شىنجاڭ ئونۋىرىستىتى بولسا دۆلەت"211 قۇرۇلۇشى "دىكى ، دۆلەت غەربىي رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا نوقتاقىلىنغان ، ئوتتۇرا غەربىي رايۇنلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسي ئىقتىدارقۇرۇلۇشىدا نوقتا قىلىنغان ،مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە قۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ . 1924- يىلى بىرىنچى ئايدا شىنجاڭ سىياسىي قانۇن مەكتىپى (روسچە ) ئاساسىدا قۇرۇلغان . 1935- يىلى بىرىنچى ئايدا شىنجاڭ ئىنىستىتوتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن .1950 –يىلى 10 –ئايدا شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتوتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . 1960-يىلى 10- ئايدا رەسمىي شىنجاڭ ئونۋىرىستىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . 1978-يىلى گوۋۇيۈئەن تەرىپىدىن " شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەتدەرىجىلىك نوقتىلىق ئالىي مەكتەپ " دىگەن نامغا ئىرىشكەن . 1997 -يىلى بىرىنچى تۈركۈمدە دۆلەت تەرىپىدىن "211 قۇرۇلۇشى " غا كىرگۈزۈلگەن .2000-يىلى دۆلەت غەربىي رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا نوقتىلىق قۇرۇلدىغان مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن . 2000 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 –كۈنى ئەسلىدىكى شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتىنى قۇشۇۋالغان . 2004 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " مىنىستىرلىك بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇن بىرلىكتەقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ " دىگەن نامغا ئىرىشكەن .
شىنجاڭ ئونۋىرىستىتى بولسا شىنجاڭدىكى ئوقۇتۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، مەكتەپ قۇرۇش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ، تەتقىقات سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ئونۋىرسال ئالىي مەكتەپ . مەكتەپتە ھازىر 26مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بۇلۇپ،پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تۇللۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى 18897 نەپەر . پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ماگىستىېر ئاسپىرانىتلار 3469 نەپەر . پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى دوكتۇرئوقۇغۇچىلار 239 نەپەر . چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 400 دىن ئارتۇق .
مەكتەپتە ھازىر پەلسەپە ، تارىخ ، ئەدەبىيات ، قانۇن ، ئىقتىساد ، تەبىيپەن ، باشقۇرۇش پەنلىرى ، سانەئەت پەنلىرى قاتارلىق 8 چوڭ كەسىپ تۈرلىرى بار بۇلۇپ ئىختىساسلقلارنى تەربىيلەشتە ھەر قايسى ساھە لەرگە چېتىلىدۇ . ھازىر 80 دىن ئارتۇق تۇللۇق كۇرۇس كەسىپلىرى بار .10 دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى ، ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئىختىساسلىقلار قىس كەسىپتىن19 بار .دوكتۇرلۇق ئۇنۋان بىرىشتە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇندىن سەككىزى بار .
مەكتەپتە ھازىر 23 ئىنىستىتوت .بىر ئاسپىرانىتلار ئىنىستىتوتى . بىر مۇستەقىل ئىنىستىتوت ، بىر ئوقۇتۇش تەتقىقات بۈلۈمى ، سەككىز مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى، قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايۇنلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتى بۇيىچە خەلقىئاراتەتقىقات ئورنىدىن بىرسى بار . مەكتەپ ھازىر 2015 – يىلىغا بارغاندا مەكتەپنى دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە ، 2020 –يىلىغابارغاندا غەربىي رايۇندىكى ئەڭ ئىلغار ،ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ، خەلقىئارادا نامى بار مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا .
مەكتەپنىڭ كۆلىمى 4500 مو . مەركىزىي مەكتەپ رايۇنى ، جەنۇبي مەكتەپرايۇنى ، شىمالي مەكتەپ رايۇنىدىن ئىبارەت ئۈچ پارچىگە بۈلۈنگەن .(2000- يىلى قېتىۋالغان شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتوتى بولسا مەكتەپنىڭ شىمالىي مەكتەپ رايۇنى ).جەمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى بىر مىليۇن 50 مىڭ كىۋادىرات مىتىردىن ئاشىدۇ . مۇقۇم مۈلكى2 مىليارد تىن ئاشىدۇ . ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى قىممىتى 300 مىليۇندىن ئاشىدۇ .مەكتەپ كۈتۈپخانىسنىڭ كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادىرات مىتىردىن ئاشىدۇ . كۈتۈپخانىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيىچە داڭلىق كۈتۈپخانىنىڭ بىرسى دىيىشكە بۇلىدۇ . 2010 –يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلانغان كىتاپلار380 مىليارت ئەتراپىدا .بۇنىڭ ئىچىدە ئىلىكتىرونلۇق كىتاپلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ . قەدىمىي كىتاپلار 310 مىڭ پارچە ئەتراپىدا . مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرىدىن قالغان كىتاپلار 800 پارچە ئەتراپىدا . شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخىغائائىت كىتاپلار 8000 پارچىدىن ئارتۇق .مەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىغىمۇ كىرىپ باققان . بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۈپۈپخانىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇ يەر ھىچقانچە ئەمەس.
داڭلىق مەكتەپداشلار ۋەتارىختىكى مۇدىرلاردىن : بورھان شەيىدىن . سەيپىدىن ئەزىزى . ئازات سۇلتان . ھۇشۇرئىسلام . ئابلەت ئابدۇرشىت . ئىسمايىل تىلۋالدى . تاشپۇلات تىيىپ . ئابدۇكىرىمراخمان . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلار بار .
نەق گەپكە كەلسەك ،يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بەيدۇ قامۇسىدىكى مەزمۇنلار . بەلكىم نۇرغۇنلار تېما ئىسمىنى كۈرۈپلا بەيدۇغا كىرگۈزۈپ قانداق مەزمۇنلار باردۇ دەپ كۈرۈپ باققانسىلە ، ياكى بەيدۇ قامۇسىدىكى گەپلەر بىلەن مەن دىگەن گەپنى سېلىشتۇرۇپ باققانسىلە . ئەمدى مەن بەزى نوقتىلارغا چۈشەنچە بەرگەچ چالا قالغان مەزمۇنلارنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي .
مەكتەپنىڭ تارىخى خېلى ئۇزۇن .نۇرغۇن ئىش ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ نۇرغۇن تارىخقا شاھىت بولغان . ئۆزۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ نۇرغۇن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىققان .
توردا جەمىي 26000 ئوقۇغۇچى باردەپ يىزىلىپتۇ . ئەمىليەتتە ئاز دىگەندىمۇ 35000 مىڭ ئوقۇغۇچى بار (مىنىڭ پەرىزىمدە ئۇيغۇر باللا بىر تۈمەن ئەتراپىدا ). نىمىشقا دىسەڭلار ساندىن سىرىت ئۇقۇيدىغان ، ئۆزلۈگىدىن ئۈگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار . مەن ئونۋىرستىتقا قۇبۇل قىلىنغاندا پىلان 986 ئىدى . لىكىن مەن مەكتەپكە بېرىپ بايقىدىمكى مەندەك قاراكۆزدىن 1100 دىن كۆپرەك بار ئىدى . (قالغانلىرى يان ئىشىكتىن كىرگەن بولسا كىرەك ). مەكتەپ نامدا پەقەت تۇللۇق كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈمدىلا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىىلىدۇ .ئەمىليەتتە يانچۇق بوش قالمىسۇن دەپ چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن بىرنى قۇرۇپ قويغان . شۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچى "چوڭلار " بار . مەكتەپنىڭ يەنە بىر مۇستەقىل ئىنىستىتوتى بار . شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى پەن – تېخنىكا ئىنىستىتوتى دەپ . بۇلارمۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە . تەخمىنەن 6000 ئەتراپىدائوقۇغۇچىسى بار .يىللىق ئوقۇش پۇلى 10 مىڭ. (قانداق ، كىرىمى جىقمىكەن ) . ئەسلى مەكتەپكە يېڭى قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارشىمالىي مەكتەپ رايۇنىدا بىر يىل تەييارلىق ئۇقۇيتى . مەكتەپ دەرۋازىسىدا شىنجاڭ ئونۋىرستىتى شىمالىي مەكتەپ رايۇنى دەپ باتى . (بۇ يەردە 3 ئېنىستىتوت بار .) تېخى يېقىندا بىر ئىش بىلەن ئۇ تەرەپكە ئۈتۈپقالدىم . قارىسام باشقىچە . دەرۋازىغا چوڭ قىلىپ شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى پەن – تېخنىكا ئىنىستىتوتى دەپ يىزىلىپ قاپتۇ.قارىغاندا مەكتەپ 2000 – يىلى قۇشۇۋالغان ئۇ يەرنى پۇلنى جىق تاپىدىغان بالىسىغا بىرىۋەتكەن چېغىۋا .
مەكتەپنىڭ بىر تارىخى كۆرگەزمىخانىسى بار . خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ئىشىگى تاقاق . پېقىرغا بىر كۈنى تەلەي نىسىپ بۇلۇپ قېلىپ كىرىپ باقتىم . مەكتەپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنماتىريال ۋە سۈرەتلەر باركەن . بەزىلىرى بۇرۇن پەقەتلا ئاشكارلانماپتىكەن .ھەم ھازىرمۇ ئاز ساندىكىلەر بىلىدىغان سىر پېتىدا . مەن كۆرگەنسىرى قىزىقىپ قالدىم ،شۇ قىزىقىش ئىلكىدە كۈرۈۋاتسام ۋاقىت تۇشۇپ ،توڭ قاپاق باشقۇرغۇچى چىقىرۋەتتى . بىر نوقتىغا بەك ھەيران قالدىم . ئويغانغان زىمىننى ئۇقۇپ باققانلار بىلىسلەر . پەن ياۋنەن تاپانچا بىلەن ياڭ زىڭشىنن ىقەسىتلەپ ئۆلتۈردۇ . لىكىن كىتاپتا باشقا تەپسىلىي مەزمۇنلار يوق . ئەمىليەتتە ياڭزىڭشىن مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا كەلگەندە قەسىتكە ئۇچىرغانىكەن . شۇۋاقىتتىكى سۈرەت ۋە بەزى ماتىرياللار شۇ كۆرگەزمىخانىدا بار ئىكەن . مەن كۈرۈپ ھەيران قالدىم .
مەكتەپنىڭ پۇلى توغۇرلۇق گەپ .مەكتەپنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ، ئاپتۇنۇم رايۇن دىگەندەك ئاكىلىرى جىق بولغاچقايانچۇقى خېلى توم .يېقىندىن بىرى ساھەلەر بۇيىچە ياردەم بىرىمىز دەپ ئۇششاق چۈششەك ئاكا ئۇكىلىرى يامان جىق بوپكەتتى . بىزنىڭ ئىنىستىتوت كىچىكراق ئىنىستىتوت قاتارىدا(فىزىكا ئىنىستىتوتى ) . شۇنداقتىمۇ بىز تەجىربە ئىشلەيدىغان سايمانلار ئىچىدەيەككە باھاسى بەش مىليۇندىن ئاشىدىغان ئەسۋاپتىن ئىككى – ئۈچى بار . ئاڭلىسام جەنۇبىي مەكتەپ رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن بۇلاق باغچىسى دىگەن خېلى چوڭ بىرباغچىنى ئاپتۇ دەيدۇ . ئۇ يەرمۇ خېلى چوڭ .قارىغاندا مەكتەپ ھەقىقەتەن باي ئوخشايدۇ . مەكتەپنىڭتەنتەربىيە سارىيىمۇ شۇنداق ھەيۋەت . داڭلىق توپچىلارمۇ پات پات كىلىپ توپ ئويناپ تۇردۇ . ھېلىراقتا رەسىمىنى كۆرسىتىپ قۇياي . بايا قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايۇنلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتى بۇيىچە خەلقىئارا تەتقىقات ئورنىدىن بىرسى بار دىگەن گەپنى قىلدىم . بۇنى 99 %باللا بىلمەيدۇ . ئاڭلىغان بولسىمۇ بېرىپ باقمىغان . مەن بىر قېتىم بېرىپ باقتىم ،مەكتەپتىن 30 باللىنى ئاپارغان . ئۈرۈمچىدىن تەخمىنەن 300 كىلومىتىر كىلىدىكەن .كۆلىمى 7000 مو . ياپۇنىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆكەرتىدىغان جايكەن . بىز تېخى 3سائەت ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بېرىپ ، ئىككى سائەت كۈچەت تىكىپ يېنىپ كەلگىنىمىزگەقاقشاپتۇق . ئەمىليەتتە ھەر يىلى ياپۇنىيەدىن قەرەللىك ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ كۈچەت تىككۈزۈپ مۇھىت تەربىيەسى بىرىدىكەن . ئۇلارنىڭ بۇ روھىدىن بەك تەسىرلەندىم .بۇلۇپمۇ 80 ياش ئەتراپىدىكى بىر بوۋايمۇ كەپتۇ . ئارىمىزدا ياپۇن تىلى كەسپىدىكىبالىلارمۇ بار ئىدى . پاراڭلىشىپ باقتۇق . بىزمۇ قىزىقسىنىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنىسورىدۇق . ئۇلارمۇ ناھايتى قىزغىن جاۋاپبەردى . پاراڭلىشىش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى ياپۇنلار راسىتلا ماختىغۇچىلىكى بار خەخكەن . ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن جىق گەپقىلماي .
مەكتەپ2010 – يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئونۋىرسال كۈچى قاتارىدا 87 – ئۇرۇندا تۇراتتى . ھۇشۇر ئىسلام ئاكادىمىك بۇلۇپ باھالىنپ ، شۇنىڭ يۈزى بىلەن بۇ يىلى 76-ئۇرۇنغا ئۈتۈپتۇ .ئىلگىرلەش غايەت زور . بولسا يەنىمۇ ئىلگىرلىسۇن .بايا 211 قۇرۇلۇشى دەپ سۆزلەۋىرىپتىمەن . ئەمدى چۈشەنچەبىرىپ قۇياي . 21 – ئە سىردىكى يۈز كۈچلۈك ئونۋىرستىتنىڭ بىرسى دىگەن گەپ . بىزنىڭ مەكتەپ بىرىنچى تۈركۈمدە يەنى 97 – يىلى كىرگۈزۈلگەن . ( كىيىن يەنە باھالاپ خېلى كۆپ مەكتەپلەرگە بۇ ناملارنى بەردى . شىنجاڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەردىن ئىككى يىل بۇرۇن شىخەنزە ئونۋىرىسىتىتى كىردى،لىكىن بۇ مەكتەپ مەملىكىتىمىزدىكى يۈز كۈچلۈك ئونۋېرسىتىت ئىچىدە يوق . ئۇ مەكتەپتە 20مىڭدىن ئارتۇقراق ئوقۇغۇچى بار ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 500 ئەتراپىدا ، بەلكىم بۇنۇڭدىنمۇ ئاز ).
ئەمدى مەكتەپ بولغاندىكىن ،جەمىيەتتە ھەرخىل راسىت – يالغان سۆزلەر ئېقىپ يۈرۈيدۇ . بۇنىمۇ توغرا چۈشەنسەك بۇلىدۇ . ئامال يوق ،35000 ئادەمنى قانداقمۇ توپتوغرا باشقۇرغىلى بولسۇن . شۇ يىلدا گەپ ئاڭلىمىغاندىن 20-30 نى مەكتەپتىن قوغلاپ تۇردۇ . مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇبىر جەمىيەت .