زامانىۋىلىشىش نېمە؟
مۇتەللىپ ئىقبال زامانىۋى(现代) ھازىرقى جەمئىيەت خاراكىتىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئوقۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخىنى 6-ئەسردىكى لاتىن تىلىغا قەدەر سۈرۈش مۇمكىن. دەسلەپتە لاتىنچە، كىيىن ئىنگىلىز تىلى ۋە باشقا تىللار بو ئوقۇمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھازىرقى بىلەن قەدىمقى ئاپتۇر ۋە ئەسەرلەرنى ئايرىپ كەلگەن. 17-ئەسىرگە كەلگەندە زامانىۋىلىق(现代性)، زامانىۋى ئېقىم(现代派) ۋە زامانىۋىلاشتورۇش(现代化) قاتارلىق ئوقۇملار چەكلىك سورۇنلاردا ئىشلىتىلەتتى. ئەڭ دەسلەپ زامانىۋى دىگەن بۇ سۆز ئادەتتىكى، قىزىقى يوق دىگەندەك سەلبىي مەنىلەرنى ئىپادىلەيتتى. شىكىسپىر ئەسەرلىدە بۇ سۆزنى موشۇ خىل مەنىدە ئىشلەتكەن. ئەنگىلىيەلىك يازغۇچىلار فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