|
دادا كىچىك ئوغلىغا ھىكايە ئىيتىپ بەرمەكچى بولۇپ,ئۇنى يىنىغا چاقىرىپتۇ.
_بالام,سەن بىلەن ماڭا ئوخشاش بىر ئاتا-بالا باركەن.بىر كۈنى دادىسى ئوغلىنى تام ئۈستىگە چىقىرىپ "سەكرىگىن,مەن سىنى تۇتۇۋالىمەن "دەپتۇ.ئوغلى سەكرەپتۇ,ئەمما دادىسى تۇتۇۋالماپتۇ.دادىسى يەنە ئۇنى تام ئۈستىگە چىقىرىپ"بۇدا چوقۇم تۇتۇۋالىمەن,سەكرە"دەپتۇ.ئوغلى ئىككىلنىش ئىچىدە سەكرەپتۇ,ئەمما دادىسى يەنىلا تۇتۇۋالماپتۇ.بالا شۇنداق يىغلاپتۇ,دادىسى بالىسنى بەزلەپ"بالام,ئۈچىنجى قىتىم چوقۇم تۇتۇۋالمەن,يەنە بىر سەكرە"دەپتۇ,بالا تام ئۈستىدە سەكرەشكە جۈرئەت قىلالماي تۇرغاندا,دادىسى ئۇنىڭغا:ماڭا ئىشەنمىسەڭ يەنە كىمگە ئىشىنەتتىڭ?مەن سىنىڭ داداڭ تۇرسام,سەكرە,چوقۇم تۇتۇۋالمەن,دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بالا ئۈمۈد بىلەن سەكرەپتىكەن,يەنىلا قاتتىق يەرگە چۈشۈپتۇ.بالا ئاچچىق بىلەن دادىسىغا تىكىلگەندە,دادىسى: شۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى,بۇ دۇنيادا ھىچكىمگە ئىشەنمە,ھەتتا ئۆز داداڭغىمۇ,دەپتۇ. بالام ھازىر بىزمۇ شۇ ئاتا-بالىغا ئوخشاش ئويۇن ئوينايلى,سەن تامدىن سەكرە,مەن تۇتۇۋالاي.
--ياق,مەن سەكرىمەيمەن.
--ماڭا ئىشەن,چۇقۇم سىنى تۇتۇۋالمەن.
شۇنداق قىلىپ,دادا مىڭ تەستە ئوغلىنى تام ئۈستىگە چىقىشقا كۆندۈرۈپتۇ.لىكىن بالا يەنىلا سەكرىگىلى ئۇنماپتۇ.
--ئوغلۇم،ئۆز داداڭغىمۇ ئىشەنمەمسەن?قوقماي سەكرە
بالا ئاخىرى نىم بوسام بولاي دەپ كۆزىنى يۇمغىنىچە سەكرەپتۇ.بالا شۇنداق يىغلاۋىتىپ,تۇيۇقسىز ھىچ يەرىنىڭ ئاغرىغاندەك قىلمىغىنى سىزىپ,كۆزىنى ئىچىپ ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىدا كۆرۈپتۇ.ئەسىلى بالا سەكرىگەندە,دادىسى ۋەدىسىدە تۇرۇپ,كۈچلۈك ۋە مىھرىبان قوللىرى بىلەن ئۇنى تۇتۇۋالغانكەن.بالا ھەيرانلىق ئىچىدە,دادىسىغا تەلمۈرۈپتۇ.دادىسى:
شۇ ئىسىڭدە بولسۇنكى,بۇ دۇنيادا بەزى كىشىلەرگە ئىشەنسەڭ بولىدۇ دەپتۇ-دە,ئوغلىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپتۇ.
ئىككى ئاتا,ئككى خىل تەربىيەدە چوڭ بولغان بالىلار,
مەنبە:ئۇستاز سۆزى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۆكلەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-25 09:00 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-27 09:37 PM):
ئىككى خىل ھايات قارشى,ئىككى خىل روھىيەت
|
|