يازغۇچى يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 12:58 AM
ھە نېمە بولاپتۇ؟ شۇ بىر يۇلتۇز يەر شارىغا سوقۇلۇپتۇغۇ؟ ...
دېگىنىڭىز توغرا. ئەمما ئادەتتە شۇنداق بىر مەنزىرىنى كۆرمەكنىڭ ئۆزى بىر گەپ. بۇ قېتىم چاتاق بولغىنى، ئادەملەرنى زەخمىلەندۈرگەن يېرى بار.
كىچى ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمدە ھازىرغىچە بار. ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى دەھشەت ياخشى ئىدى. ئاسمانغاقارىسا يۇلتۇزلار مىغ-مىغ كۆرۈنەتتى. ئەپسۇس، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. شۇ چاغدا شۇنداق بىر قاتتاىق ئاۋاز چىققان ئىدى. ئاسمانغا قارىدىم. كەچ ۋاقتى ئىدى. مەھەللىدە بالىلا ئويناۋاتقان ئىدۇق. قارىسام كەينىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان بىر نەرسە ئۇچتى. كېيىن يوقاپ كەتتى. 10 سكىنۇتقا بارمايدۇ. بالىلار ھەممىمىز ھەيران قالدۇق. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 72 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈنىدۇ دېگەن گەپ بولدى. يەنە بىر ئىش، ئۇمۇ كەچ ۋاقتى. يەنە شۇ كىچىك ۋاقتىم. يەنە شۇ مەھەللىدە. ئەتىراپ قاپقاراڭغۇ. ئەمما ئاۋازمۇ يوق، تۇيۇقسىز بىر نەرسە چاقناپ ئەتىراپ يوپ-يورۇق بولۇپ كەتتى. بۇ ىش ئىككى قېتىم يۈز بەردى. ئەمما چوڭ بولغاندىن بېرى بۇندق ئىش يوق. مەن ئاسترونومىيەگە بەكلا قىزىقىمەن. كۆرگەن كىتابلىرىممۇ جىق. ئىشقىلىپ غەلىتە ئىشلار جىق.