تۈركىيەدە ئوقۇش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
مۇقەددىمە تۈركىيەدە ئوقۇش نورغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى. بۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. گەرچە، تۈركىيەدە ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق خىيالى بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ مائارىپ سىستىمىسى ۋە ئوقۇتۇشى ھەققىدە سىستىمىلىق ئوچۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خەنزۇ تىلىدا كەم بولۇشى تۈپەيلى نورغۇن ئوقۇغۇچىلار مەقسەتسىزلا تۈركىيەگە كېلىپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئوقۇش ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىقنىڭ ئاز بولۇشى ۋە پىلاننىڭ چالىلىقى تۈپەيلى نورغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە كىلىپ بولۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ.