بىز بۇ مازار ھەققىدىكى سۈرەتلەرنى مۇنبەرگە يوللاشتا مۇنداق بىرقانچە مەقسەتنى كۆزدە تۇتتۇق. بىرىنچى، مەيلى شاھ، مەيلى گاداي، مەيلى ئالىم ۋە مەيلى زالىم بولسۇن، ھامان بىر كۈنى قارا يەر تەكتىگە كىرىپ كېتىدىكەنمىز. شۇڭا ئىلكىمىزدىكى ھەر بىر كۈن، ھەر مىنۇتنى قەدىرلەيلى. ھاياتىمىزنى ئەڭ گۈزەل ئىشلارغا بېغىشلاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى دىگەندىن ئىبارەت. ئىككىنچى، ھە دېگەندە رەڭگا-رەڭ چىراقلار، قەۋەت-قەۋەت بېنالار ۋە يەنە شۇنداق زامانىۋىلىق بىلەن ئاۋات بولۇپ كىشىلەرنى ئۆلۈمدىن غەپلەتتە قالدۇرىدىغان ئاۋات شەھەرلەرنى، مەنزىرلىك باغۇ-بوستانلارنى، باغچا-سەيلىگاھلارنىلا زىيارەت قىلماي، مانا مۇشۇنداق كىشىنى ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىغا قايرىلىپ قايتىباشتىن نەزەر سېلىپ بېقىشقا ئۈندەيدىغان مازارلارنىمۇ زىيارەت قىلايلى، شۇ چاغدا ھاياتىمىزدىكى مەنىسىز ئۆتكەن دەملەرگە ئۆكۈنۈش ۋە ئەمدى قالغان ئۆمرىمىزگە سۇئال تاشلاش ئىستىكى تۇغۇلسا ئەجەپ ئەمەس. ئۈچۈنىچى، كىتاب ۋە تور دېڭىزىغا مەستانە بولغانلار ئاز-تولا ۋاقىت چىقىرىپ مانا مۇشۇنداق ئۈستى ئۇچۇق موزىيلارنىمۇ كۆرۈپ باقايلى. ئاشۇ قەبرىستانلىقلاردا چىرىپ توپىغا ئايلانغان ياكى شىھىتلىك مۇقامىغا يېتىپ خۇددى تىرىك ئادەملەردەكلا ساقلانغان سىزدەك-مەندەك نى-نى ئىنسانلار بار...
مۇنۇ ئۇلىنىشقا كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ: http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=5169
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مولجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 11:36 AM
|