tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 11:02 PM
دىنىي بىلىمى چوڭقۇرراقلار ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار ...
تەجۋىدنىڭ سۆز مەنىسى- ياخشىلاش~ تۈزەش~كۆركەملەش~ دىگەنلىك بولۇپ، ئىلمىي مەنىسى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغاندا ھەرىپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ، قىرائەت قائىدىلىرىگە ماس ۋە ئۇيغۇن ھالدا ئۇقۇش ئۇسۇلى ۋە شۇ ھەقتىكى بىلىملەر يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. تەجۋىد، ئىلمىي تەجۋىد ۋە ئەمەلىي تەجۋىد، دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئىلمىي تەجۋىد دىگەن، تەجۋىد ۋە قىرائەت ئالىملىرى تەرەپىدىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆلچەملىك ئوقۇلۇشى ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان قائىدە- ساۋاتلار ۋە بۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمىلىي تەجۋىد دىگەن، ھەر بىر مۇسۇلمان قۇرئان ئوقۇغاندا تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزگىچە فونېتىكىلىق خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ، سۆزلەرنى گۈزەل، راۋان، يېقىملىق، توغرا ۋە تەبىئىي ئاھاڭ بىلەن ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ تاۋۇش زاپىسىنى تەشكىل قىلىپ تۇرغان 29 تاۋۇشنىڭ تەلەپپۇز ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىقلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ. تېلىفۇندا يازغان ئىدىم ئىملا خاتالىقى بولسا قېرىندىشلىرىمىزنىڭ تۈزۈتۈپ چۈشۈنۈۋىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.