بۇ بەتتىكى يازما : مىللىتارست شىڭ شىسەي دەۋرىدە ھەر مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئەسلىمە بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مىللىتارست شىڭ شىسەي دەۋرىدە ھەر مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئەسلىمە

مىللىتارست شىڭ شىسەي دەۋرىدە ھەر مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش
 ئەھۋالى  توغرىسىدا ئەسلىمە



خالق ساقى
 


40- يىللاردا شىنجاڭ ئاسمىنىنى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇمانلار بېسىشقا باشلىدى. ھاۋارايىدا ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش بولغىنىدەك كۈتۈلمىگەن بىر ۋاقىتتا پەيدا بولغان قارا تۇمان پۈتۈن يەر- جاھاننى قاپلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچ ھاياتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. ھەممىلا يەرنى ۋەھىمە قاپلىدى، ئاق تېرورلۇق ئەۋج ئېلىپ ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى. ھەر خىل يالغان ئەنزىلەر ئويدۇرۇلۇپ چىقىپ مىڭلىغان زىيالىلار تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى، ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرى چەت جايلارغا سۈرگۈن قىلىندى. شۇ تۈپەيلى ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەتىكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشىدىن گۇمانلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى، جەمئىيەتنىڭ نۇرمال ئەخلاقى بۇزۇلدى. بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا خيانەتكارلىق، تۆھمەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، ئىشەنمەسلىك، سۇخەنچىلىك بازار تاپتى. ئادالەت، ھەققانىيەت، راستچىللىقنى تەشەببۇس قىلىش جىنايەت ھېسابلاندى. كىشىلەر ئارىسىدا ئاتا- بالا، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىل، يار- بۇرادەرلەر بىر- بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىدىغان، يىلبويى بىر- بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىش- كېلىش قىلمايدىغان كەيپىيات بارلىققا كەلدى. مەدەنىي- مائارىپ، ئەدەبىي- سەنئەت ئىشلىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بۇ ساھەدە ئىشلەپ خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر مىللەت زىيالىيلىرى تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىغاندىن تاشقىرى، چەتكە قېقىلىپ ھەرخىل تەھدىت ئاستىغا ئېلىندى. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن شەھەر، يېزا- قىشلاقلىرى ئىشپيون- جاسۇسلار بىلەن تولدى. ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەر مىللەت، ھەر ساھە خەلقى مىدىر- سىدىر قىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. بۇ ۋاقىت دەل مىللىتارست شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، جىياڭ جيېشى قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشقا زېمىن ھازىرلاۋاتقان ۋاقىت ئىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ بىردىنلا ئۆز ئەپت- بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى. تۇنجى قەدەمدە ئۇ 1938- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزالىرىدىن ئۆلگىدەك قورقۇپ، ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت ئۇرۇنلىرىدىن، بۇلۇپمۇ مەدەنىي- مائارىپ سېپىدىن ئاجرىتىپ چەت ۋىلايەت، ناھىيىلەرگە يۆتكەش ئىشىنى ئېلىپ باردى. مەسىلەن، سابىق شىنجاڭ دارىلفۇنۇننىڭ ئىلمىي مۇدىرى لىن جىلۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ كۇچاغا؛ ئۆلكىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى لىزىلياڭنى مەكتەپ مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇپ قەشقەرگە؛ ساۋجىيەنپىنى قارا شەھەرگە يۆتكىدى ۋە باشقىلار؛ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ كىشىلەرنى بارغان يېرىدە نەزەربەند قىلىپ ئاخىرى قولغا ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۈرلۈك يالغان ئەنزىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەتنىڭ ئىلغار زىيالىيلىرىنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ قولغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بىرەر مىللەتنىڭ ئىچىدىن چىققان زىيالىي بىرەر خىزمەتكە كۆتۈرۈپ تەيىنلەنسە بىر قانچە كۈندىن كېيىنلا ئۇكىشىنىڭ مەلۇم ئەنزىگە چېتىلىپ تۈرمىگە چۈشۈشىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ شۇ دەۋىردىكى ئۇمۇمى ئەھۋال ئىدى. شىڭ شىسەي يۇقۇرىقى چارە- تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن تاشقىرى يەنە يالغان ئەنزە پەيدا قىلىپ قولغا ئالغان ياكى گۇمانلىق دەپ تۇنۇلغان كىشىلەرنىڭ بالا- چاقىلىرىنى ئۆز يۇرت ماكانلىرىدا، بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشىنى ئۆزى ئۈچۈن خەۋپ دەپ بىلىپ، شىمالى شىنجاڭنىڭ ئىلى، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە تەۋە شەھەر، ناھىيىلەرگە سۈرگۈن قىلىش، نازارەت ئاستىدا ئۇلاردىن پايدىلنىشتەك ۋەھىمىلىك سىياسەت يۈرگۈزدى. بۇ تىررورلۇق 1939- يىلى قىش پەسلىدە باشلاندى. بۇنىڭ ئۆتمۈشى تۈۋەندىكىچە: بىر كۈنى ئاياز قىشتا گۇڭئەن گۈەنلىچۇ (ئامانلىق ساقلاش باشقارمىسى) تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك ئۆيلەرگە سۈرگۈن قىلىنىدىغانلىق توغرىسىدا ئۇشتۇمتۇت ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئۆينىڭ ئالدىغا ئۈستىگە كىگىز قاپلانغان قارا ماشىنا كېلىدۇ. ھەر بىر ماشىنىدا ئۈچ- تۆتتىن ماشىنىلار بىللە بۇلۇپ، ئۇلار سۈرگۈن قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تەييارلىقى پۈتكەن- پۈتمىگەنلىكىگە قارىماستىن مەجبۇرىي رەۋىشتە يۈك- تاقلىرىنى ماشىنىغا باستۇرۇپ نازارەت قىلىش ئارقىسىدا ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ تۈركۈمدە ماڭغان ئاتالمىش «خائىنلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى» ئىككى كۈن يول يۈرۈپ سۈيدۈڭ (خۇييۈەن) ناھىيىسىگە كېلىدۇ. ئۇ يەردە جاڭ فامىلىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ ئىلگىرى گازارما قىلغان، ئەتراپى سېپىل بىلەن ئۇرالغان يامۇلىغا ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇ قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان ئائىلە- تاۋابىئاتلار ھەر مىللەتتىن بۇلۇپ چوڭ- كىچىك 700 گە يېقىن كىشى ئىدى. بۇلار: بۇرھان شەھىدىنىڭ بالا- چاقىلىرى، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئايالى، مەھمۇت سىجاڭنىڭ بالا- چاقىلىرى، مەرھۇم ئەسئەت ئىسھاقۇپنىڭ ئىنىسى مەرغۇپ ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتلرى، رومانە خانىمنىڭ ئانىسى، ئۇيغۇر سايرانىنىڭ ئائىلسى ۋە بىر تۇغقانلىرى، مۇڭغۇللاردىن شىمۇچىڭ ۋە ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچىدىكى ھۇشۇر ئاخۇن، رۇزى ئاخۇن، پالتا بايۇۋلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قاتارلىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاتار، روس، مۇڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇلار پەقەتلا شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمە رىجىمىدە تۇرىدۇ. مەزكۇر يامۇلنىڭ دەرۋازىسىدا كېچە- كۈندۈز قوراللىق ساقچى پوست قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىختىيارى ھەركەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئەگەر سىرتقا چىقىش توغرا كەلسە ساقچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر ئائىلىدىن بىر كىشى چىقىپ، چەكلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق يېمەك- ئىچمەك سېتىپ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پەقەتلا ئۇن، گۈرۈچ بىرىدۇ. قالغان قۇشۇمچە گۆش- ياغ، ئوت- ياش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئۆزلىرى سېتىۋېلىپ تەمىنلىنىدۇ، شۇ سەۋەبلىك بۇلارنىڭ باشقا كىرىمى بولمىغاچقا ئۆيۋاق، كىيىم- كىچەكلىرىنى سېتىپ كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ياش- ئۆسمۈر بالىلىرى ئۈچۈن ئېچىپ بېرىلگەن مەكتەپ يوق. يۈزلىگەن ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلىرى ئوقۇشسىز قالىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرمە ھاياتىنى بىر يېرىم يىل ئۆتكۈزىدۇ.
