xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 07:35 AM
ئايالار ئۇ بولدى بۇ بولدى دەيمىز ئەسلى ھەممىنى ئەرلىرى ...
كالىڭىز بەك ئىشلەپ تۇ. ھەمىسى بىز ئەرلەردىكى مەسىلە. ئەرلەردىكى مەسىلە ھەل بولمىدى دەپ تۇتقان يولىڭزغدا مېڭىۋېرىڭ.
منىڭ 2 سڭلىم بار ئۆيدە شۇنداق چىڭ باشقۇرۋاتىمىز ،مەكتەپكە ۋاقتىدا بارىدۇ ،ۋاقتىدا كىلدۇ. مەكتەپ يېنىدىكى نەرسىلەرنى ئالغىلى قويمايمىز ،مەينەت يىسەڭ ئاغرىپ قالسەن دەپ. كىچىك بولسىمۇ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ياخشى كىتىپ باردۇ.
مەن يۈز كۆزىنى بويىغانلارنى ياختۇرمايمەن ،بۇرۇن بىر نەچە ساۋاقدىشىمغا شۇنداق دىسەم . ھەممە خەق قىلۋاتقان تۇرسا ،بىز قىلساق نىمە بوپتۇ. بىز گۈزەلىكنى سۆيىمىز دىگەن جاۋاپ كەلدى. سىز مۇشۇ ئىشتىن ئۆزىڭىزنى تۇتالامسىز ؟ نىمىدىىن ياسالغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنى يۈزۇڭلەرگە كۈندە سۈرتىسىلەرغۇ . بۇمۇ ئوغۇلاردىكى مەسىلىمۇ؟
ئالدىنقى قېتىم ئۆيگە قايىتقاندا ئارماندىن بىر نەرسە ئېلىۋاتتاتىم ،بىرسى كاڭ ئۇستام چۆپىدىن بىر نەچىنى ئاپتۇ ،مەن يېنىغا بېرىىپ ئويغۇرلار ياسىغان مۇسۇلمانچىسىنى ئاسلىڭىز بولمامدۇ دىسىەم ،پۇل تۆلەپ بوپتىكەن قىزىرىپ چىقىپ كەتتى .
ناھىيە بازىردىن يېزىدىكى تۇققانلارنىڭكىگە بارماقچى بۇلۇپ بېكەتكە بارسام ماشىنا توشاي دەپتىكەن ،بىردەمدىن كىيڭىن ماشىنا قوزغالدى بىكەتىن چىقىشىمىزغىلا كىچىك بوتكىدىكى ياردەمچى ساقچىلار ماشىنىدىكى ياشراق 4-5 ئادەمنى چۈشۈپ كىملىك تەكشۇردىغانلىقىنى ئېيتى . بوتكىغا كىرسەك باشقىلارنىڭ كىملىك ،تىلفۇن ، تىلفۇنىڭ ئچكى ساقلار كارتىسى قاتارلىقارنى تەكشۈردى . بۇئىشلارنى كۈرۈپ شۇنداق ئاچىغىم كىلىپ تۇراتى . مەندىن سورىغان نەرسىلەرنىڭ ھەمىسىنى يوق دىدىم . ئاخىرى ھەمىمىز مانىشىغا چىقىپ يولىمىزغا ماڭدۇق. مەن يەرلكىك تۇرۇپ ماشىندا 30-40 مىنۇتلار كىتىدىغان يەرگە بېرىپ ئۈچۈن ئاشۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ يۈرەمدىم.
ئوغۇلارمۇ كۆچەۋاتىمىز ،تىرشىۋاتىمىزغۇ ؟ قالغىنى ئۆزىڭىزدىكى مەسىلە. يەنە ئوغۇلاردا ۋىجدان يوق،غورۇر يوق دەپ قاقشاۋەرسىڭىز ،ھىچ نىمىنى ھەل قىلالمايسىز .
كالىسى ئىشلەيدىغانلا ئادەم بولسا مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ئۆزىدىن باشلاش،ھازىردىن باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۇ .