تەنھا (شېئىر)
قۇلاق سال سۆزۇمگە ئەي يىگىت ئوبدان، بېرەلمەسمەن كۆڭلۇمنى ساڭا ھېچقاچان. رازىمەن بىر ئۆمۇر تەنھا ئۆتۇشكە، يارىدۇر يالغۇزنىڭ خۇدا ھەرقاچان.
ئەنە ئايمۇ يۈرۈيدىغۇ ھەركۈنى تەنھا ، سەيلەقىلىپ گۈمبىزى ئاسماننى تامان. مەن ئادەم ئەجىبا بولالماسمەنمۇ ئەنە شۇ مەشۇقسىز ئايچىلىك ھامان؟
دەيدىغۇ بەزىلەر ھايات گۈلىشىنى، تاپمىغاي سۆيگۈسىز ۋىسال ھىچقاچان . ۋەلىكىن كۆڭۈل ئۇ ئەمەس ئالمىدەك ، بىر چىشلەپ تاشلاپلا خارلايدىغان.
كەچۈرگىن ئەي يىگىت كەچۈرگىن مېنى، بولالماسمەن مەن مەڭگۈ ساڭا يار جانان . قەلبىمدە بار پەقەت بىر ئاللاھ سۆيگۈسى، ئۇنۇتقىن سەن مېنى بولغىن سەن ئامان. مەنبە: قەلىمىم ئەسكەرتىش :مەزكۈر ئەسەر ھوقۇقى پەقەت ئاپتورغىلا تەۋە ،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ،
|