نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي زوقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ئەدەبىي زوقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 5 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 828 قېتىم


 ئەدەبىي زوق ئوبرازنى ئىدراك قىلىشتىن باشلىنىپ باشتىن – ئاياق ئوبرازدىن ئايرىلمايدۇ،ئىزچىل ھىسسىيات ئىنكاسىغا ھەمرا بولىدىغان بەدىئى تونۇش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى، ئىچكى يۈنىلىشتىن تاشقى يۈزلىنىشكە يۈزلەنگەن بولىدۇ. يەنى ئوبېكتىپ رىئاللىقتىن ئىلھاملانغان ئىچكى مەزمۇن(ھىسسىيات) شەكىللىنىپ، ئاندىن ئۇنى مەلۇم خىل شەكىل بىلەن ئىپادە قىلىدۇ؛ ئەمما كىتاپخاننىڭ كىتاپ ئوقۇشى بولسا سىرتتىن ئىچىگە قاراپ يۈزلەنگەن بولىدۇ. يەنى ئالدى بىلەن تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ تاشقى سەنئەت شەكلى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاستا – ئاستا ئوبرازنىڭ كونكىرت ئىدراكىغا ھەم تەجرىبىسىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ئىدىۋىي ھىسسىيات جەھەتتىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىلىپ، ئىستېتىك ھوزۇرلىنىشقا ئېرىشىلىدۇ ۋە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا ئېرىشىدۇ. كىتاپخان كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە نىسبەتەن شەكىللەنگەن بۇ خىل تاشقى يۈزلىنىشتىن ئىچكى يۈلىنىشكە قاراپ ماڭغان بۇ خىل تەسىرات ۋە تەجرىبە، زوقلىنىش ۋە ھوزۇرلىنىش ئەدەبىي زوق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مەنئىۋى پائالىيەتنىڭ خاراكتىرىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەدەبىي زوقلىنىشمۇ بىر خىل بىلىش پائالىيىتى بولۇپ، بىراق سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئوبرازچانلىقى، ھىسسىياتچانلىقى شۇنداقلا كىتاپخاننىڭ ئەسەر ئوقىغان ۋاقتىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشى ئەلۋەتتە پەن -تېخنىكا ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئوخشاشمايدۇ. پەن تېخنىكا ئەسەرلىرىدە دەلىل ۋە ئىسپاتلار تولۇق بولغاندىلا باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ ئەمما ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقىغان ۋاقىتتا، ئەسەرنىڭ ئېنىقلىقى، تەسىرلىك بەدىئى ئوبرازلار تەرىپىدىن مەستخۇش بولىمىز ياكى تەسىرلىنىمىز. شۇڭا ئەدەبىي زوق باشتىن ئاخىر ئوبرازدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىزچىل كۈچلۈك ھىسسىياتقا ھەمرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىدراكى پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر ھىسسىي پائالىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈرنى ئاساس قىلغان بەدىئى بىلىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر ئەدەبىي زوقنىڭ يەنە بىر خىل ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىگەن، يەنى ئۇ كۈچلۈك سوبېكىتلىققا ئىگە. ئەدەبىي زوق داۋامىدا، بىر تەرەپتىن ئەسەردىكى ئوبرازلار كىتاپخاننى ئالاھىدە، كونكىرت بەدىئى بوشلۇققا باشلاپ كىرىپ كىتاپخاننىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىدىۋىي ھىسسىياتىنى قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كىتاپخان ئۆز ئىدىيىۋىي ھىسسىياتى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئەسەردىكى ئوبرازلارنى چۈشىنى ياكى چۈشەندۈرىدۇ ھەتتا بەزىدە ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئەسەردىكى ئوبرازلارنى تېخىمۇ بېيىتىۋېتىدۇ ياكى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بىراق كىتاپخانلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم يەككە كىتاپخانلار بولغاچقا، كەچۈرمىشلىرى، ئىدىيىسى، خاراكتىرى، مەدەنىيەت ساپاسى، ھوزۇرلىنىش ئادىتى قاتالىقلاردا پەرق ساقلانغان بولىدۇ، شۇڭا دائىم ئوخشاش بىر ئەسەرگە نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان تەسىرات ۋە ھىسسىيات شەكىللىنىدۇ. بۇ خۇددى “ مىڭ كىتاپخاننىڭ مىڭ ھاملىتى بولىدۇ“ دىگەندەكلا ئىش.  “ كىشىلىك تۇرمۇشنى كۈزىتىش يازغۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئەسەرنى كۆرگەندە كىتاپخاننىڭ ئۆخشىماسلىقىدىن ئوخشاشمايدۇ“ (لۇشۈن) بۇ خىل پەرقلىق تەسىر، تەجرىبە ۋە تەسىرات گەرچە ئەسەرگە نىسبەتەن بىر خىل بەدىئى تونۇش ۋە ئىگىلەش بولسىمۇ،بىراق ئۇ كۈچلۈك سوبېكتىپ ھىسسىياتقا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئەسەرنى مەڭگۈ پەن تېخنىكىغا تايىنىپ چۈشەنگىلى ياكى ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.  


ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. سالدام مۇنداق يازغان:

    ئەسەر يازغاندا سۆز ۋە جۈملىلىلەرنى تاللىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.بۇنىڭدا ئاساسلىقى قانداق سۆزنىڭ قانداق جايدا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىغا باغلىق.مۇشۇنداق تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە كىتابخاننى مەلۇم يولغا باشلىماقچى ياكى مەلۇم «توزاق»لارنى تەييارلايمىز.مۇشۇلار ئارقىلىق بىز ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈم ياكى بەدئىي زوق ۋۇجۇدقا كىلىدۇ.ئەسەر يازغاندا پەقەتلا مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپلا ئويلىيالايمىز.ھەرگىزمۇ كۆپ ئادەمنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزەلمەيمىز.شوڭلاشقا ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە بەدئىي زوقىنى ئازلا ئادەم چۈشىنەلەيدۇ ياكى ھىس قىلالايدۇ.قالغانلىرى بۇرۇلۇپ كىتىدۇ

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif