ablikim221 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 09:25 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئال سور ...
جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق زىنا - زالالەتنىڭ كۆپلىكىدىن ، خېلى نى- نى مۇڭداشقۇ ئەر - ئاياللارمۇ بىر - بىرلىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا ! خېلى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ بۇ يولغا كىرىپ قېلىشلار بىلەن كىشىلەر ۋە ئەر - ئاياللاردا بىر - بىرلىرىگە بولغان ئىشەنچ سۇسلاشماقتا ؛ يەنىلا شۇ ، ھەردەم بىر - بىرىگە ئىشىنىشتىن چەكلىنىپ قېلىشماقتا ! چۈنكى ئىشىنىش چوقۇمكى قارشى تەرەپنى چۈشەنگەنلىكتىن ۋە شۇ چۈشىنىشتىن كىيىنكى ئۆز بەختىگە قارىتا ئىشلىرىنى تاپشۇرۇشتەك قىلالايدىغان قىممىتىنى تۇنىغانلىقتىن روياپقا چىقىدىغان ئامىلدۇر . دېمەك ، ئىشەنچ بولمىغان ئىكەن ، چۈشىنىش بولمايدۇ . چۈشىنىش بولمايدىكەن ، ئۇنىڭغا بولغان كۈيىنىش بولمايدۇ . كۈيىنىش بولمايدىكەن ، شۇ كىشىدە ۋاپا بولمىغان بولىدۇ . ۋاپا بولمىغان ئىكەن ، قارشى تەرەپتىن خۇشلۇق تېپىش بولمايدۇ . خۇشلۇق تاپالمىغان ئىكەن ، چوقۇمكى قارشى تەرەپتىن ماددى ياكى مەنىۋى جەھەتتىن تاشلىۋېتىلگەنلىكى چىقىدۇ . ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، كۆپىنچە كىشىلەر ئارا بىر - بىرلىرىگە ئىشىنىش بولمايدۇ ، ھە دىگەندە ئىشلىرىدىن قۇسۇر چىقىرىش ، توغرا رەۋىشتە كۈنلەشنىڭ ئورنىغا ئەتەي بىر- بىرلرىنى چېقىۋالىدىغان سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ھېچ بىر مۇھەببەتسىز نىكاھلاردا زومىزو بىر ئۆيدە ياشاشتەك ئائىلىلەر كۈنسايىن ئاۋۇماقتا !
بولۇپمۇ ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغان ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەتىۋارلىق بەندىلىرى ، كىيىنكى جەننەتنىڭ ئىگىلىرى دەپ ئانچىكى ئەمەللىرىنى كۆپ ساناپ ئۆزلىرىنى ئۇنتىغان ھاللادا ، نەپسىگە نېمىلەر ياقسا شۇنى قىلىش بىلەن ئاللاھ قانۇنىي قورغان قىلىپ بەرگەن دىنىي چەكتىن چىقىپ كېتىپمۇ يەنىلا خۇدىنى بىلىشمەي ئىسلامغا ئەمەس بەلكى باشقا كۇپپارلارنىڭ ۋە باشقا دىندىلكىلەرنىڭ يوللىرىغا ، شەكلىگە چوقۇنۇش بىلەن ئاتاقتىكى دىنىي پەرۋەرلىكنى ، ئاتاقتىكى ئىنسانىي پەرۋەرلىكنى ۋە شەكلى دىنىي قىممەتنى تۇتقا قىلىۋېلىش بىلەن ھامان ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەرمەك قىلىۋېلىپ كۆڭلىنى خۇش ئىتىپ يۈرمەكتە . ئۇلار مەيلى نىمىلا ئىش قىلسا مەيلىكى ۋە ئۆزلىرىگە قانداقلا دىشۋارچىلىقلار كەلسە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىدىن ئەمەسكى ، ھەر قانداق ياخشىلىق - يامانلىقنى پەقەت ئاللاھ قىلىدۇ . ئاللاھ شۇنداق پۈتىۋەتكەچكە بىز شۇنداق يامان يولدا ۋە يامان ئەمەللەردە بولىمىز دەپ ئاللاھقا ئاشكارا تۆھمەت قىلىش بىلەن ، ئۆز نىيىتى ، ئەمەللىرىگە قارىتا پۈتۈپ بەرگۈچى ، ھەر خىل قىسمەتلەرگە مۇلاقات قىلغۇچى ، ياخشىلىق - يامانلىقلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان ئاللاھنى تەرك ئىتىپ شەيئىلەرنى ئىلاھ قىلىۋېلىش ، مەبۇد قىلىۋېلىشتەك قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئادىمىيلىكىدە تۇرىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىسلامىي چۈشەنچىسىنى ئىسلاھ قىلماسلىقتەك ھاماقەتلىكتە ئۆتىۋەرگەنلىكتىن ئاقىۋەتتە ئۆز شەكلىگە قارىتا ھالاكەتلىك بىر مەۋقەگە يېتىشتى . ئۇلاردا ھېلىھەم شۇنداق بىر ئۇقۇم بولۇپ ، << بىزنى ئاللاھ مۇشۇنداق يارىتىپ قويغان !!! >> دىگەنكى تاپچىلىقتىكى جاھالەتلىك دىنىي تۇنۇش ئىچىدىكى ئۇدۇمىي پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلاپ كەتكەن . ئەنە شۇ ئېتىقاد بولۇپ قالغان . ئۇلارغا ئاللاھ ھېچ بىر مەخلۇقلىرىغا بەرمىگەن تەپەككۇرنى ۋە ئەقلى ھۆكۈمنىڭ كۈچلۈك قىممىتىنى بېرىش بىلەن ئىنسانىي تەننى بېرىش بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىلىقىدا جىمى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان قۇرئان كېرىمنى ئاساس قىلىشقا ، كىملەر بۇنىڭغا يۈزلىنىش بىلەن ئاللاھ ئەسلى ئىرادە قىلغان مەيداندىن چىقىپ كەتمەسلىك ، كىملەر بۇنىڭ سىرتىغا چىقىۋالىدىكەن ( قەھرىتان سۇغۇقتا كىيىمسىز سىرتلارغا چىقىۋالىدىكەن ) چوقۇمكى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىققىنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا دىنىي ۋە ئىسلامىي قورغان قىلىپ بىكىتكەن يولدا مېڭىشى ئۈچۈن ، ھەر بەندىلىرىگە تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەرگەن بولۇپ ، ئالدىن پۈتۈپ << قايسى قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ >> دىگەنكى ھۆكمىسىدە قارار ئېلىش بىلەن بەندىلىرىگە تەپەككۇر ، ئەقىل ، ئىسلام ۋە دىننى مۇكەمملەي چۈشۈرۈپ بىرىش بىلەن ھەممىنى ئىختىيارلىقىدا قويدى . بەندىنىڭ ئاۋال ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى ، ئاللاھدىن ئالغان ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغان ئامانىتى دەل ئۆزلىرىنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان پاكلىق ، ئىسلام دىنىي قورغانى قىممىتىگە يېتىشتەك سۈپەتكە ، قىممەتكە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ! كىملەركى بۇ مەيداندىن چەتنەيدىكەن ، چوقۇمكى پۈتۈن ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ھەمدە ئۇنىڭ .ئارىسىدىكى جىمى غەيئىلەر ئاللاھنىڭ كونتىرول قىلىشى ئاستىدا ! ئاللاھ كىملەرنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق رەۋىشتە شەكىلنى تىلىمىسۇن ، ئاللاھ ئۇلارغا شۇ خىل رەۋىشتە شەكىلگە قارىتا ياخشىلىق - يامانلىقنى ئىرادە قىلىپ بەرگۈسىدۇر ! يىغىپ ئېيتقاندا يارىتىش ئاللاھدىن ، يارىلىش بولسا ھەقىقەتەن بەندە - ئىنساندىن ! ئاللاھ پۈتۈن بەندىلىرىگە پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى پۈتۈپ بەردى ، بەندە ئۇنى تاللايدۇ . ئاللاھ ئۇلارنىڭ تاللىشىغا قارىتا پۈتۈپ بېرىدۇ ، بەندە شۇ پۈتۈشلەردىن يارىتىلىنىدۇ !
بۇ خىل قورغانىي تەرەپلەر ئىنتايىن نۇرغۇن بولۇپ ، بىز نۆۋەتتە زىنانىڭ يامانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ بەزى يامان تەرەپلىرى بىلەن تۇنىشىمىز ! ئاللاھ سۈرە نۇردا شۇنداق پۈتكەنلىكىنى ۋە شۇ خىل قورغاندىن ھېچ كىشىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىقنى ۋە كىملەر مەيلى قەيەرگىلا بارمىسۇن ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تاللىشىغا قارىتا ھۆكۈم پۈتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ شۇنداق ئېيتىدۇ :
( ئۇ ئەگەر مۇسۇلمان بولۇپ زىنا قىلغان بولسا ) زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت ( ئۆزى بىلەن ) زىنا قىلغۇچى ئايالنى ( ئالمىسا ، ئاللاھنىڭ ھېكمىتى شۇكى ۋە نىكاھ غەيىبتۇركى) ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت ( ئۆزى بىلەن ) زىنا قىلغۇچى ئەرگە ( تىگىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن ، بىلىپ قويسۇنكى ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قانچە تاللىغىنى بىلەن ئۇلار ) ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ ، ئۇ ( خىل ، ئاۋال تۇتۇشۇپ بولۇپ ئاندىن نىكاھ توغرىسىدا سۆز ئېچىشىش ۋە شۇ ئىشتىن كىيىن نىكاھلىنىش ) مۆئمىنلەرگە ھارام قىلىندى ( 3 ) نۇر
ئايەتتە ئېيتىلغاندەك ، مۇسۇلمان ئەمەلىيەتتە بۇدلارنى مەبۇد ۋە ئىلاھ دەپ چوقۇنمايدۇ ۋە ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايدۇ . ھاياتلىقتا بۇ خىل ماقامغا ، قىممەتكە يەتمەكمۇ بەسى مۈشكۈلدۇر ! ئەمما يەتكەن بولۇپ ، ئۆز قىممىتىنى ساقلاشتا ئاللاھ ئۇلارغا بەلگىلىگەن شەكلى ھاياتلىقتىن چەتنەيدىكەن ، چوقۇمكى قىلمىشلىرىنىڭ تىگىشلىك ۋابالىغا قالىدىغانلىقى ئاشكارا جاراڭلىق ھۆكمى بايان ئىتىلگەن . ئەمما كۆپيىنچە مۇسۇلمانلىق ماقامىغا يەتكەنلەر ۋە بىلىپ - بىلمەي شۇ يولغا - نېمەتكە يېتىشىپ قالغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى دىنىي پايدا - زىياننى تېتىمىغانلىقى ، تۇنىمىغان ۋە چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك نەپسىگە قۇل بولۇش بىلەن كۆپىنچە ھاللاردا ئىختىيارلىقى تارتقان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ . چۈنكى جىندىن ۋە ئادەمدىن بولغان شەيتانلار ئەنە شۇنىڭدەك تاييار لوقمىنى ئازدۇرۇشقا ئەڭ ئامراق بولىدۇ . چۈنكى بۇنىڭدەك خامۇشلاردا كۈتۈلمىگەن يېڭىچە ھاياجانلىق ئىشلارنىڭ چىقىشى كۆپ بولغانلىقتىن ( خۇددى ئىچەرمەن ياكى بەڭگى يېڭى ئىچەرمەن - چىكەرمەنلەرنى بۇلىشىچە مەس قىلىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ كەيپىنى كۆرۈشكە ئامراق بولغاندەك )
ھەممە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئاغرىنغان . ئېرىم ئاندىغەي ، خوتۇنۇم ماندىغەي .......... مەيلى كىملەر قايسى بىر تۇرمۇشقا ئۇلاشمىسۇن ، شۇ شەكلى سۈپەت ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ھەقىلىقتۇر ! ھېچ كىشىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن ئاغرىنىدىغان ھېچ بىر ھوقوقى ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا شىكايەت قىلغۇدەك ئىمتىيازى يوقتۇر ! پەقەت ھەممە قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆرگۈسىدۇر !
