مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3831|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 02:11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر




نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ - ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش - ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.   پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرنى، تۇرمۇش شەكلى ھەم مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، قىممەت قارشى قاتارلىقلاردا زور ئۆزگىرىش بولدى.

بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ نىكاھ - ئائىلە مۇناسىۋىتى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى شۇ دۆلەت ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان  مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ - ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش - ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.  
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بۇيان، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر ھۈجەيرىسى بولغان نىكاھ - ئائىلە مۇناسىۋىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئالايلۇق، نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى جۆرە تاللاش ئېڭىدا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، مال - مۈلكىگە، ئەمەل - مەرتىۋىسىگە ئەھمىيەت بېرىشتىن، لايىق بولغۇچىنىڭ ئىقتىدارىغا، تالانتىغا، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتى قاتارلىق ئاساسلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ خىل يۈزلىنىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى چوڭقۇرلاشقان، ئىقتىسادىي بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان رايونلاردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە.
مەسىلەن: شېنجېندىكى 300 قىزنىڭ جۆرە تاللاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلاردىن 198 ئى، يەنى %66 تې كەسىپتە تىرىشقان، ئىختىساسلىق يىگىتكە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت ئونىلا، يەنى %3.3 تىلا پۇلدار بايۋەچچىلەرگە ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ شەھەرلەردە، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغانلىرى ئىچىدە ئىقتىدارلىق، تالانتلىقلاردىن جۆرە تاللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى بۇرۇنقىدىن خېلى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېڭىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. ئالايلۇق، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەشنى پۈتۈنلەي ئاياللارنىڭ قىلىشىغا تېگىشلىك ئىش دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئورنىنى ئائىلە ئىشلىرى، بالا بېقىش ۋە تەربىيىلەش ئار - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى دەيدىغان يېڭىچە قاراش ئىگىلەشكە باشلىدى. بۇ ئائىلە ئەمگىكىنىڭ ئىجتىمائىيلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.  

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرى ئۇزاق مۇددەت فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ زۇلۇمى، كەمسىتىشى ۋە خارلىنىشىغا ئۇچرىغان، بۇ ئاساسلىقى باشقىلارنىڭ نىكاھ  ئىشلىرىغا چات كېرىۋېلىش، نىكاھ سودىسى ۋە ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى خالىغانچە تالاق قىلىۋېتىش ئىمتىيازى قاتارلىقلاردا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ھازىر ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا ئەركىن جۆرە تاللاش نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كەتتى.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇرۇنقىدەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ماددىي تۇرمۇشتا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلىپ ئورنىتىلغان نىكاھ - مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى، مۇھەببەتنى ئاساس قىلغان نىكاھ مۇناسىۋىتى ئىگىلىدى. ئاياللار ئەرلەرگە بېقىندى بولۇش خاراكتېرىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئائىلە ئىشلىرىنى ئەر - ئايال ئورتاق بىر تەرەپ قىلىدىغان دېموكراتىك ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ئۆزگەرمەكتە. بالدۇر پەرزەنت كۆرۈش، كۆپ تۇغۇشتەك ئەنئەنىۋى تۇغۇش ئادىتى كېچىكىپ تۇغۇش، ئاز تۇغۇشتىن ئىبارەت يېڭى تۇغۇش ئادىتىگە ئۆزگەردى. مەسىلەن: « شىنجاڭ ئاياللىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 6 - سانىنىڭ « ئاياللار خىزمىتىدىن ئۇچۇرلار » سەھىپىسىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۇرپان ۋىلايىتىدە تۇغۇش ئىقتىدارىغا ئىگە 93 مىڭ 619 ئايالنىڭ، 76 مىڭ 467 سى تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغان. 7 مىڭ 92 جۈپ ئەر - خوتۇن يالغۇز پەرزەنت كۆرۈش كىنىشكىسى، 2 مىڭ 606 جۈپ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەر - خوتۇن پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى ئالغان. تۇغۇت چەكلەش نىسبىتى %98.98 كە يەتكەن.   %80 ئائىلىدە ئىقتىسادنى ئەر - ئايال بىرلىكتە باشقۇرىدىغان بولغان، %50 ئائىلىدە ئايال خوجىدار بولغان.

  ئەمما شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان چېگرا رايون بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات سەۋىيىسى دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلاردىن، بەزى قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭكىدىن خېلى ئارقىدا، ھەتتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ روشەن پەرق بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتونوم رايونىمىزدا فېئوداللىق كۆز قاراش ۋە باشقا تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاياللارنى خورلايدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ھەتتا ئاياللارنى تاۋار ئورنىدا كۆرىدىغان قاراشلار يەنىلا مەۋجۇد. بۇ خىل قاراشلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
1.  يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىغا « بېدىك »،  « ۋاسىتىچى » لارنىڭ ئارلىشىشى. بۇنىڭدا بۇرۇنقىدەك كوللېكتىپ ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىش تۈپەيلىدىن، يېزىلاردىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئەركىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىش پۇرسىتىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغان.
2. چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىن بېيىغان بەزى كىشىلەر بۇرژۇئازىيىنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك قارىشىنىڭ تەسىرىدە خوتۇنىنى قىزلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، ئاشنا ئويناش، خىللاشتۇرۇش، توي قىلماي تۇرۇپ بىللە ئۆتۈش، باشقىلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىغا ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشنى ئۆز - ئۆزىنىڭ راھەت - پاراغەت، بەخت ئۆلچىمى قىلىۋالدى.نەتىجىدە جەمئىيەتتە نىكاھتىن ئاجرىشىش، خوتۇن يەڭگۈشلەش خېلى ئەۋج ئېلىپ قالدى. مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىنىڭ مەلۇم مەھەللىسىدە ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىدە ئەر تەرەپ قايتىدىن قىز ئېلىش مەقسىتىدە ئۆز ئايالىنى يەتتە بالا بىلەن قويۇۋەتكەن. بۇ كىشى شۇ ئىش تۈپەيلىدىن ھەتتا ئولتۇراق ئۆيلىرىنىمۇ سېتىۋېتىپ ئايالى بىلەن بالىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.  
توغرا بولغان نىكاھ - ئائىلە قارىشى - سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى، شۇڭا بىرىنچىدىن، ھەر قايسى جايلار ھەر مىللەت خەلقىگە نىكاھ قانۇنى، ئانا - بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن نىزاملارنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىشى ۋە ئۇلارنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. ئىككىنچىدىن، ياشلارغا توغرا نىكاھ - ئائىلە، مۇھەببەت قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلەش توغرىسىدىكى تەربىيىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش كېرەك.  
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي  تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەڭ پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىسى، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىلىق ئېڭى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئورگانلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيىلىك رولىنى خارى قىلدۇرۇپ، نىكاھ - ئائىلە مۇناسىۋىتىدە سوتسىيالىستىك ئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويۇش ئارقىلىق كۆپ ئاجرىشىش، كۆپ نىكاھلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.     شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1997 - يىللىق 4 - سانىدىن ئېلىندى  .




            مەنبە  :   ئىز تورى  .
http://www.iz.la/plus/view-176890-1.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 03:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى بىلىدىغان، ئەقىللىق، دىندار، ياخشى، ئەدەپ ـ ئەخلاق ئىگىسى كىشىلەر بولسا، بۇنداق ئىنسانلار ياشايدىغان ئۆي ئەڭ ئاددىي بولسىمۇ، ياخشىلىق، ھوزۇر ۋە بەخت ـ سائادەت قۇچىدىغان جەننەتتەك قىممەتلىك ماكان بولىدۇ.
ئائىلە بالىلارنىڭ روھلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھسىز، پاك قەلبىگە ياخشىلىق ئۇرۇقلىرى تىكىلىدىغان جاي، ياشلار ۋە ھەتتا چوڭلار خۇشچىراي بولۇشنى، ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى، سەۋرلىك بولۇشنى، كەچۈرۈمچانلىقنى، كەڭ قورساقلىقنى، نەپسىي خاھىشنى كونترول قىلىشنى، بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى، ئىشلەش ئارقىلىق پايدىلىق بولۇشنى، ھەمكارلىشىشنى، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئەلا بىلىشنى، تۇرمۇشنىڭ روھىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىپ تەتبىق قىلىدىغان ئۇلۇغ مەكتەپتۇر.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 04:12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋاتسىزلىق نادانلىق تۈگىمىسە مۇشۇ نىكاھ مەسىلىسى تۈگىمەسمىكىن بەلكىم.
تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك نىكاھ تۇرمۇشىغا ئارلىشىۋالغانلىقى سەۋەبلىك نىكاھدىن ئاجىرشىش نېسبىتىمۇ بىرقەدەر كۆپ...........  بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەسىلە يەنىلا شۇ ساۋاتسىزلىق،  خۇراپى ئۆرپ ئادەت: مەسىلەن  قىز تەرەپ يەڭگىگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپتىلەر قىز تەرەپنى يوقلىمىدى، ( قوي ئۆلتۈرۈپ تېرىگە ئالمىدى ) دېگەندەك قالاق ئۆرپ ئادەتلەر سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسى بۇزۇلماقتا  بۇ ئاساسلىقى يېزىلاردا كۆپرەك ئۇچىرايدۇ.  شەھەر  ئىچىدىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تۇرمۇش قۇرۇش ئۆي تۇتۇش بېلىم-سەۋىيسى ياكى مۇقىم كېرىم مەنبەسى يېتىلمەي تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن نىكاھلىنىپ ئاخىردا تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئەر ئايالنى تاشلاپ كېتىدىغان، ئايال ئەرنى تاشلاپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ كۆپرەك ئۇچىرايدۇ.
يەنە بىر سەۋەپ نىكاھ تېزىملاش ئورنىدىكى قالايمىقانچىلىق، بۇنىڭ سەۋەبى نىكاھ تېزىملاش ئورنىدىكىلەر ئازغىنە پۇلنى دەپ قانۇنسىز رەسمىيەت بىجىرىپ بېرىشى سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىز نىكاھ تۇرمۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.  

