5- ئېشەكنىڭ 1-ئېيون بايرىملىق سوۋغا تەقدىم قىلىشى
ياشلار بايرىمىدىن كىيىنلا تۇرۇق بىلەن بايتال ناھايىتى ياخشى ئارلىشىپ تويىنى قىلىۋالدى. لىكىن ئېشەك تېخىچە بايتالدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي تامادا يۈردى. لىكىن بايتالنىڭ قوسىغى تىزلا ئىسىلىپ كىتىۋاتاتتى.دېمەك ئۇ قورساق كۆتىرىپ بولغان ئىدى. بۇ سۈرئەتتە ماڭسا باللار بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ تۇغۇپ قويىشىدا گەپ يوق ئىدى. ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇنلا مۇناسىۋەتلىشىپ بولغان بولۇپ، ئالاھىزەل بايرامغا بەش كۈن قالغاندا بايتال بۇدۇرۇققىلا بىر چىرايلىق تاي تۇغدى. بۇ ئەلبەتتە تەبرىكلەشكە تىگىشلىك ئىش-دە! ئېشەك بۇ پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. نىمىشقا دەمسىز؟ بالا دىگەننى ئانا تېنىنى يېرىپ تۇغىدۇ ئەمەسمۇ؟ قىينىلىپ ئاران تۇغغاندا ئۇنى تەبرىكلىمەسلىك ئېشەكنىڭ نام ئەمىلى بىلەن ئويناشقانلىق-دە! ئۇنى يوقلىمىسا ئېشەك دىگەن ئىسمىغىمۇ سەت ئەمەسمۇ؟
بۇ نۆۋەت ئېشەك تايچاققا بىر سوۋغا سېتىۋالدى. سودىگەر مايمۇن ئۇنى تولىمۇ قىممەت ساتتى. ئۇ بۇ سوۋغا بىلەن ئۇنى قەۋەت خوش قىلغۇسى كەلدى. ئۇنىڭ بۇ سوۋغىسى تايچاقنىڭ ئاران بۇ دۇنياغا ئاچقان كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتكىدەك سوۋغا ئىدى. مايمۇن ئۇنى قايسى بىر ياۋايى ھايۋانلار شەھرىدىن تېپىپ كەلگەن بولۇپ، بويۇنغا ئېسىۋالسا قارا باسماشمىس، كۆز تەگمەسمىش. ئېشەك شۇ ئارقىلىق تايچاقنى نىشانلىغىنى بىلەن بايتالغا راسلىغان ئۇشبۇ سوۋغىسىدىن سۆيۈنۈپ خۇشال بولدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە بايتال راستىنلا خوش بولۇپ تۇرۇقنى تاشلاپ، تۇرمۇشىنى بۇزىشىدا گەپ يوق ئىدى. بايتال ئاجرىشىپ كەتسە ئۇ تۇرمۇشلۇق بولۇپ ئالاتتى-دە، تايچاقنى باقاتتى. تايچاق تولىمۇ ئوماق بولۇپ بايتالنىڭ بالىسى-دە! بايتال ئۇ تايچاقنى ياخشى باقسا ئۇنىڭغا خەيىر-ئېھسان قىلىپ، ‹ئۆسۈش› ئىشى ئۈچۈن يول مېڭىپ بىرەتتى. ئۇ ئۆسسە ئىدارىدىكى بەزى خىڭ-خىڭ ئاتلارنىڭ كۆزى پاقىراپ كىتەتتى. ھەي-ھەي ما كارامەتنى...... ئۇنىڭ خىياللىرى شۇ يەرگە كەلگەندە چىرايىدىن مەمنۇنلۇق كۈلكىسى ئەكىسئەتتى. ئۇ سوۋغىنى تولىمۇ چىرايلىق بىر يىپقا باغلاپ، تايچاقنىڭ بوينىغا شۇنچە ئەپچىللىك بىلەن ئاستىكى بىر قېتىم بايتالنىڭ ھىدىنى پۇرۋالغاندەك بولۇپ ئاغزىنى كالايچىتىپ، سېرىق سۇ تۆكتى. بۆرە ھۇشۇقى تايچاقنىڭ بوينىدا لىڭشىپ تۇراتتى.