ئاممىۋى ساھە

-يۈرگىن خابېرماسنىڭ ”ئاممىۋى ساھەنىڭ قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشى“ ناملىق كىتابى ھەققىدە مۇتەللىپ ئىقبال ئاممىۋى ساھە دېگەن بۇ ئوقۇم بىزگە ناتونۇشمۇ ئەمەس. تىلىمىزدا جامائەت ساقلىقى، ئاممىۋى مائارىپ، جامائەت پىكىرى، جامائەت ئىگىدارچىلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى… قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇقۇملار ناھايىتى ياخشى ئومۇملاشقان. بۇ يەردە جامائەت، ئاممىۋى ياكى كوللىتىپ دەپ ئېلىنىۋاتقان ئوقۇم ئەسلىدە ئىنگلىزچىدىكى ئاممىۋى ياكى جامائەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان public سۆزىگە تەڭداش مەنىلەرنى بىرىدۇ. مەن بۇ يەردە ئاممىۋى ساھە ھەققىدە ئاددىي شەكىلدە ئىزاھلاش ئېلىپ بارىمەن. ئىنگلىز تىلىدىكى ئاممىۋى ساھە(public shpere) دېگەن

داۋامى

ئەرۋىڭ گوفمان ۋە تامغا چۈشەنچىسى

            مۇتەللىپ ئىقبال ”تامغا“ گوفماننىڭ سىمۋوللۇق ئالاقە چۈشەنچىسى ئەكس ئەتكەن يەنە بىر مۇھىم كىتاب ھېسابلىنىدۇ. گوفمان تامغا نەزەرىيەسى ئارقىلىق تامغىلانغان ئىنساننىڭ كىملىكى ۋە ئۆزلۈكىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى، تامغىلانغان ئىنساننىڭ باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلغان. تامغا چۈشەنچىسى ئەسلىدە، گوفماننىڭ بېركىرلىي ئۇنىۋېرستىتىدە ”تاپتىن ياكى يولدىن چىقىش“ ھەققىدىكى دەرسىدە ئاڭلاتقان خاتىرىلىرىدىن ئىبارەت. گوفمان 1963-يىلى دەرس خاتىرىسىنى كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان. ئالدى بىلەن گوفمان ”تامغا“ ھەققىدىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە،

داۋامى

ئايفون، مەنە ۋە سىمۋول

    مۇتەللىپ ئىقبال   بۈگۈنكى كۈندە تېلېفون ماركىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،  تېلېفون ئارقىلىق ئەكس ئەتكەن مودا ۋە سالاھىيەت كىشىلەرنىڭ  تەلپۈنىدىغان نەرسىسىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئايفون ئىشلىتىش بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئەركىن،  ئۇچۇقلۇقنىڭ ۋە سەلتەنەتنىڭ ئىپادىسىگە ئايلاندى. شەكىل جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايفون قوللىنىش بىر كىشىنىڭ سالاھىيىتى ۋە دەۋرگە ماسلىشىپ مېڭىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولدى. ئايفون ھەقىقەتەن يېڭى ئېقىمنىڭ ۋە مودىنىڭ سىمۋولى بۇلالامدۇ؟ ئايفۇننىڭ مودىلىشىشى كىمنىڭ يانچۇقىغا پايدا كەلتۈرىدۇ؟ ۋە كىملەرنى گاداي قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە ھازىرچە توختالمايمەن.

داۋامى

ئادەت ۋە مودىنىڭ سىمۋوللۇق جارچىسى-دوپپا

مۇتەللىپ ئىقبال پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەنلەردىن غەلىتىلىك ھىس قىلمايدىغان، ئەمما دوپپا كەيگەنلەردىن شۆبھە ھېس قىلىدىغان ۋە دوپپا كەيگەنلىكى ئۈچۈن چۈشەندۈرۈش بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر دەۋردە ياشاۋېتىپتىمىز. بۇ ئۆزىمىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ۋە مەدەنىيەت چۇلۋۇرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بىز مەدەنىيەت جەھەتتىن يات مەدەنىيەتكە قانچىكى يىقىنلىغانسىرى باشقىلارغا ئوخشاشلىقىمىز شۇنچە ئارتىپ بارىدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە تەۋەلىكىمىز ۋە ئۆز ئەزالىرىمىزغا ئوخشايدىغان تەرەپلىرىمىز بارغانسىرى ئازىيىۋاتقان ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەركەز نوقتىسىدىن قېچىۋاتقان بۇلىمىز. ئۇيغۇرلاردا ”دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى“ چۈشەنچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا

داۋامى