ئى زىنا قىلغۇچى !!! سىز زىنا قىلغۇچى قىز - ئايالنى ئالماي ، زىنا قىلغۇچى ئەر - يىگىتكە تەگمەي ، يەنىلا ئۆز خاھىشڭىزچە تەقۋا بىر كىشىگە ئۇلشماقچىمىتىڭىز ؟ قارىماققا تەقۋا ئىكەن ، سالىھ ئىكەن دەپ ئۇلاشقىنىڭىز ئاقىۋەتتە قانداق چىقتى ؟ ئالتۇن ئالسىڭىز جا ، قاچۇغا ئالسىڭىز سا چىقتىمۇ ؟ شۇنىڭدەك فاجىرلار جىمى شەكىللىكلەرنىڭ ئىچىدە مەۋجۇتتۇر . چۈنكى مەيلى قايسى بىر يولدا بولمىسۇن ، كاتتىلىرىغا ئۇدۇللا چوقۇنۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ئىش - ھەركەتلىرىنى شەكلى جەھەتتىنلا سۇيئىستىمال قىلىۋالىدىغانلار ئىنتايىن كۆپتۇر . سىز ۋە سىزنىڭ كەينىڭىزدىن ئۇلىشىۋاتقانلار ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۇيۇن قىلىۋالىدىكەن ، دىنىي ئەھكامىنى ئاۋال چۈشىنىپ تۇرۇپ يول كەزمەيدىكەن ، ھامان تىگىشلىك ۋابالىنى تېتىماي قالمايدۇ . چۈنكى ، ئىسلامدا ھەر كىمنىڭ ئۆز غەكلىدىن غاپىل قېلىشى يوقتۇر . كىملەركى غاپىللىقنى تىلەيدىكەن ، ئۇ چوقۇم ھەر ۋاقىت زىيان تارتقۇچىدۇر !
ئاللاھنىڭ ئايىتىدە ئېيتىلغاندەك ، ئاۋال زىنا قىلىش بىلەن نىكاھقا يېتىش مۆئمىنلەرگە ھارامدۇر ! مۆئمىن بىر كىم بىلەن زىنا قىلغان ئىكەن ، ئۇ توي قىلىش ۋە نىكاھتا موللىلارنى چاقىرىپ ئاۋارە بولمىسۇن ۋە موللىلارنىمۇ گۇناھقا شېرىك قىلمىسۇن . چۈنكى دەموللا بۇ خىل نىكاھقا چاقىرىشنى بۇرۇنلا ئەمەلدىن قالدۇرغاندۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھۆكۈمنى ھەم پىچىپ يەتكۈزىۋاتقاندۇر . ئەمدى قالدىسى سىزلەردە قالدى . كىملەر ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلالايدىكەن ؟ ئاللاھ ھارام قىلغان نىكاھنى كىملەركى ھالال سانايدىكەن ياكى شۇنڭدەك ھارامدىن يانمايدىكەن ، ئۇنىڭدىن تېپىلغان بالا يەنىلا ھارامدىن بولغان بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن پەتىۋانى بۇلۇڭ - پۇچقاقتىكى گەپدان ، ھېكمەتسىز موللا بولىۋالغان ئالىملاردىن ئەمەس ، بەلكى ھەقىقىي ئىلمىسى بار موللىدىن ئېلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ تۇتقىسىدۇر ! چۈنكى << چالا پەييى ئادەم ئۆلتۈرىدۇ >>
ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ ئىككىسى چوقۇم نىكاھلىنىشى لازىم .