42- يىلىغا كەلگەندە بىر كۈنى ئائىلىنىڭ سىلىڭى ياۋ سىلىڭ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر قورغان ئىچىدىن ئازات قىلىنىپ، ئىلى رايونىنىڭ ئالتە ناھىيىسىگە تارقىلىپ ھايات كەچۈرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. لېكىن ئالتە ناھىيىدىن تاشقىرى ئۇرۇنلارغا يۆتكىلىپ كېتىشنى قەتئى مەنئى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرۇش بويىچە بۇلار تارقىلىپ ھەر قايسى ناھىيىلەرگە ئۇرۇنلىشىپ، ھايات كەچۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئىككىنچى قېتىملىق سۈرگۈن 1939- يىلى 1- ئايدا بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ گۇڭئەن گۈەنلىچۇ تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك سۈرگۈن ئۇبىكتىلىرىدىن 70- 80 كىشىگە ئۇشتۇمتۇت ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەنە ئىلى، ئالتاي، چۆچەك، ساۋەنلەرگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇلاردىن ئالتايغا بارغانلار خە پىڭۋۇ، سەي جىڭسىڭ، لوجژ (ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە بىللە قۇربان بولغان)، دىڭ خايەن، ليۇ چىڭلىڭ، نۇسرەت شەھىدى، نېكۇلاي بىچكۇپ، شىۋە زىيالىسىدىن چۇڭچەن قاتارلىقلار بۇلۇپ، چۆچەككە قەدەر قارا ماشىنىدا بېرىپ، چۆچەكتىن ھارۋا بىلەن قاتتىق سوغۇقتا تارتمىغان ئازابلارنى كۆرۈپ، بەش- ئالتە كۈن دىگەندە ئالتايغا يېتىپ بارىدۇ، ساۋەنگە ئۇيغۇر سايرانىلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
ئۈچۈنچى قېتىملىق سۈرگۈن 1940- يىلى مايدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتتىكى سۈرگۈن ئاساسەن زىيالىيلارغا قارىتىلغان بۇلۇپ، ھەر بىر مىللەتنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن زىيالىيلىرىدىن تەركىب تاپتى. شۇ يىلى ئىككىنچى- ئۈچۈنچى ئايلارنىڭ بىر كۈنى مەن شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتاتتىم، ئۇشتۇمتۇت مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسىدىن بىر ئانكىت تارقىتىپ، دەرھال راستىللىق بىلەن تولدۇرۇپ بېرىشنى تاپشۇردى.
بۇ ئانكىتنىڭ ئاساسى قىسمىدا بىر گىرافا بۇلۇپ ئۇنىڭدا سورالغان سۇئال ئاساسەن سىنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تۇققانلىرىڭدىن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قولغا ئېلىنغانلار بارمۇ، ئۇلار كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىڭ بار؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. شۇ بويىچە تولدۇرۇپ بەردۇق. بىر نەچچە ئاي ئۆتمەستىنلا شۇ يىلى ماينىڭ ئون نەچچىنچى كۈنى ئىلمىي باشقارما تەرىپىدىن مېنى، مەرھۇم ئابدىكىرىم ئابباسۇپنى، ئىمىن نىياز لەيسۇفنى، خەنزۇ ساۋاقداشلاردىن ۋۇ شىڭۋۇ، گوجو قاتارلىقلارنى چاقىرىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت ئۈچتە گۇڭئەن گۈەنلىچۇغا بېرىشىمىزنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. ھەممىىز ھەيران بۇلۇپ، تەشۋىشتە قېلىپ، بىر- بىرىمىزگە يەر ئاستىدىن قارىشىۋالغان بولساقمۇ نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سۇئالنى سوراشقا ھېچ قايسىمىز جۈرئەت قىلالمىدۇق. ۋاقىت توشتى، دەل سائەت ئۈچتە گۇڭئەن گۈەنلىچۇغا باردۇق. قاپقا ئالدىدا تۇرغان ساقچىلار بىزنى زالغا باشلاپ قويدى. (ھازىرقى پارتىيە مەكتىپىنىڭ سول تەرەپتىكى ئۈچ قەۋەت ئىمارەتنىڭ 2- قەۋىتىدىكى زال)، زالغا كىرسەك يالغۇز بىرلا ئەمەس، ئۆلكىلىك سىپەن مەكتىپى، ئۆلكىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ شۆيۈەن بۇلۇپ بىر قانچە مەكتەپ، ئىدارە- جەمئىيەتلەردىن ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، كادىرلىرىدىن جەمئى 200 چە كىشى توپلانغانىكەن، ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مىلىتارىست شىڭ شىسەينىڭ ساقچى ژاندارمىسىنىڭ باشلىقى لى يىڭچى (ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن) ھەربىيچە يەڭسىز چاپاننى يېپىنچاقلىغان قىياپەتتە پەيدا بولدى. يەنە بىر ساقچى ژاندارمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېغىن باشلىنىپ، لى يىڭچى سۆز قىلدى.ئۇ ئۆز سۈزىدە: «سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، سىلەر قولغا ئېلىنغان خائىنلارنىڭ بىۋاستە پەرزەنتلىرى، گەرچە سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئاكاڭلار ۋە باشقا تۇققانلىرىڭلار ھۆكۈمىتىمىزگە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، قولغا ئېلىنىپ جازالانغان بولسىمۇ، سىلەرگە ھۆكۈمىتىمىز يەنىلا غەمخورلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ، سىلەرنى ئۇ خائىنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىق يۈزىسدىن، سىلەرنىڭ ئۇلاردىن چەك- چېگرالىرىڭلارنى ئاجرىتىپ، ھۆكۈمىتىمىزگە ساداقەت بىلدۈرۈپ، خىزمەت كۆرسىتىشىڭلارنى، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ، سىلەرگە چىقىش يولى بەرمەكچى. سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن بارغان خىزمەت ئورنۇڭلاردا ھۆكۈمىتىمىزگە سادىق بۇلۇپ ياخشى خىزمەت قىلساڭلار ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولغاندىن تاشقىرى، قاماقتىكى تۇققانلىرىڭلارنىڭ گۇناھىنىڭ يەڭگىللەپ بۇشىتىلىشىغا ھەسسە قوشقان بولىسىلەر. ئەگەر ھۆكۈمىتىمىزگە سادىق بۇلۇپ خىزمەت قىلمىساڭلار سىلەرنىڭمۇ تەقدىرىڭلار قاماقتىكى تۇققانلىرىڭلارنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ سىلەرگە قىلىنغان چوڭ غەمخورلۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا شەرتسىز بويسۇنۇپ، تېگىشلىك ئۇرۇنلارغا بېرىپ، ئۇرۇنلىشىشلارنى ئۇقتۇرىمەن» دەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى. كۆپچىلىك بۇ ئۇشتۇمتۇت شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھاڭ- تاڭ قالدۇق، يەنە بىر ساقچى ئەمەلدار سەھنىگە ھازىر بۇلۇپ بىر تەقسىمات تىزىملىكىنى ئوقۇپ كىمنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ۋە قايسى كۈنى مېڭىش رەسمىيىتىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئۇرۇنلار ئاساسەن ئالتاي، چۆچەك، غولجا، گۇچۇڭ، ماناس، ساۋەن قاتارلىق ئۇرۇنلار بۇلۇپ، شىنجاڭ شۆيۈەنىدىن مەن، ئىمىننىياز لەيسوف، خەنزۇ ساۋاقداشلاردىن ۋۇشىڭ ۋۇ، گوجۇلار، ئۆلكىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ياسىن خۇدا بەردى، غەنى ھەسىنى، مەھەممەت نەزەرلەر، ئۆلكىلىك سىپەن مەكتەپتىن ئەسمۇتۇللا مەسۇمى، ئابدۇكېرەم مەخمۇدى، خەنزۇ ساۋاقداش جاڭ ۋىيلار ئالتاي ۋىلايىتىگە، ئابدىكىرىم ئابباسوپ ۋە باشقىلار ساۋەنگە، باھاۋىدىن نۇرى قاتارلىق بىر قانچە ساۋاقداشلار چۆچەككە تەقسىم قىلىندۇق.
