ئۇرۇمچىدە گۈل سېتىۋاتقانلار كەچ بولغاندىمۇ سۇغۇقتا دۈگدىيىپ تۇرۇپ كىتىپتۇ ، ئىچىم ئاغرىسىمۇ خۈش بۇلۇپ كەتتىم . گۈل كۈتۈرىۋالغان بىر قىزدىن باشقا قىزلارنى ئۇچراتمىدىم . تاكى ئۆتكەنكى چاقچاقتا دىيىلگەندەك پىياز ، تۇرۇپ سۆۋغا قىلدىمۇ يا ؟!
شۇنىڭدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ، بۇ ئاتالمىش « بايرام » ئۇيغۇرغا ئۆزلىشىپ 15 يىل بولمايلا ساپالىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەنرەك چەت رايۇنلاردىكى ياشلار ۋاقتىنچە ئۆزىنى گولداپ يۇرگەندەك قىلسىمۇ ئۇزۇنغا بارماي ئۇلارمۇ بۇنى رەت قىلىدۇ ، ھەتتا بىر كۈنلەر كىلىدۇكى بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش ئەڭ ساپاسىزلىق ، قالاقلىق ، ئىمانسىزلىق دەپ قۇبۇل قىلىنىدۇ .
بۇ يىل ھەقىقەتەن چچ ۋە ئۈندىدارنىڭ بۇنى چەكلەشتىكى رولى بەك ياخشى بولدى ، مەنمۇ ئېقىمنىڭ تۈگەپ كىتىشىدىن قورقماي
بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالسام بىرنى ئىككىنى تاپشۇرىۋالسام ئىككىنى بوشلۇقىمغا يوللاپ تۇردۇم .
مانا بۇنى زامانىۋى ھەم مودا تېخنىكىنى جايىدا ئىشلىتىش دىسەك ئارتۇق كەتمەس ؟!