فرانسىيىلىك ئالىم جون فەيبور ئىلگىرى داڭلىق «تۈكلۈك قۇرت» تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. بۇ خىل تۈكلۈك قۇرتنىڭ بىر خىل «ئەگەشكۈچى»لىك ئادىتى بولۇپ، ھامان ئالدىدىكى تۈكلۈك قۇرتقا قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. فەيبور بىر نەچچە تۈكلۈك قۇرتنى بىر تەشتەكنىڭ چۆرىسىگە چەمبەرسىمان چۆرىدەپ قويۇپتۇ، تەشتەكتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا تۈكلۈك قۇرت ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قارىغاي يوپۇرماقلىرىنى چېچىپ قويۇپتۇ.تۈكلۈك قۇرتلار بىر-بىرىگە ئەگىشىپ تەشتەكنى چۆرىدەپ تەكرار-تەكرار ئايلىنىشقا باشلاپتۇ. ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپتۇ، بىر كۈن ئۆتۈپتۇ، تۈكلۈك قۇرتلار يەنىلا توختىماستىن قەتئىيلىك بىلەن چۆرگىلەۋېرىپتۇ. ئارىدىن يەتتە كېچە-كۈندۈز ئۆتكەندە، تۈكلۈك قۇرۇتلار ئاچلىق ۋە ھارغىنلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرى ئەگەر باشقىلاردىن بىر ئاز ئالاھىدىرەك بولغان بولسا، كۈنى باشقىچە ئۆتكەن (قارىغاي يوپۇرماقلىرىنى يېيەلىگەن) بولاتتى.
ئىلاۋە: كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەگەر ئېقىمغا ئەگىشىپ، قارىغۇلارچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېنىق ھاياتلىق نىشانى بولمىسا، ئۇنداقتا، «تۈكلۈك قۇرت»نىڭ تەقدىرىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. نىشان بولسا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۇلتېشى، نىشان بىزنى ئالغا ئىلگىرىلىتەلەيدۇ، نىشاننىڭ ئىشنىڭ ئېغىر-يېنىك، جىددى-ئاستىلىقىنى ئېنىق ئايرىشقا، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇشقا ياردىمى بار. نىشان سىزگە ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.