جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟

مۇتەللىپ ئىقبال     جۈملىلەر نېمە دەيدۇ؟ بۇ سوئال ھەممەيلەنگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز جۈملىلەرنىڭ مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقىنىلا ئۆگەنگەن. ئەمەلىيەتتە جۈملىلەر بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ۋە پىكىر مەنتىقىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولغاچقا، جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلما مەنتىقىسى ھەققىدە ئويلىنىش زۆرۈر . ئالدى بىلەن ”مەن سېنى سۆيىمەن“ دېگەن جۈملىنى تەھلىل قىلايلى. بۇ جۈملە قارىماققا تولىمۇ ئاددىيدەك، بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدەك ئاددىي مەنىنى ئىپادىلىگەندەك قىلىدۇ. ئەمما، بۇ جۈملىنىڭ ماھىيىتىگە قارىساق، بىر كىشىنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ”مەن سېنى سۆيىمەن“

داۋامى

جەم بولغاندا يالغۇز ياشاش: تېلېفوننىڭ سەلبىي تەرەپلىرى

مۇتەللىپ ئىقبال   ئەگەر سىرتقا چىقىدىغان ئىش بولسا يېنىڭىزدا نېمىلەرنى ئېلىۋېلىشىڭىز مۇمكىن؟ ئاچقۇچ، پۇل ۋە تېلېفون ؟ بەلكىم بۇ ئۈچ نەرسە بۈگۈنكى كۈندە سىرتقا چىقماقچى بولغان كىشىدە يېنىدا بولمىسا بولمايدىغان نەرسە بۇلىشى مۇمكىن. ئاچقۇچ بىزگە پاناھلىنىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە قايتىدىغان بىر جاينىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ. پۇل بۈگۈنكى زاماندىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. چوڭلارنىڭ گېپى بۇيىچە ئېيتقاندا، ئۆيدىن چىقتىڭمۇ، پۇل كېتىدۇ . بۇ ئۆيدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ بولغىچە پۇل خەجلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا تېلىفۇنچۇ؟ تېلېفون بىزنى سىرتقى دۇنياغا

داۋامى

ياشاش سەنئىتى

مۇتەللىپ ئىقبال   خۇشاللىق ئىزدەش پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن[1]. بۇ ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان پاكىت. چۈنكى، بىز ھەرقانداق بىر ئىشىمىزدا بىزگە كېلىدىغان خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسىنى مۇھىم دەپ قارايمىز. نەتىجە قازىنىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ، يېڭى كىيىم كىيىش، دوستىمىز بىلەن ئۇچرىشىش، بالىلىق بولۇش… ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىشلار بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان بولغاچقا، بىز ياشاشتىن سوۋۇپ قالمايمىز. زېدىلەنگەن يۈرىكىمىز ۋە ئېغىر قەدەملىرىمىز بىلەن كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلايمىز ۋە  خۇشال ۋە بەختلىك ياشاشقا

داۋامى

جەمئىيەت ۋە ئىنسان: قانداق يارىتىلىدۇ؟

-جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن قىسقىچە ئىزاھات   مۇتەللىپ ئىقبال   جەمئىيەت ئىنساننى يارىتامدۇ ياكى ئىنسان جەمئىيەتنى يارىتامدۇ؟ دېگەن سوئالدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان بىلەن قەھرىمان تارىخنى يارىتامدۇ ياكى تارىخ قەھرىماننى يارىتامدۇ؟ دېگەن سوئال بىزگە ئىنتايىن تونۇش. بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىشى تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە بەزى كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنسا، بەزى كىشىلەر ئىنسانلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ قۇيىدۇ. بەزى كىشىلەر مىللەتتىكى ئىللەتنى جەمئىيەتتىن كۆرسە، بەزى كىشىلەر شەخستىن كۆرىدۇ ۋە مىللەتتە ئومۇميۈزلۈك ئەيىب بولمايدىغانلىقىنى شەرھلەيدۇ. بەزى كىشىلەر

داۋامى