ئويۇن ھەققىدە :
ئويۇن نامى : Medal of Honor Heroes 2 ، شەرەپلىك ئوردىن 2 2 / 荣誉勋章·
ئىشلەپ تارقاتقان ئورۇن : EA Canada - Team Fusion
ۋاكالىتەن تارقاتقۇچى : Electronic Arts
ئويۇن تۈرى : FPS - First Person Shooter ، بىرىنجى شەخىس.
ۋاقىت : 2007-11-13
شەرەپلىك ئوردىن 2 PSP ھەم Wii سۇپىسىدىكى نادىر ئەسەر.ئويۇن ۋەقەلىكى 1944-يىلى -ئاينىڭ 6-كۈنى يۈز بەرگەن،ئوينىغۇچى Jimmy Patterson مايورنىڭ رولىدا بىرىنجى شەخىس ھۇجۇمچىسى بولۇپ ئوينايدۇ،ھەمدە <گوللاندىيە گۈللۈك باغچا ۋەقەسى> دىكى قۇراللىق ئېتىشىشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئويۇندا ئوينىغۇچى يەنە بىر قانچە روللاردا تۇرۇپ گىتلىر باشچىلىقىدىكى ناتسېس ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلالايدۇ...مەن بۈگۈن بۇ ئويۇن توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى ئويۇن ئاساسلىق مۇزىكىسى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتمەكچى.
ئويۇن ئاساسلىق مۇزىكىسى ھەققىدە :
نامى : Castle
ئاساسلىق مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ھەم ئورۇنلىغۇچى ئامىرىكىدىكى داڭلىق ،ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ياخشى مۇزىكا ئەتىرىتى دەپ باھالانغان Linkin Park نىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرى. بۇ ئاساسلىق ناخشىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئامىرىكا ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئالتۇن ئوردىنلىق ئوفىتسىرىنىڭ قازا بولۇپ كەتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالى، ھەمدە كەلگۈسىدە دادىسىنىڭ ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىدەك مەزمۇن سۆزلەنگەن، ناخشا ئۇسلۇپ، ئورۇنلىنىش، مۇزىكا ئىشلىنىش جەھەتتە ئەتىرەتنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ، يۇقىرى كىرىشتۈرۈش تېخنىكىسى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ..خوش..قېنى ئەمسە كۆرۈپ باھا بېقىڭ :
فىلىم مەنبەسى : يوۋكۇ
ماتىرىيال مەنبەسى : بەيدۇ، سىنا.
تەرجىمە : ئۆزۈم