tatlik0997 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 03:24 PM
پىكىرڭىز ئۆتكۈر ناتىق ئەزا ئىكەنسىز ، ئەمما ئاناتىلى ...
دېگىنىڭىز ھەقىقەتەن توغرا.
بەزى بىر تېتىقسىز ئاتا-ئانىلار بار. بالىلىرىغا خەنزۇچە گەپ قىلىپ كېىدۇ. بەكلا ئابروي دەپ بىلىدىغان ئوخشايدۇ.
مېنىڭ داداممۇ خەنزۇچە ئوقۇغان. ئەمما ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئۆزى ئۆگەنگەن. ئۇيغۇرچىنى راۋان ئوقۇيدۇ. ئۆيدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە پاراڭلاشمايمىز. بەزىدە دادام ئۆيگە قاخشاپ كېلىدۇ. ‹‹بۈگۈن پالانىنى يولدا ئۇچراتتىم، پۈتۈنلەي خەنزۇچە پاراڭلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئابرويمۇ بۇلارغا!!!›› دەپ. ئاساسەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. يولدا بولسۇن ياكى ئاپتوبۇستا بولسۇن دادام ئاشۇنداق ‹‹ئابروي›› دەپ بىلىدىغانلاردىن نەچچىسىگە گەپ قىلىپ باققان. مەنمۇ شۇ، ئۇنداقلارغا تولا سۆزلەپ ھېرىپ قالدىم. ئىككى ئادەمنىڭ سۆزلىگىنىگە ئوڭشىلىپ قالمايدىكەن. بىر قېتىم ئاپتوبۇستا توختىماي خەنزۇچە پاراڭلىشىۋاتقان ئىككى ئوقۇغۇچى قىز بالىنى بەكلا خىجىل قىلىۋەتكەن ئىدىم. ‹‹خاپا بولماڭ ئاكا، بىز دىققەت قىلايلى›› دېگەن گەپتىن باشقىنى قىلالماي تۇردى. بەكلا خىجىل بولدى ئىشقىلىپ. ھازىرقى چوڭ ياشتىكى مىنكاۋخەنلەر يەنى بۇرۇنقى مىنكاۋخەنلەر ھازىرقى مىنكاۋخەنلەردىن مىڭ ياخشى ئىكەن. يەنى دادام ئوقۇغان ۋاقىتتىكى ئادەملەر دېمەكچى. ئۆز ئۇيغۇرى بىلەن خەنزۇچە پاراڭلاشمايدۇ. پاراڭلاشسىمۇ ئاز بىر قىسمى شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما ھازىرقى بالىلار نېمە بولدىكىن تاڭ. ئۇلار ئۈچۈن بىر چوڭ ‹‹ئابروي›› ئوخشايدۇ. مۇشۇ يەردە توختىتاي. قايناپ قلغۇدەكمەن.