|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار ھەممىڭلارغا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك تىلەيمەن. بۈگۈن تور بەتلەرنى كۆرۈۋېتىپ، تۆۋەندىكى خەۋەرنى كۆرۈپ بۇنى ئىختىيارسىزلا شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىنىڭ پويىزدا جاپادا قايتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قاپتىمەن. ئويلىسام رەھبەر ۋە ھەسسە قوشقۇچى مۇناسىۋىتى ئىكەن. ئۆزىمىزنىڭ مۇنۇ جۈملىلىرى ئېسىمگە كەلدى:
ئېگىلگەنگە ئېگىل.
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت تاپارسەن.
******** ********** ********
ھۇت(2-ئاي) ئېيىنىڭ 25-كۈنى، يۈەنشىياۋ بايرىمىدىن كېيىنكى ئىشقا چىققان تۇنجى كۈنى، جېجىياڭ تەيجۇدىكى بىر كارخانىنىڭ رەھبەرلىرى زاۋۇت ئىشىكى ئالدىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا چىققانلىقىنى سەپ بولۇپ تازىم قىلىپ قارشى ئالدى.
كارخانىنىڭ بىر ئەمەلدارى: بۇنداق ئالاھىدە قارشى ئېلىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلۇپ، شىركەتنىڭ يۇقىرى تۆۋەن مۇناسىۋىتى يېقىنلاشتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ كارخانىدىن ئايرىلمايدىغان بولدى_، دېدى.
__________ ___________ __________
ئۆزىمىزنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ياردەم قىلغانلارغا، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىپلا "پوش-پوش" دېمەسلىكىمىز ياكى ئەجرىگە تېگىشىلىك مۇئامىلىنى كېمەيتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىش ھامان كىشىنى ھالاكەتكە باشلايدۇ.
مەنبە: تېڭشۈن تورى
يوللىغۇچى: ئەلتېكىن
|
|
|
|
|
|