مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ilyas.hemit

تەكلىماكاندىكى سوپى - ئىشانلار ( داۋامى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:10:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ilyas.hemit يوللىغان ۋاقتى  2013-2-28 10:56 PM
قالايمىقاننىڭ پەيزىنى مىيەدە كۆرۈڭ!
http://bbs.alkuyi.com/thread-3 ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن ئۆزۈمنى مۇسۇلمان دەيدىغان بىر ئاددىي پۇقرامەن،دىندىنمۇ بەك كۆپمۇ ساۋادىم يوق،ئىلىمدىنمۇ خىلى ساۋادىم بار،مەيلى قانداقلا بولمىسۇن دىن ۋە ئىلىم قوينى كەڭ ئالەم مەن پەقەت مۇشۇ ئالامدىكى بىر زەررىچە خالاس،ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەم سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى مۇنازىرەڭلەرنى كۆردۈم(5بەتتىكى مۇنازىرنى كۆرۈپ تۈگەتتىم)،مەنمۇ سۆز قاتاي دېسەم بىلىمىم كەمچىل،لىكىن مېنىڭ سىزدىن بىر سۇئال سورغۇم كېلىۋاتىدۇ(تېمىڭىزدىن قۇسۇرۇق تېپىش مەقسەت ئەمەس ھە)،سىز شۇ سىن ئېلىش جەريانىدا مەيلى كۆپچىلىككە بولسۇن ياكى بىرەر شەخسكە بولسۇن ئسلامدىكى نوقتىنەزەر ۋە ئۆزىڭىزنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئېيتىپ باقتىڭىزمۇ؟؟ ئەگەر شۇنداق ئىش بولغان بولسا ئۇلار قانداق كۆز قاراشتا بولدى؟ مۇشۇلارنى بىر بايان قىلىپ باققان بولسىڭىز بوپتىكەن،مەندە شۇلارنىڭ ئىددىيسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى قوزغۇلۇپ قالدى؟! رەھمەت
(ئەلكۈيدىكىمۇ سىزكەنسىز ھە،ئۇيەردىمۇ مۇشۇ ئىنكاس)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:24:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شەخسەن تىمى ئىگىسىنىڭ بۇ سوزىنى توغرا دەپ قارايمەن، مىنىڭچە بۇ غەيۋەتكە كىرمەيدۇ، بەلكى ئاشۇلارنىڭ ئانچىكىم سۆزىگە ئالدىنىپ قېلىپ، كىيىنكىلەرنىمۇ ھەم ئاشۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەق يولنى تەۋسىيە قىلىپتۇ.

ئالدىڭغا شۇنداق بىر ئېغىر سىناقلار كەلسە، سەن ھەرگىز بوشىشىپ قالمىغىن. چۈنكى بۇ سىناق سەن ئۈچۈن پىلسىرات كۆۋرىكىنىڭ يول خېتىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92297
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 01:29:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئال: ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈرۈش ھىساپلىنىدىغان ئىشلار قايسىلار؟

جاۋاب: (1) دۇنيانى ۋە دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئاللاھتىن باشقىمۇ بەزى باشقۇرغۇچىلار بار.دەپ ئىتىقاد قىلىش. مەسىلەن ئەۋلىيالار،قۇتۇپلار،پىرلار ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلار دۇنيادىكى بەزى ئىشلارنى باشقۇرالايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلغانغا ئوخشاش.بۇ خىل شىرىك ئاللاھنىڭ تەسەرۇپاتىغا باشقىلارنى شىرىك قىلىۋالغانلىقتۇر.

          (2) ئۆلۈكلەرنى ( مەيلى ئۇلار پەيغەمبەر بولۇپ كەتسۇن،مەيلى ئەۋلىيا بولۇپ كەتسۇن) كىشىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلەيدۇ،ھاجەتلەرنى راۋا قىلالايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلىش.

         (3) ئاللاھقا ۋە ئاللاھقا خاس سۈپەتلەرگە باشقىلارنى ئوخشىتىش. مەسىلەن: ئەۋلىيا، قۇتۇپلار،پالچىلار،ۋە رامچىلار،سىھىرگەرلەر ئاللاھتىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىشلارنى(غايىپنى) بىلىدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلغانغا ئوخشاش.بۇ خىل شىرىك ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان سۈپەتلىرىگە باشقىلارنى شىرىك قىلىۋالغانلىقتۇر.چۈنكى غايىبلارنى بىلىش ئاللاھقا خاس سۈپەت. ‹غايىپنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ،قۇرۇقلۇقتىكى،دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ،دەرەختىن تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق،مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن،مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن،ھەممىسى ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر.›(ئىنئام سۈرىسى 59-ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:‹كىمكى داخان،پالچى،رامچى ۋە كاھىنلارنىڭ غەيىپتىن سۆزلىگەن سۆزلىرىگە ئىشىنىىدىكەن،ئۇ ماڭا كەلگەن دىنغا كاپىر بولغان بولىدۇ.›(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)

         (4)ئۆلۈكلەردىن،دەرەخلەردىن ۋە مازارلاردىن مەدەت تىلەش ۋە ئۇلاردىن كىسەللەرگە شىپالىق سوراش،پەرزەنت ۋە بەرىكەت تىلەش،شۇنداقلا مەيلى تىرىك بولسۇن،مەيلى ئۆلۈك بولسۇن ئاللاھتىن باشقا بىراۋنى تەبىئىي سەۋەپلەر ۋە تەبىئىي چارىلەرنىڭ سىرتىدا كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ،دەپ ئىتىقاد قىلىش.بۇ خىل شىرىك ئىبادەتتە ۋە ياردەم سوراشتا ئاللاھقا باشقىلارنى شىرىك قىلىپ قوشۇۋالغانلىقتۇر.
         ئەسكەرتىش: ئاۋام خەلقنىڭ ئىغىزىدا كۆپ تارقالغان ‹يا پىرىم!› ياكى ‹مەدەت يا پىرىم!› دىگەن سۆزلەر شىرىك ۋە كۇپرى سۆزلەردۇر. كىشىلەر دەۋەتقان بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، بىلمەي ئىغىزىدىن چىقىرىدۇ. ‹مەدەت› سۆزىنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى ‹ياردەم سورايمەن› دىگەنلىكتۇر،‹ يا پىرىم› دىگەن سۆزدىكى ‹يا› ئەرەپ تىلىدا ‹مەدەت ۋە ياردەم سورايمەن› دىگەن جۈملىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،بىراۋدىن مەدەت سوراۋاتقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.شۇڭا بۇنداق كۇپرى سۆزلەرنى ئىيتىشتىن ساقلىنىش زۆرۈردۇر.بۇنىڭ ئورنىغا ‹ مەدەت يا ئاللاھ› دىيىش تولىمۇ تۇغرا مۇناجات ۋە ئىسىل دۇئادۇر.
        (5) ئاللاھتىن باشقا بىرسىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش. يەنى ئەۋلىيالارنىڭ،پىرلارنىڭ ۋە مازاردىكى ئۇلۇغلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىش،نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈش،ھەتتا مازارلارغا بىرىپ ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە ئاتاپ مال كىسىش قەتئىي ھارامدۇر. قۇربانلىق-ئىبادەت بولغانلىق سۈپىتى بىلەن،ئۇ پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنىدۇ.ئاللاھنىڭ ھەققى بولغان بىر ئىشنى باشقىسىغا ئاتاش ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹ئاللاھتىن غەيرىي ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!› (ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى)
   
       (6) ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىش.چۈنكى قەسەم دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئۇنىڭ جازالىشىدىن قورقۇلىدىغان بىرنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق، بىرەر ئىشنىڭ راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش دىمەكتۇر. ئۇنىڭ مەنىسى:‹ئەگەر مەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولسام،نامى ئاتالغان بۇ زات مىنى ئۇرسۇن› دىگەنلىكتۇر.شۈبھىسىزكى،ئۇلۇغلۇقنىڭ يىگانە ئىگىسى،قىلمىشلارغا يىتەرلىك جازا بەرگۈچى ۋە ئازابىدىن قورقۇلغۇچى زات ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ئادەم ئاللاھقىلا خاس بولغان ئۇلۇغلۇق ۋە قىلمىشلارغا جازا بىرىشتەك ئالىي سۈپەتلەرگە باشقىلارنى شىرىك قىلىپ قوشۇۋالغان بولىدۇ.شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام:‹كىمكى،ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن،ئۇ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.›(ئىمان ئەھمەد رىۋايىتى)
ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قىلىنغان قەسەم ئەمەلىيەتتە قەسەم ھىساپلانمايدۇ.چۈنكى قەسەم ئاللاھنىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىدىن بىرىنى تىلغا ئىلىش بىلەنلا قىلىنىدۇ.مەسىلەن:‹ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قىلىمەنكى....› دىگەنگە ياكى ‹ۋەللاھى،بۇ ئىش مۇنداق› دەپ قەسەم قىلغانغا ئوخشاش.شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ‹مىنى نان ئۇرسۇن›،‹ئانداق بولۇپ كىتەي،مانداق بولۇپ كىتەي› دىگەنگە ئوخشاش سۆزلىرى قەسەمگە ياتمايدۇ.
ئەمما كىشى قەسەم قىلدىم دەپ:‹مەن كاپىر بولۇپ كىتەي› دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغان ۋە قەسىمىدە يالغان ئىشقا قەسەم قىلغان بولسا،ئۇ ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك بولۇپ كىتىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:‹كىمكى ئىسلام مىللىتىنىڭ غەيرىي بىلەن يالغان ئىشقا قەسەم قىلىدىكەن،ئۇ ئۆزىنىڭ دىگىنىدەك بولۇپ كىتىدۇ.›(ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