شۇنىڭ بىلەن شەرتسىز بويسۇنۇپ، تەييارلىق ئۈچۈن بىرىلگەن ئىككى كۈنلۈك ۋاقىت ئىچىدە تەييارلىق قىلىپ، ئۇرۇنلاشتۇرۇش بويىچە شىڭلىيلىرىمىزنى ئېلىپ گۇڭئەن گۈەنلىچۇنىڭ قوروسىغا جەم بولدۇق. ئاندىن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغىنى بويىچە بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ نازارىتى ئاستىدا قارا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بىر ۋاقىتتا يۈرۈپ كەتتۇق. ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق- تۇققان، قۇۋم- قېرىنداش، يار- بۇرادەرلىرىمىز كېلىپ، ئۇزىتىپ قۇيۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش جىددى ھەم سۈرلۈك بولغانىدى.
مەرھۇم ساۋاقدىشىمىز ئابدۇكىرىم ئابباسوپمۇ بىز ئولتۇرغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ساۋەنگە بارغاندا ساقچى ئورنىغا تاپشۇرۇپ بىرىلدى. بۇ ئېچىنىشلىق جۇدالىق تا ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز ئالتايغا تەقسىم قىلىنغانلار ئۈرۈمچىدىن چىقىپ بىر قۇنۇپ، چۆچەك شەھىرىگە يىتىپ باردۇق، بىزنى چۆچەك ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە چۈشۈرۈپ، بىر كىچە قوندۇردى، ئەتىسى بىرقانچە ساقچى ياتقان يىرىمىزگە كىرىپ يۈك- تاقلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ھەممىمىزنىڭ چامادان، سومكا، يوتقان- كۆرپىلىرىمىزنى بىر- بىرلەپ ئاختۇرۇپ چىقتى. نىمە ئۈچۈن مۇنداق ئىنچىكىلەپ ئاختۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق. بۇ ئىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن يەنە ئۈرۈمچىدىن بىزنى نازارەت قىلىپ كەلگەن ساقچى ئەمەلدارىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئالتايغا قاراپ يولغا چىقىپ، بىر قۇنۇپ ئالتاي شەھىرىگە يىتىپ باردۇق. ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە بىزنى ئالتۇن كان ئىدارىسىگە چۈشۈرۈپ قۇيۇپ، بىر- ئىككى كۈن دەم ئالغاندىن كىيىن تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
راست دىگەندەك ئىككى كۈندىن كىيىن ئالتاينىڭ سىلىڭيۈەنى ياڭ داشاڭ (بۇ كىشىنى شېڭ شىسەي قولغا ئېلىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن). مۇئاۋىن ۋالىي چو فىڭمىڭ (ئالتايغا مۇئاۋىن ۋالىي بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۆلكىلىك سىفەن مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى) ئالتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ جۈيجاڭى فۇ جۈيجاڭ دېگەنلەر بىز تۇرغان ئالتۇن كان ئىدارىسىگە كېلىپ بىزدىن ھال سۇرىغاندىن كېيىن، تەقسىماتنى ئېلان قىلدى. بىزگە ئالتاينىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە سۆزلەپ، ئۆز ئۇرۇنلىرىمىزدا ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ قايتىپ كىتىشتى. بۇ ۋاقىت ئالتايدىكى قازاق قېرىنداشلار شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى قۇراللىق قوزغىلاڭ قىلىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقان چاغ ئىكەن. مەن بىلەن ئىمىن نىياز لەيسۇفنى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇئەللىم، جاڭ ۋىنى مائارىپ ئىدارىسىگە، ئابدۇكېرىم مەھمۇدىنى قابا ناھىيىسىگە تەقسىم قىلدى. يولداش ياسىن خۇدابەردى، غەنى ھەسنى، مەھەممەت نەزەر، ئەسمەتۇللا مەسۇمى، ۋۇشىڭ ۋۇ، گوجۇ قاتارلىقلارنى ئالتۇن كان ئىدارىسىگە تەقسىم قىلدى. بۇلاردىن ياسىن خۇدابەردى، ئەسمەتۇللا مەسۇمنى ئالتاينىڭ تويتۇغۇچ رايۇنىدىكى ئالتۇن كانغا، مەدەنىيەت تەشۋىقات خىزمەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەندىن تاشقىرى، قالغانلارنىڭ ھەممىسى بازاردىن ئالتۇن كان ئىدارىسىنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. ئالتايغا كەلگەندىن كىيىن، ئاستىرتتىن ئۇققان ئەھۋالىمىزغا قارىغاندا، ئالتاي شەھىرىدىكى مەدەنىي مائارىپ ۋە باشقا ئىدارىلەردە ئىشلەۋاتقان ھەرمىللەت كادىرلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بىرقانچە قېتىملىق سۈرگۈن جەريانىدا سۈرگۈن قىلىنىپ كەلگەنلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ۋاقىتتا بىزگە قۇيۇلغان شەرت، ئۆزىمىزنىڭ خائىنلار ئائىلە- تاۋابىئاتى سەۋەبلىك سۈرگۈن قىلىنىپ كەلگەنلىكىمىزنى ھەر قانداق كىشىگە ئېيتماسلىق، قەتئى مەخپى تۇتۇش ئىدى. شۇنداقلا ئۆز ئارا مۇناسىۋەت باغلاپ، بۇ مەخپىيەت ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش قەتئى چەكلەنگەنلىكتىن، ساقچى ژاندارمىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ھەقىقەتەن مەخپى تۇتۇپ كەلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىمىزدىن دوكىلات قىلىپ تۇرۇش، ساقچىنىڭ رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئالتاي شەھىرىدىن ئايرىلماسلىقتەك رېجىم ئورنىتىلغانىدى. دەر ھەقىقەتەن كۈرۈنۈشتە بىزلەرنى مۇۋاپىق خىزمەتلەرگە قۇيۇپ، باشقىلار قاتارىدا كۈن ئېلىش پۇرسىتى بىرىلگەن بولىسمۇ، لېكىن بىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەركىنلىكىمىز مەخپى ھالدا چەكلەنگەنىدى. پەقەتلا تەشكىلنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تۈرلۈك خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا قاتنىشىپ، باشقا ناھىيە، يېزا- قىشلاقلارغا بېرىپ، تۈرلۈك تەشۋىقات خىزمەتلىرىدە بۇلۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى.
سۈرگۈن قىلىنغان ياشلار گەرچە ئۆزلىرىنى رېجىم ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەركىسىز كىشىلەر دەپ ھېس قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەينى ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كوممۇنىستلارنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىدە تەربىيلەنگەنلىكى، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ تەسىرىنى بىر قەدەر چوڭقۇر قۇبۇل قىلغانلىقى تۈپەيلى بۇلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنقىلابىي روھ ۋەتىنىمىزنىڭ كېلەچىكىگە بولغان يۈكسەك ئۈمۈدۋارلىق بولغاچقا، شىڭ شىسەي مۇستەبىت ھاكىميىتىنىڭ تۈزۈمىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇلۇغۋار ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاپا- مۇشاقەت، سىياسى تەھدىدلەرگە بەرداشلىق بىرىپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئۆز ئۇرۇنلىرىدا ئاڭلىق خىزمەت ئىشلەپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىي- مائارىپ، ھەر ساھە قۇرلۇشلىرى ئۈچۈن مەلۇم خىزمەتلەرنى قىلغاندىن تاشقىرى، ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇلۇغ ۋەتەن ئازاتلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدە ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم يىغىشتا ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغانىدى، بۇ يولدا باتۇرانە كۆرەشلەرنى قىلىپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچراپ ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغانلارمۇ بولدى. مەسىلەن، ساۋاقدىشىمىز ليۇچىڭلىك، ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى ياردەم يېغىش ئۈچۈن تەشۋىقات گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتى بىلەن ئالتاينىڭ كۆكتۇقاي ناھىيىسنىڭ بايلاۋسىدا تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت خەلق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بىر بۈلۈم ئەكسىيەتچى قاراقچىلار باستۇرۇپ كېلىپ، مەزكۇر تەشۋىقات گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق يولداشلارنى ۋەھشىيانە نابۇت قىلىدۇ. بۇ ۋەتەنپەرۋەر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆچمەس ئىنقىلاۋى روھى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا ياسىن خۇدابەردى، ئەسمەتۇللا مەسۇمى، تويتۇغۇشتىكى كان رايونىدا ھەر مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ مەدەنىي- مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتا يۈكسەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يولىدا تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كان رايونىدا بىر يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەر مىللەت ئىشچىللىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغانىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قازاق قېرىنداشلار شىڭ شىسەينىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مۇستەبىت شىڭ شىسەي ھاكىميىتى مەزكۇر زىيالىيلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋپ دەپ بىلىپ، بۇلارنىڭ ئۈستىدە يالغان ئەنزە ئويدۇرۇپ، قولغا ئېلىپ ئالتاي تۈرمىسىدە بىگۇناھ ئىككى يىلدەك ئازابلايدۇ.
سۈرگۈن قىلىنغان بۇ ھەر مىللەت زىيالىي ياشلىرى، گەرچە ئەنە شۇنداق ھەرخىل تەھدىت ئاستىدا كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا خەلق ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە، ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانىدى.
بەختكە يارىشا شىڭ شىسەي ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن سۈرگۈن ھاياتىغا خاتىمە بىرىلىپ، ھەرقايسىلىرىمىز ئۆز يۇرت- ماكانلىرىمىزغا قايتىپ كېتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئەپسۇسكى ئوغرىدىن قۇتۇلۇپ، قاراقچىغا تۇتۇلغاندەك، شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختىگە قارشى گومىنداڭ ھاكىميىتى تىكلەندى. گومىنداڭ ھاكىميىتى شېڭ شىسەي ھاكىميىتىنىڭ تىررورلۇق سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شىمالى شىنجاڭ رايونىدىن سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى يۇرتىغا قايتقان ھەر مىللەت زىيالىيلىرىنى سىلەر ئۈچ ۋىلايەتتىن كەلگەن قىزىل پاچاقلار دەپ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، تۈرمىلەرگە تاشلىدى ۋە ئازابلىدى. پەقەتلا 1949- يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازات بۇلۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دېمىگراتىك ھاكىميەت تىكلەنگەندىن كېيىنلا بۇلار ھەقىقى ئازاتلىققا ئېرىشىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بېشىمىزغا كىيدۈرۈلگەن «ئاسىيلار تاۋابىئاتلىرى» دېگەن قالپاق كەتسە كەلمەسكە چۆرۈپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زىيالىيلار ئىنقىلابقا ئاتلىنىپ، ئىنقىلابىي قۇشۇنىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد ئىنقىلابىي خادىملىرىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە زور تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە قوشماقتا.

Posted: 2007-11-20 02:17 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي

Total 0.087061(s) query 3, Time now is:12-06 07:39, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation