نىم دىيىشىمنى بىلمىدىم .. قارامايدا بەك جىق دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ئۇنداق قىمارخانىنى ، بىراق كۆنگەن .ئادەملەرنىڭ سانى بەكلا جىق .... قارىسا ھەممىسى دىگۈدك ئۇيغۇر بالىلار ، بىر-بىرىدىن چىرايلىق بالىلار ،ئاشۇ يەردە بىركۈن بىركۈنلەپ سىرتقىمۇ چىقماي ئولتۇرۋېتىدۇ ... ئاتا_ئانىسىنىڭ ،ئۆزلىرىنىڭ جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى بىكاردىن - بىكارغىلا خەققە قوشقوللاپ بېرىۋېتىدۇ ،نەچچە مىڭ نەچچە ئونمىڭ ھەتتا بەزىدە تاسلا قالىدۇ يۈز مىڭلاپ ئۇتتۇرغىلى .... سىرتتا ، گەدەندە بۇرمۇنچە قەرىزبولۇپ كەتكەن يەنە تېخى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاچچىق تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ باشقىلارنىڭكىگە قاراپ ھەسرەت چىكىپ ئولتۇرغان .. خىزمىتى بارلار ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا بۇنىڭكىنى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ قەرىزنى تۆلە بەلكىم ، خىزمىتى يوقلار ئامالسىز ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ................. بۇرمۇنچە دەرت _ ئەلەملەرنى تارتىپ بولۇپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئاران پاكىز بولۇپ بولاپ يەنە قايتىدىن ئويناۋاتقان ، يەنە شۇ پاتقاقتا يۈرگەن ..... ئەلۋەتتە ئۇ يەرلەردە ماۋۇ [خەن] فامىلىلىكلەرمۇ ئوينايدۇ ..بىراق ئۇلارغا پۇل دىگەن چوڭ نەرسە ئەمەستە ، بۇنى دەپ يۈرمىسەممۇ ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتقۇ ھازىر
،...... زەھەرلىك چىكىملىىككە ئوخشاش ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نەرسە ئۇمۇ...ئوينىمىسا ئوتۇرالمايدىغان ....ئېلىكتىرونلۇق خېروئىن [电子海洛因 ] دەپ قويدىكەن ما خەق ئۇ نەرسىنى ....
ئۇلۇغ رەببىم ئاللاھ دىيارىمىزنى ھىدايىتىڭىز نۇرىغا چۆمدۈرگەيسىز ، ئوغۇل -قىزلىرىمىزنى ھىدايەت قىلغايسىز ... بىز خۇددى قۇرۇپ قالاي دىگەن دەرەخ سۇغا مۇھتاج بولغاندەك بارلىق ئۇيغۇرلىرىمىز دەل سىزنىڭ ھىدايىتىڭىزگە مۇھتاجبىز ...يا رەببىم ئاللاھ !!! گۇناھلىرىمىز يىتىپ ئېشىپ كەتتى ، بىزلەرنى يەنە شۇ ئازغۇنلۇق ئىچىدە ،غەپلەت ئىچىدە قويۇپ گۇناھلىرىمىز ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزۈشىمىزدىن ساقلىغايسىز... سىزگە ھەرقانداق ئىشلار ئاساندۇر رەببىم ..بىزلەرنى گۇمراھلاردىن قىلىۋەتمىگەيسىز يا رەببىم ... بىزلەرنى غەزىبىڭىزگە ئۇچرىغانلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس ، سىز ئىنئام قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلغايسىز ، سىز يامان كۆرىدىغانلارنىڭ ئەمەس سىز ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ قاتارىدىن قىلغايسىز ...مىللىتىمىزنى ئۆز پاناھىڭىزدا ساقلىغايسىز ....خەلقىمىزگە مۇستەھكەم ئىمان ۋە سەۋرىچانلىق ..... بەرگەيسىز .. ھەممە ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ دىللىرىمىزنى خۇددى دىنىمىزدەك ، تىلىمىزدك بىر قىلىۋەتكەيسىز ...امىن!!!!