۇڭا تەپرىقەتچىلىكتىن خۇدا ساقلىسۇن ئامىن!