       (7) ئۆلۈكلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يىقىنلىشىش مەقسىتىدە مازارلارنى تاۋاپ قىلىش.چۈنكى تاۋاپ قىلىش پەقەت بەيتۇللاھتىكى‹كەبە›گىلا خاستۇر. بەيتۇللاھتىن باشقا جاينى تاۋاپ قىلغان كىشى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ.چۈنكى تاۋاپ ئىبادەتتۇر.ئىبادەتنى ئاللاھتىن باشقىىسى ئۈچۈن قىلىشنىڭ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەنلىك ئىكەنلىكى ئىنىقتۇر.
يۇقىرىقى ئىشلاردىن بىرەرسىنى سادىر قىلغان ئادەم قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ، قىلغان پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلىرى بىكار بولۇپ كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92297
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 02:26:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپ دەپ قارايسىلەر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى زىيادە قىلسۇن!، لېكىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولىشى بىلەن تۈرلۈك بىدئەت، ھاۋايى-ھەۋەسلەر ئۇلارنى بۆلىۋەتتى، ئىختىلاپلار ئۇلارنى  ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى. ئاللاھ ساقلىغان كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قەلبى ئاخىرەتتىن دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىش بىلەن زەئىپلەشتى.
بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەر قەلبلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۇ ئېغىر كىسەل بولۇپ، روھنى ھالاك قىلغۇچى زەھەر، ئەگەشكۈچىنى ھەقىقەتنى ئاڭقىرالمايدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان گاس-قارغۇ قىلىدۇ ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئۇچرىتىدۇ. بىدئەت دېگەن ئىسلام دىنىدا ئەسلى بولمىغان ئەمەللەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىدئەتچىمۇ ئۆزىنىڭ قۇرئان-ھەدىسكە، ئىلىم ئەھلىگە مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىلىرىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار ئۆزىنى ئېلىم ئەھلى دەپ قارىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى سەۋەبىدىن بىلىمسىز ھېسابلىنىپ ئازغۇنلۇق ۋە پىتنىگە دەۋەت قىلغۇچى دەپ قارىلىدۇ.
ساھابىلار ئۆز دەۋرىدە بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ كىشىلەرگە قۇرئان-ھەدىسنىڭ توغرا پرىنسىپىنى، ھەقىقەت كىتاپ-سۈننەتكە ئەگىشىش بىلەن نامايەندە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئاللاھ ئۇلار بىلەن ھەقىقەت نۇرىنى  يورۇتۇپ بىدئەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقان، ئۇلاردىن كېيىن تابىئىنلارمۇ ئامانەتنى ساقلاپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. ھەر قاچان بىر بىدئەت پەيدا بولىدىكەن، ئاللاھ شۇ بىدئەتنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ رەت قىلىدىغان، دىننى قوغدايدىغان ۋە ھەققە ياردەم بېرىدىغان ھەقىقەتچى كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز». ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى زىيىنى ۋە دىندا يۈز بېرىدىغان خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالاردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ، شۇ كۈندە يەنى قىيامەت كۈنىدە بەزى يۈزلەر يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى قارىيىدۇ». ئىبنى كەسىر (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) بۇ ئايەتنى تەپسىر قىلىپ: "يۈزى ئاق كىشىلەر سۈننەت ئەھلى(يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەر)، يۈزى قارا كىشىلەر بولسا بىدئەتچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر" دەيدۇ.
بىدئەت دىننى ۋەيران قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ، ئاخىرەتتە ئىنساننى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. دۇنيادا زېيىنى ھەممىگە تەڭ بولىدۇ، قەلبلەر بىر بىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. خارلىق رەزىللىك تارقىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىنىڭ سۈننىتىمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار خار ۋە رەسۋا قىلىندى».
بىدئەتتىن قالسا دىننى ۋەيران قىلىدىغان نەرسە ھاۋايى-ھەۋەس بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ دىنى ئېتىقادىنى ۋەيران قىلغاندىن سىرت، مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى رەھىمسىزلەشتۇرۇپ غەپلەتتە قويىدۇ ۋە دىللىرىنى قارايتىدۇ، ھەقنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنى ئۆچ كۆرىدۇ. دۇنيادا خار ۋە رەسۋا بولۇپ ئاسىيلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئاخىرەتتىكى ئازابى بۇنىڭدىنمۇ ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بولىدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى گۇناھ-مەسىيەتكە ئادەتلەنسە ئۆز ئىگىسىنى ئاسىيلىققا يېتەكلەيدۇ ۋە بالا-مۇسىبەتكە دۇچار قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنى كونترول قىلىش قېيىن بولىدۇ.
مۇسۇلمان ئۆز نەپسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تەقۋالىققا يېتەكلەپ، ياخشى ئەمەللەر ۋە پايدىلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرسە دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا نەپسى شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ تەۋبە قىلمىغان كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇن باسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ». ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى: «قىيامەتتە گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئىزاھلاپ، "جەھەننەمدىكى ئاستى بەك چۇڭقۇر، يېمەكلىكى نىجىس بولغان بىر جىلغىدىن ئىبارەت" دېگەن.
ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! بىدئەت پىتنىلىرى ۋە چەكلەنگەن  ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار. ئىنسان ئىلىمسىزلىك ۋە تەقۋاسىزلىق بىلەن ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. بىدئەت ۋە شەھۋەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاساسلىق يولى مەنپەئەتلىك ئېلىم ۋە ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر. بارچە يامانلىقنىڭ سەۋەبى بىلىمسىزلىك ۋە جاھىللىقتىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن باشقىلارنى ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ».
مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنى قۇرئان-ھەدىستىن بولغان دەلىللەر بىلەن بىلىشكە بۇيرۇلغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ(پەقىھ قىلىدۇ)». ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېلىم ۋە ئالىملار زېمىندا داۋام قىلىدىكەن، كىشىلەر توغرا يولدا بولىدۇ، ئالىملاردىن كىيىن ئىلىمسىزلار كۆپەيگەندە كىشىلەر گۇمراھلىققا يۈزلىنىدۇ". ئاللاھ تائالا بىدئەتتىن ساقلىنىش ۋە نىجات تېپىشنىڭ كىتاپ-سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى بولغان قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىڭلار، بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمنى ۋە مەندىن كېيىنكى ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار».
ئاللاھ تائالا، بىدئەت پەيدا قىلماستىن سۈننەتكە ئەگەشكەن كىشىلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ، ئىسلام تەلىماتىنى تەتبىقلاشقا چاقىردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر(يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار)دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر».
يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىسنى ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ، ساھابىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە چۈشۈنۈپ، ئىدىيىنى ۋە بارلىق ئەمەللەرنى سۈننەتكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسىغا ئەگىشىش، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ يول باشچىسىنى چىڭ تۇتۇڭلار». دىنى ئىشلارنى كىتاپ-سۈننەتنى بىلىدىغان ۋە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملاردىن سوراش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دىن ئىشلىرىنى بىلمىسەڭلار، بېلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار». بىدئەتتىن ساقلىنىشنىڭ يەنە بىر يولى، مۇسۇلمانلارغا ھەسەت قىلماسلىق، ھىلى-مىكىر ئىشلەتمەسلىك، ئۇلارغا قارشى چىقماسلىق ۋە خىيانەت قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ. (دېمەك؛ بىدئەتتىن ساقلانغاندا جەمئىيەتتە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، بىربىرىگە كۆيۈنۈش، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىدىغان ئاجايىپ كۈچ بارلىققا كېلىدىغانلىقىدا ھېچقانداق شەك يوقتۇر...-م-) بۇ مەنالار  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دىن نەسىھەت قىلىشتۇر» دېگەن ھەدىسىدە ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى بىدئەتتىن ساقلاپ سۈننەتكە ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 06:08:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 09:39:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
makanim75 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 12:52 AM
ئى بۇرادەر،سىزمۇ بىرنەرسىنى چۈشۈنۈپراق ئاندىن باشقى ...

