يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ
مۇتەللىپ ئىقبال خەلقىمىزدە ”يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ“ دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار. بۇ ماقال-تەمسىلدە بىر كىشىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتى، كىملىكى ۋە كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنداق بولسا، سېمىز كىشىلەر بىلەن دوست بولساق سېمىز بولۇپ قالامدۇق؟ بۇ سوئال قارىماققا كۈلكىلىكتەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى، قازانغا يولۇقساق قارىسى يۇققان بىلەن سېمىز كىشى بىلەن دوست بولساق سېمىز بولۇپ قېلىش ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئەخمىقانلىقتەك بىلىدۇ. مەن يېقىندا كۆرگەن تېد(Ted) لىكسىيەسىدە بۇ تېما ئوتتۇرىغا قويۇلدى.