ئىجتىمائىي پەنلەردىكى قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى
Mutellip IQBAL ئىجتىمائىي پەنلەردىكى قاراشتىن خالىي بولۇش مەسىلىسى تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتىنى تاللاش، تەتقىقات جەريانىنى ئېلىپ بېرىش ۋە يەكۈنگە ئىرىشىش جەريانلىرىدا ئۈزىنىڭ شەخسىي قاراشلىرىدىن يىراق تۇرۇپ ئوبىكتىپ مەيداندا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. قاراشتىن خالىي مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. تەتقىقاتچىنىڭ ئۈزىنىڭ كۆز-قارىشىدىن خالىي ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش-بارالماسلىقى ھەققىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىدىمۇ ئىزچىل مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلگەن. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات مېتودى ھەققىدە ئەڭ بۇرۇن قەلەم تەۋرەتكەن ئېمىل دۇركخيىممۇ تەتقىقاتچىنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئۈزىنىڭ شەخسىي كۆز-قاراشلىرىدىن يىراق بولۇشىنى تەكىتلىگەن. دۇركخيىمنىڭ