سىز  بىدئەت دىگەن  سۆزنى  چۈشەندۈرۈپ  بېقىڭ ،،،بۇتىمىنى  يازغۇچىنىڭ  مۇشۇتىمى بازارغا سېلىپ يۈرۈشىدىنلا بىلدىم  ،بۇتىما باشقا مۇنبەردە  نۇرغۇن  پىتنىلەرگە  سەۋەپ   بولغان  تۇرۇپ بۇيەرگە  ئەكىرىپ  بازارغا  سېلىپ نىمىنى مەقسەت قىلىدۇ ...بۇ بىلىملىك  ھەم ئەقىللىق  ئادەمنىڭ  ئىشى  ئەمە س  ،،،   بۇكىشى  دىن ئۈچۈن  گەپ  قىلماقچى  بولسا   يەنە كىلىپ  تەسەۋۇپ  يۇلى  توغرىسىدا  بىر نەرسە  يازماقچى بولسا  ئاۋۋال  مۇشۇ  توغرىسىدا  ماتىريال  كۈرۈش  ،،يەنە  مۇشۇنداق  ئادەملەربىلەن   ئازراق  ئارلىشىپ  بېقىۋاراقمۇ  يازمامدۇ  ....ئادەتتىكى جەميەتكە  مۇناسىۋەتلىك  بىر  ماقالىنىنىمۇ  .شۇماقالىگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپ ماتىريال  نى كۈرۈپ  يازىدۇ  ،،،چۈشەندىڭىزمۇ ....ئەگەر  ئۇنىڭ  ئىچى تار بولمىسا بۇنى توردا  سازايى قىلمىغان  بۇلاتتى   ئەكسىچە  شۇلاربىلەن بىر  پىكىرلىشىپ  باققان بۇلار  ئىدى  ..بولدى  سىزمۇ  كۆپرەك  ئويلاپ  باقاسىز ،،،مەن  مۇشۇ تىمىغا  يەنى تىما ئىگىسىگە  بەك  ئىھتىيات بىلەن گەپ قىلدىم  دەپ ئويلايمەن ،،ئەگەر تىما  ئىگىسى  قايىل  بولمىسا ماڭا  ئۇچۇر  قىلسۇن  مەن  ،،،،يەنى  مىنىڭ  خاس بىتىپگە  دىمەكچى  ،،چۈنكى  بۇيەر  دە قالايمىقان  گەپ قىلساق  تور مۇھۇتىغا  تەسىر يىتىدۇ ..