ئاجىراشماڭلار ئاتا-ئانىلار يېتىم بولمىسۇن سەبى بالىلار.........

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 04:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يىقىندا يۇرتمىزدا بولغان ئسلامى تويدىن ئۇچۇر بىرەي، بۇتويدامەشرەپ بولمدى ،قىزنىڭ ئۆيدە قۇرۇق پاراڭنىڭ ئورننى ‹‹قۇرئان››تەپسىرى،ۋە تەرجىمسنى ئاڭلاش ئالدى،توي بولغان قىز باشقا قىزلارغا قۇرئان تەپسىرى قىلپ بەردى ،ئۇ ئاتالمش توي كۆينىكى ئورنغا ھىجاپلاندى ، تىرنقىغا تەبئى خنە دىن باشقا گىرىم قىلمدى ، تويغا كەلگەن باشقا قىزلارمۇ ئۇزۇن كىيىم بىلەن كەلگەندى ، پىشىن ۋاقىتتا تويقىز باشقا قىزغا باشلامچىلق بىلەن پىشىن ئوقۇشقا تەشكىللدى ،ئوغۇلغا ۋە ئوغۇلنىڭ ئىككى قولدىشغا -ئوغۇلغا قۇرئان ھەدىيە قىلدى ،ئىككى يىگت قولداشقا ‹‹ئوغۇللارغا100نەسھەت››ھەدىيە قىلندى ، قىزلارغىمۇ ‹‹30دىن ئارتۇق قىزىغا ،توي قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا››ھەربىرگە بىردىن ،قول ياغلق ئورنىغا بىردىن ‹‹قىزلارغا100نەسھەت››تارقىتىپ بىرلدى ، قاراڭ ،بۇنىمەدىگەن ياخشى ئىش ھە: مومكىن بولسا ھەممەيلەن مۇشۇنداق قىلساق ، ھىچ بولمسا ئاتلەس كۆينەك ،بادام دوپپا،چىكەن دوپپا،گۈل دوپپا كىيىپ ،ئۇيغۇرچە توي قىلساق ، ھازىر ئەتتىگنى ئىسلام بويچە نىكاھ ئوقۇيمىز، ئۇندىن كىيىن يالڭاچتىن پەرقى يوق ئاتالمىش توي كۆينىكى كىيىپ بەدەننى نامايىش قىلمىز، مۇشۇنداق نىكاھ نىكاھ بولارمۇ؟ ئويلاپ بىقىڭ ، سىزمۇ ئىسلامى توي قىلالايىسز،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13225
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8084 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 04:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن ،لىكىن ئىنكاس يازىدىغانلار چىقماپتۇ .بۇ تېمىنى ئوقۇپ بۇرۇن رادىئو دىرامىسى قىلىپ ئىشلەنگەن « بىلىقچى بوۋاي» ناملىق دىراما يادىمدىن كەچتى . شۇ ئەسەردىكى ھېلىقى نامرات بىلىقچى بوۋاي جېنىدا بايلىغى ئاشقانسېرى ھەر خىل ھەۋەسلەرنى قىلىپ ،ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن بىلىقنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا مومىيىنى ئەۋەتىدۇ . مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ئاچكۆزلۈك ئىنساننىڭ روھىغا يوشۇرۇن تەبىئىئ كىسەللىك بولسا كېرەك .مەن ئۈرمچىدىكى خېلى ياخشى بىر گۈللۈكتە ئولتۇرىمەن ،ئەتراپىمدىكى خوشنىلىرىمنىڭ كۆپرەكى جەنۇپ-شىمالدىن كەلگەن بايلار بولۇپ  ئاساسەن  تەقۋادار ،بەشۋاق ناماز كىشىلەر   . بىر نەرسە دىققىتىمنى تارتتى ،قارىسام بولارنىڭ بەزىلىرى 50ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ بالىلىرى ئەمدى مەكتەپ يېشىغا توشۇپتۇ . كىيىن بىلدىمكى ،بۇ بايلىرىمىز كىيىنكى نىكانىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقانلار ئىكەن .بىراق مېنىڭ خىيالىمغا ،مۇشۇ بايلارنى بۇگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق جاپالارنى تەڭ تارتقان ئاشۇ جاپاكەش سەھرالىق ئاياللارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى قانداراقتۇر دېگەن سۇئال  كېلىۋالىدۇ . پۇل بولمىغانلىغى ئۈچۈن نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز توي قىلالمايۋاتىدۇ ،يەنە شۇ پۇل كۆپ بولۇپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن ،نۇرغۇن ئائىلىلەر بۇزۇلۇپ ۋەيران بولىۋاتىدۇ .بەخىت بىلەن پۇلنىڭ زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار ،بۇنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدىم . ...................

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 04:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى توي قىلىش بۇرۇنقى دەۋىردىكى تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن خۇتۇننى ئالىدىغان ئىشلاردىن ھازىر يىگىت تەرەپ قىزنىڭ خىزمەت قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردىغان ئەھۋال 40% ئەتىراپىدا.خىزمىتى بولمىسۇن،ئۆيدە ئائىلە ئىشىنى قىلسا دەيدىغان قاراش كۆپىرەك.تۇيدىن كىيىن خىزمەتنى تاشلاپ بالىغا قاراش ئەنئەنىسى يەنىلا بار،بۇ ياپۇنلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئوخشىشىدۇ.بالىنى ئانىسى ئۆز تىلىدا تەربىيلىسە بولىدۇ.بىراق ئىخدىساد مەسىلىسىمۇ ئويلاشمىسا بولمايدىغان جەريان.


ئەمما بىرلا ئادەت ئۆزگەرگىنى يۇق يەنى ھىندىستاندىكىدەك قىز تەرەپ تۇيلۇق ئالىدىغان ئىشلار يۇق،يەنىلا يىگىتنىڭ تاللاش ھۇقۇقى بار.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 06:48:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 04:50 PM
بىزدىكى توي قىلىش بۇرۇنقى دەۋىردىكى تۇماق بىلەن بىرنى  ...

نىمۇ قىز تەرەپ تويلۇق ئالمايدۇ ؟؟؟ھەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىمىنا؟؟؟؟ھازىر توي قىلسا قىز تەرەپنىڭ ئالدىغان تويلىقىمۇ بىر پاتمان كېلىدۇ ،نەدە ئالمايدىغان ئىش بار .

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

خىيالچان مەلىكە!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90969
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 804
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2013-2-1
ئاخىرقى: 2014-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 06:52:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى ئەرلىرىمىز بار ئۆزىنىڭ بىكارچىلىقىغا باقماي ،قىز تەرەپنىڭ خىزمىتى بارمۇ يوقمۇ ،بار بولسا رەسمىمۇ دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈردىغان ،باقىدىغان خۇتۇن ئالماي ،ئۆزىنى  باقىدىغانغا خۇتۇن ئالدىغاندەك ......
بولدى سۆزلىمەي ............

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە، ئۆزەڭگە ئۆمۈر تىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87194
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 710
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 773 سائەت
تىزىم: 2012-11-14
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 08:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
diyarm يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 04:39 PM
مەن يىقىندا يۇرتمىزدا بولغان ئسلامى تويدىن ئۇچۇر بىرە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىندىشىم مەن شۇ ئىككىسىگە ئاللاھتىن بەخت تىلەيمەن ، سىزنىڭ مۇبارەك يۇرتىڭىزنى بىلسەك بولامدۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 684
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 09:11:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچە يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 08:06 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىندىشىم مەن شۇ ئىككىسىگە ...

مەن يەكەننىڭ ياقائىرىق يىزسىدىن ، مەن دىگەن توي كاچۇڭ يىزسدا بولغان،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش