ئەركىنلىك ھەققىدە كىچىككىنە مۇلاھىزە
مۇتەللىپ ئىقبال زامانىۋى جەمئىيەتتە ئەركىنلىك بولمىسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. زامانىۋى جەمئىيەتتە ئەركىنلىك بولمىسا، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر مەقسىتىگە يىتەلمەيتتى.[1] ئەمەلىيەتتە، زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ئەركىنلىك ئىنساننىڭ ئىقتىسادىي پائالىيتىگە بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. چۈنكى، زامانىۋى جەمئىيەتتە ئىنسان ئىستىمال قىلمىسا، ئىقتىسادتا تەرەققىيات بولمايتتى. بۆگۈنكى زامان كاپىتالىزىمىنىڭ ئەڭ رۇشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھەر بىر ئىنساننى ئىستىمال تىپىدىكى ئىنسان قىلىپ چىققانلىقىدا. كاپىتالىزىمنىڭ بۇ بۈيۈك پىلانى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن، ئاندىن كاپىتالىزىم ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇتلۇققا ئىرىشەتتى. ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ شەكىللىنىشى