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 09:46:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ilyas.hemit يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 01:29 AM
سوئال: ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈرۈش ھىساپلىنىدىغان ئىشلا ...

ماۋۇ  گەپلىرىڭىز توغرا  ئەسلى  مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللىسىڭىز بۇلاتتىغۇ  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 09:49:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ilyas.hemit يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 02:26 AM
ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپ دەپ قارايسىلەر، ئاللا ...

سىز  بۇرۇنلا  ئەل كۈيىگىمۇ  .مىسرانىمغىمۇ مۇشۇنداق  تىمايوللىسىڭىز  ھەچكىم  قارشى  چىقمايدۇ ،،،ماۋۇ ئىنكاسلىرىڭىزنى تىما  يوللىسىڭ  بۇلىدۇ  ....چۈشەندىڭىزمۇ   ،،،،بۇرادەر  ،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:04:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەكەن ناھىيسىدىكى بىرتوپ نادان خەلقىمىز، يېقىندا بۇلارنىڭ ئارسىىدا بىرسى قازا قىلغان ئىدى، شۇنىڭغا ئاتاپ قىلغان تىلاۋىتىدەك قىلىدۇ قارىغاندا.........  ئەخمەق نادان كىشىلەر.......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60764
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4577
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 2628 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:55:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurax114 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-28 11:50 PM
ھەي  ئۇيغۇر لار  ،ئۈزىنى مۇسۇلمان  ھىساپلايدىغان  ،لىكى ...

سەن ھېلىقى ئاپپاق غوجىنىڭ نەۋېرسىغۇ دەيمەن.....بۇنداق دىسەم چىچاڭشىپ كەتمە، ئەينى چاغدا ئاپپاق غوجى توغورسىدىكى تېمىدا سەن ماڭا شۇنداق دىگەن  ئۇنتۇپ قالمىغانسەن ؟  نەگە قارىسا ئاپپاق غوجىنىڭ چاپىنىنى كۆتۇرۇپ يۇرگەن .....بۇنداق تېمىلا چىقسا سەن ئەڭ ياخشىسى  گەپ قىلما ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش