|
|
|
|
ھازىر قەشقەر شەھرى 11 ئورۇندا ئىكەن باشقۇرغۇچىلار بۇتىمىن تەستىقلاپ قويسا ياكى ئەسلىدىكى تىمى ئىلگىرلىتپ قويسا .........قەدىمىي شەھەر قەشقەر يېقىندا "جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى'' نى توردا بېلەت تاشلاپ باھالاشتا ، 100 نامزات شەھەر ئىچىدىن بىرىنچى باسقۇچتا تاللىنىپ ، ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىردى . بۇ گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان ، جۇڭگو خەلقارا رادىئو ئىستانسىسى خەلقارا تور لىنىيەسى باشقۇرغان ‹‹2010–يىللىق جۇڭگودىكى شەھەرلەر سەھنىسى — پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرىنى كۆرسىتىش›› پائالىيتى بولۇپ ، ھازىر ئىككىنچى باسقۇچلۇق توردا بېلەت تاشلاپ ، ئالدىنقى 20 كۈچلۈك شەھەرنى تاللاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . كەڭ تورداشلار 28–ئىيۇندىن 16–سېنتەبىرگىچە توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ، ھازىرقى 50 شەھەر ئىچىدىن كۈچلۈك شەھەرنى تاللاپ چىقىدۇ . 27 –سېنتەبىردىن 26–نويابىرغىچە تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھا بېرىپ بېكىتىشى ئارقىلىق 10 شەھەر تاللاپ چىقىلىپ ، ‹‹ پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى›› دېگەن شەرەپ بېرىلىدۇ .
ھازىر قەشقەر شەھىرى 1335 ئاۋاز بىلەن 50 شەھەر ئىچىدە 25–ئورۇندا تۇرماقتا . ئەگەر سىز ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن كۆرسىتىلگەن قەشقەر شەھىرىنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى ساياھەت شەھىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، http://chinesecity.cri.cn/ دېگەن تور ئادرېسقا كىرىپ ، ‹‹قەشقەر›› ئاستىدىكى ‹‹بېلەت تاشلاش›› كاتەكچىسىنى چەكسىڭىزلا قەشقەر شەھىرىگە بىر بېلەت تاشلىغان بولىسىز.
ھەممىمىز بىرلىكتە گۈزەل قەشقەرنىڭ ‹‹جۇڭگودىكى 10 كۈچلۈك ساياھەت شەھىرى›› دېگەن شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرايلى !
مەنبە:http://www.misranim.com/mazmun.asp?action=hawar&id=2909
|
|
|
|
|
|