ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيسى بىر خىل سەنئەت
بىلىم جەھەتتىكى تەربىيە ئاتا -ئىلارنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .ئەخلاق -پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىينى ئۆگەتكىلى بولمايدۇ .بەلكى ئاتا -ئانىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق بالىلار تەربىيە ئالىدۇ .پىسخولوگلار ئىناق -ئىجىل ئائىلدە ئۆسۈپ يىتىلگەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسنىڭ خاراكتىرىنىڭ بىر قەدەر ئوچۇق ،شوخ ،ئاكتىپ ،ئالغا ئىنتىلدىغان بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆتىدۇ ،ئەكسىچە بولسا بالىلارنىڭ پىسخىك كەمچىلكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ .شۇڭا بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭلار ،بولۇپمۇ ئاتا -ئانىلار سۆز ھەرىكىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كىرەك .
دۇنيادا ياخشى بىر ئاتا -ئانا بولمىسا ياخشى بىر پەرزەنىت بولمايدۇ .پەرزەنىت بولسا ئاتا -ئانىلارنىڭ بىر پارچە ئەسىرگە ئوخشايدۇ .خەت ياخشى يىزىلىمىغان بولسا قەغەز ،قەلەمدىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ .شۇنىڭغا ئوخشاش بالىلار ياخشى تەربىيلەنمىسە بالىلاردىن ئاغرىنىشقا بولمايدۇ .
ئائىلە تەربىيسى ئاساس بولۇپلا قالماستىن بەلكى باشتىن ئاخىر يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ .ئائىلە تەربىيسىنىڭ بالىلار تەربىيسىدە تۇتقان ئورنىنى ،مۇھىملىقىىنى ،مەكتەپ تەربىيسى ھەرگىز باسالمايدۇ .بىلىمنى ئاتا -ئانىلار ئۆگەتسە ،ئەخلاق پەزىلەت تەربىيسىنى ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتى ئۆگىتىدۇ .
ئاتا -ئانىلار قانداق قىلغاندا بالىلىرنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيلەپ چىقالايدۇ ؟ بىز بالىلارغا تەربىيە بىرىشتە ئەڭ مۇھىمى بالىلارغا ئىشىنىش دەپ قارايمىز ،ئەقىللىق بولۇشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارغا نىسبەتەن مۇۋاپىق ماسلىشىش كۈچى بولۇش كىرەك .مۇرەككەپ ئىشلارغا ا نىسبەتەن ئىغىر بىسىقلىق بىلەن ھەل قىىلش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقالىشى كىرەك .بۇنداق بالا ئەقىللىق ھىسابلىنىدۇ .بالىلارنىڭ مىڭىسى چوقۇم دائىم سەگەك ،ئۆتكۈر ھالەتتە تۇرۇشى لازىم .
نۇرغۇنلىغان ئاتا -ئانىلار بالىلىرنىڭ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ۋە يۇقىرى ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسگە ئارتۇقچە دىققەت قىلىدۇ .لىكىن ئەقلىي قابىليىتىنى چىنىقتۇرۇشقا سەل قارايدۇ .بالىلار ئىمتىھانىنى ياخشى بىرەلمىسە ھىچ نەرسىگە قارىماي باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىلىرنى ئەيىبلەيدۇ .بالىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگگ پەرۋا قىلمايدىغان بۇنداق ئاتا -ئانىلار بالىلىرنىڭ ئۆزىگە ئىشنىش تۇيغۇسىنى ئىغىر دەرىجىدە نابۇت قىىلدۇ .
مەلۇم كىشىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن .لىكىن ئۇ ئۆزىنى ئەزەلدىن دۆت ھىس قىلمايدىكەن .ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭ ئكزىگە بولغان ئىشەنچىسىگگە قاراپ ئۇنىڭغا ياردەم قىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەسلىلەرنى مۇلاھىزە قىىلش ،تەپەككۇر قىىلشنى ئۆگىنىپ ،ئىشتىقباللىق كىشى بولۇپ تەربىيلىنىپ چىقىپتۇ .
http://www.iz.la/plus/view-176922-1.html