رېئال بولمىغان گۈزەللىك

no-make-up-cara-d

 

مۇتەللىپ ئىقبال

ھەممىمىز گۈزەللىكنىڭ نىسپىي ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ دېگەنلىك، گۈزەللىك مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ مەلۇم مەزگىل گۈزەل بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ . ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە گۈزەللىك قوغلىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ۋاقىتلىق گۈزەللىك ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئىش مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، بىر ئۆمۈر بەدەن گۈزەللىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىش، بىر ئۆمۈر چىرايىنى گۈزەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرخىل گىرىم بويۇملىرىنى قوللىنىش ۋە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىش… دېگەندەك.

بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ گۈزەللىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز ۋە ئۆلچەملىرىمىز رېئال ئەمەس. گۈزەللىككە رېئال ئۆلچەم قوللانمىدۇق. نەتىجىدە بىزنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرىمىز پۇچەكلەشتى ۋە ساختىلاشتى. گۈزەللىك قارىشىمىز رېئال بولمىغانلىقى تۈپەيلى گۈزەللىك ئىزدەپ يۈرۈپ ئىتىبارسىزلاشتۇق. بىز قانچىكى گۈزەللىككە ئىنتىلگەنسېرى گۈزەللىك بىزدىن يىراقلارغا قېچىپ كېتەتتى. گۈزەللىك بىلەن بىر سەپتە بولۇش ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەيتتۇق. بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي مىسالى بولسا، ئۇرۇقلاش ئۈچۈن تاماق يېمەسلىك، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە مودا كىيىملەر ئۈچۈن غايەت زور پۇل خەجلەش، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىش، بوي-تۇرقى كېلىشمىگەن ياكى سەت كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىق، مېيىپ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش دېگەندەك.

نېمە ئۈچۈن گۈزەللىك قارىشىمىزنى رېئال دېمەيمىز؟ چۈنكى، بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىز ساپ ئەمەس. گۈزەللىك قارىشىمىز ساختىلاشقان. ئەگەر بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئېلىپ بارساق، چىرايى گۈزەل، بوي-تۇرقى كېلىشكەن ، زىلۋا، خۇش پىچىم، سالاپەتلىك، بېجىرىم كىشىلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ئۇنداقتا، ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمىگە توشىدىغان كىشىلەر ئەمەلىي رېئاللىقتا ئاز بولۇشىغا قارىماي، نېمە ئۈچۈن تەبىئىي ھالىتىمىزدىن يىرگىنىپ رېئال بولمىغان گۈزەللىك قارىشى بۇيىچە ئۆزىمىزنى ئۆلچەشكە ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىمىز؟

بۇ بىزنىڭ ئىنساننىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ئۇنتۇپ سۈنئىي چۈشەنچىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلى خالاس. ئەگەر بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي ھالىتىگە قارايدىغان بولساق، ھەممە ئادەمنىڭ چىراي، مىجەز، بوي-تۇق ۋە باشقا جەھەتلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ھەتتا دۇنيادا قانچىلىك ئىنسان بولسا ئۇلارنىڭ بارماق ئىزىمۇ شۇنچىلىك پەرقلىق. ئىنساننىڭ گۈزەللىك جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئەسلىدە بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىزغا سوئال قۇياتتى. بىر كىشىنىڭ بۇيىنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشى، بىر كىشىنىڭ قېشىنىڭ ئىنچىكە بولۇپ قېلىشى، سەل سېمىز ياكى ئۇستىخانلىق بولۇشى قاتارلىقلار ئەسلىدىنلا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر قىسىمى. ئەسلىدە تەبىئىي ئىنسانلارنىڭ بىرى ئۇرۇق، بىرى سېمىز، بىرى ئېگىز ، بىرى پاكار، بىرىنىڭ چېچى سېرىق، بىرىنىڭ چېچى قىسقا، بىرىنىڭ يۈزى ئاق، بىرىنىڭ بۇغداي ئۆڭ بولىدۇ . دېمەككى، ئەسلىدە ئىنسان بىزنىڭ بۇرمىلانغان گۈزەللىك چۈشەنچىمىزدەك ئەمەس، بەلكى شەكىل، چىراي قاتارلىق جەھەتلەردىن تەبىئىي بولىدۇ .

ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىنسان گۈزەللىكى ھەققىدىكى خاتا ئۆلچەملىرىمىز قەيەردىن كەلدى؟ مېدىيالار گۈزەللىك قارىشىمىزغا تەسىر قىلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە، ھەئە. بۈگۈنكى كۈندە تېلېۋىزورلاردا، كىنولاردا، كىتابلاردا، گېزىتلەردە، ئىنتېرنېتتە ئاساسەن گۈزەل ۋە كېلىشكەن كىشىلەرنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلىنىدۇ. بىز مەيلى خەۋەرلەرگە، مەيلى كىنولارغا، مەيلى سەنئەت ۋە ئۇنىۋېرسال پىروگراممىلىرىغا قارايلى، ھەممىسىدە ئەڭ گۈزەل، كېلىشكەن ، سالاپەتلىك كىشىلەرنىڭ ئوبرازلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ . ھېچ بولمىغاندا تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ باش رولچىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە يېقىملىق كۆرۈنىدىغان كىشى بولىدۇ. مەلۇم بىر تىلىۋېزىيە تىياتىرى ياكى فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقىتتا گۈزەل، سالاپەتلىك ۋە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئارتىسلار باش رولچىلىققا تاللىنىدۇ. بىزنىڭ ھىندىستان، كورېيە ، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا فىلىملىرىگە قارايدىغان بولساق، كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان، كۆزىگە يېقىملىق كۆرۈنىدىغان كىشىلەرنىڭ باش رولچىلىققا تاللىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ھەتتا ھوللىۋود فىلىملىرىدە ئەڭ قابىلىيەتلىك، باتۇر، ئەقىللىك بىر ئەر باش قەھرىماننىڭ قېشىدا دائىم گۈزەل، ۋاپادار بىر قىز ھەمراھ بولغان بولىدۇ . بۇ خىل خاھىش ئاساسەن ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ فىلىملىرى ۋە كىنولىرىدا ئەكس ئەتكەن بولىدۇ . گۈزەل ۋە كېلىشكەن كىشىلەرنى تاللاشتىكى مەقسەت كىشىلەرنىڭ مەيلىنى تارتىش، كۆرۈرمەنلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئېلاندىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتىن ئىبارەت.

تېلېۋىزىيەدىن باشقا يەنە گېزىت ۋە ژۇرنال قاتارلىقلارمۇ ئەڭ چىرايلىق ۋە كېلىشكەن كىشىلەرنى بېسىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۆزىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ . بولۇپمۇ، ژۇرناللار مۇقاۋىغا چىرايلىق ۋە سالاپەتلىك كىشىلەرنىڭ رەسىمىنى بېرىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلماقچى بولىدۇ . دېمەككى، بارلىق مېدىيالار ئەسلىدە بىزنىڭ گۈزەللىك قارىشىمىزغا كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر. شۇنداقلا بىزنىڭ رېئال بولمىغان گۈزەللىك قارىشىمىزنى شەكىللەندۈرگۈچىلەردۇر. بۈگۈنكى كۈندە رېئال بولمىغان گۈزەللىك قاراشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك تېلېۋىزىيە ، كىنو، فىلىم، گېزىت، ژۇرنال ، كىتاب ، ئىنتېرنېت قاتارلىق مېدىيالارنىڭ ياردىمى بىلەن شەكىللەنگەن بولىدۇ .

بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، كىنو-فىلىم ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىقلاردا رولغا چىققان ۋە تەسۋىرلەنگەن كىشىلەر ئەسلىدە بىز ئويلىغاندەك گۈزەل ۋە كېلىشكەن بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىز چوقۇنۇۋاتقان داڭلىق شەخس ۋە ئارتىسلارنى گىرىمسىز ھالىتىدە ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ چىراي جەھەتتىن بىزدىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. دېمەككى، بىز گۈزەل ۋە كېلىشكەن كىشىلەر ئەسلىدە بىزگە ئوخشاش نورمال كىشىلەردۇر. ئۇلارنى بىزگە چىرايلىق ۋە كېلىشكەن كۆرسەتكىنى پەقەت گىرىم ۋە كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار گىرىم قىلمىسا بىزدىن ھېچقانداق پەرقسىز كىشىلەردۇر. يەنە بىرى كومپيۇتېردىكى سۈرەت ۋە ئوبراز بىر تەرەپ قىلىش پىروگراممىلىرى ئۇلارنىڭ چىرايدىكى داغ ۋە كۆرۈمسىزلىكلەرنى ناھايىتى تىزلا چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېر ئېكرانلىرى ئۇلارنى بىزگە ھەر ۋاقىت گۈزەل ۋە كېلىشكەن كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، بىز چىرايلىق ۋە كېلىشكەن دەپ ئشىقىدا ئاھ ئۇرۇپ تەلمۈرۈپ كەتكەن كىشىلەر ئەسلىدە چىراي جەھەتتىن بىزگە ئوخشاش كىشىلەردۇر. مەسىلەن، يازمىنىڭ بېشىغا قىستۇرۇلغان رەسىم داڭلىق ئارتىس ۋە مودېل Cara Delevingne نىڭ بولۇپ، رەسىمدە ئۇنىڭ ئەسلىي ھالىتى ۋە مېدىيالاردا ئېقىپ يۈرگەن ھالىتى سېلىشتۇرۇلغان.

تېلېۋىزىيە ، كىنو، فىلىم، گېزىت، ژۇرنال ، كىتاب ، ئىنتېرنېتلاردا تارقىتىلغان ”ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن“ گۈزەللىك ئوبرازلىرى كىشىلەرگە قانداق تەسىر بىرىدۇ؟ بەلكىم بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە باھانىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك ئادەملەردە ئۆزىگە قارىتا سۇبيېكتىپ باھا ۋە چۈشەنچە بولىدۇ . ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوبرازى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى مېدىيالاردا ”ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن“ ئوبرازلارغا ئوخشىماي قالسا، ئو ھالدا روھىي جەھەتتىن چوڭ زەربىگە ئۇچرايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تاشقى ئوبرازى ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە ئۈمىدسىزلەنگەن بولىدۇ . بۇ ئەسلىدە باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىنساننىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ئۇنتۇشتىن كېلىپ چىققان خاتا تونۇشتۇر. ئەمەلىي رېئاللىقتا كىشىلەرنىڭ بوي تۇرقى ۋە گۈزەللىكىنىڭ خىلمۇ-خىل بولىدىغانلىقى ئېنىق . ئۇنىڭدىن باشقا، بىز چوقۇنۇۋاتقان چولپان ۋە ئارتىسلارنىڭ گۈزەللىكىمۇ گىرىم بۇيۇملىرى ۋە كومپيۇتېر پروگراممىلىرىدىكى تەڭشەشتىن كەلگەن. ئەمما، نېمە ئۈچۈن گۈزەللىك ھەققىدە مېدىيالاردا ئېقىپ يۈرگەن ئۆلچەملەرنى قوللىنىپ ئۆزىمىزنى قىيناپ يۈرۈيمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئارتۇقچە گىرىم بويۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن سورۇقچىلىق تارتىمىز؟ نېمە ئۈچۈن گىرىم بويۇملىرىنىڭ خىمىيەلىك نەرسە ئىكەنلىكنى بىلىپ تۇرۇپ قىسقا ۋاقىتلىق گۈزەللىك ئۈچۈن تېرىمىزنى زەھەرلەيمىز ۋە ئاسان كاردىن چىقىرىمىز؟

ھەممە كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش ھەققى بولىدۇ . بۇ ئىنساندىكى ئىجتىمائىي ۋە پىسخىكىلىق بىر ئېھتىياج . بۇ يەنە ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بىر قىسمى. ئەمما، ئىنساننىڭ تەبىئىي ھالدا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ مېدىيالاردا ئېقىپ يۈرگەن سۈنئىي گۈزەللىك قاراشلىرى بۇيىچە ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئىنسان ھوقۇقلىرىغا قارىتا دەپسەندىچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، گۈزەللىكىنى سۆيەيلى، ئەمما ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر كىشىلەرنىڭ رېئال ھالىتىنى سۆيەيلى. گۈزەل بولۇش ئۈچۈن تىرىشايلى، ئەمما، مەڭگۈلۈك گۈزەللىكىنىڭ ئۆزىمىزدە ۋە قەلبىمىزدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز