سوۋغات ۋە ھوقۇق(كۈچ)
مۇتەللىپ ئىقبال ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ ماھىيتى ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ رۇلى ھەققىدە قەلەم تەۋەتكەن ئىنسانشۇناس مالىنوۋسكى(Bronislaw Malinowski) بولۇپ، ئو ئىپتىدائىي قەبىلىلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى مەخسۇس كۆزەتكەن. مالىنوۋسكى ئىپىتدائىي قەبىلىلەردىكى سوۋغات ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەسلىدە قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئىتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۇلا(Kula) سىستىمىسىدىكى ھەر بىر قەبىلە باشقا قەبىلىلەر بىلەن مارجان ۋە ئۈزۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى قەرەللىك ئالماشتۇرغان. قەبىلىلەر ئارىسىدىكى بۇ خىل سوۋغات ئالماشتۇرۇش ئەسلىدە بىر خىل مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان بولۇپ، قەبىلىلەر ئارىسىدا ھەرخىل زىننەت بويۇملىرى ھەر يىلى ئالماشتۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئىنسانشۇناسلار ئىچىدە سوۋغات