ئىجتىمائىيلىشىش

  مۇتەللىپ ئىقبال ئىجتىمائىيلىشىش(زاغرا تىل بۇيىچە ئېيتقاندا، ياشاشنى ئۈگىنىش ۋە چۈشىنىش جەريانى) ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر خىل ھادىسىدۇر. ئىنسان توغۇلغاندىن تارتىپ تاكى قېرىپ ئۆلگۈچە ئىجتىمائىيلىشىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئىنسان توغۇلىشىدىنلا ئىجتىمائىي ئادەم بولۇپ توغۇلمايدۇ، بەلكى ھايۋانلارغا ئوخشاش تەبىئىي مەخلۇق سۈپىتىدە دۇنياغا كىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىيلاشمىغان بىر ئىنساننى تولۇق ھالدا ئىنسان دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىيلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرىدىغان بىر جەرياندىن ئىبارەت. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئادەمنى ئىنسان قىلىدۇ.

داۋامى