ئالىنۇر يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 11:43 AM
ئى ،مۇھەممەد نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن ئۇلارنىڭ كۆز ...
قېرىندىشىم،قۇرئاندىن نەقىل ئالغاندا ئەڭ ياخشىسى ئايەتنىڭ تەخمىنى مەنىسىنى ئەمەس،دەل توغرا بولغان يېرىنى ئېلىڭ. ئەگەر تەرجىمىسنى نەقىل كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز ئايەتنىڭ قايسى سۈرە قايسى ئايەت ئىكەنلىكنى ئىنىق ئەسكەرتىڭ.
چۈنكى قۇرئان اللەنىڭ سۆزىدۇر.ئېسىمىزدە تۇتىۋالغىنىمىز قۇرئاندىكى ئايەتكە ئۇيغۇنلاشمىسا يېڭىدىن ئايەت توقۇغان بولۇپ قالىمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
كىمكى ماڭا يالغاننى چاپلىسا،) يەنى مەن دېمىگەننى مېنى دېدى دەپ تارقاتسا،ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق مۇنداق قىپتىكەن دېگەندەك سۆزلەرنى توقۇسا) ئۆزىگە دوزاقتىن جاي ھازىرلىسۇن.
____ھەدىس شىرىفتىن ئۈنچە مارجانلار.
پەيغەمبەرگە يالغاننى چاپلاشنىڭ گۇناھى بۇ تۇرسا اللەنىڭ كالامى بولغان قۇرئانغا تېخىمۇ ئەستائىدىل پوزىتسىيە تۇتىشىمىز كىرەكتۇر. گەرچە سىز ئىپادە قىلماقچى بولغان مەزمۇن ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇنلاشقان تەقدىردىمۇ ئۇ پەقەت سىزنىڭ قۇرئاندىن چۈشەنگەن ھىسسى تۇيغۇلىرىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇكى ھەرگىز قۇرئان ئايىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، شۇڭا.يەنىلا قۇرئاندىن نەقىل ئالغاندا تولىمۇ ئىھتىيات قىلىشىمىز كىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 11:59 AM