yurkimzida يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 05:27 PM
باينىڭ بالىسى باي بولىشى ناتايىن،نىمىشقا دىسڭىز،ساق ...
بۇرۇنقى پومشچىكلارنى ئەينى ۋاقىتتا 1949-يىلى قىزىل ئارمىيە كىرگەندە 3 چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلايمىز دېگەن ھەرىكەت بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنى ھەم مال دۇنيالىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىككە ئۆتكۈزۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇرۇن باي، پومشچىك ئىكەنلىك تارىخىنى ئېيتىپ بەرگەن گەپ.(ئۇ ۋاقىتلاردا ئامال يوق).
ئەمما ھازىرقى قىسمەن بايلارنىڭ بالىلىرى بايلىقنى قولدا تۇتالماي سورۇپ تۈگەتكەن بولسا، ئۇ، ئۇ بالىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ياكى بولىشىنىڭ يوقلۇقى.
****************************************************************************
مۇنبەر بوشلۇقىنى زايە قىلماسلىق ئۈچۈن، تېما يوللىغۇچى دوستىمىزغىمۇ مۇشۇ ئىنكاستىلا رەھمىتىمنى بىلدۈرەي. ناھايىتتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز. ھارمىغايسىز.
بىر ئائىلىدا بالا تەربىيەسىگە نىسبەتەن ئەر بىلەن ئايال ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئۇرۇندىشى كېرەك، ھەم بالىلارغا جانلىق ئۈلگە بولىشى كېرەك. چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن ئاتا-ئانا ئائىلىدىكى بىرىنچى ئۇستازدە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustam205 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 08:08 PM