iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 گەنسۇدا رىملىقلارنىڭ ئەۋلادى بايقالدى

[s
ize=3]گەنسۇ ئۆلكىسى پەنخې ناھىيىسى جېلەي كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەرنىڭ شىۋىسى بىلەن سۆزلىشىپ ئۆزلىرىنى خەنزۇ دەپ ئاتاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ چېچى سېرىق بولۇپ بەزىلىرىنىڭ كۆزى كۆك ياكى يېشىل ئىكەن، بۇرۇنلىرى ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك قاڭشارلىق بولۇپ، ئەتراپتىكى باشقا كەنت ئاھالىلىرىدىن روزەن پەرقلىنىدىكەن. بۇلارنىڭ دەپنە ئادىتىمۇ باشقا كەنتتىكىلەرگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، يەر شەكلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بېشى بىردەك غەرپكە قارىتىلىدىكەن.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان لەنجۇ ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتلىق ئېرسىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، رىم قوشۇنىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. DNA تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، جېلەي كەنتىدىكىلەردىن ئېلىنغان 91 قان ئەۋرىشكىسىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئاسىيا قان سېستىمىسىغا ۋە غەربىي ئاسىيا قان سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان بولۇپ، بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى رىم قوشۇنىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 70- يىلى رىمنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىسى كىراس بىر زور قوشۇن تەشكىللەپ ئارساكقا يەنى ھازىرقى ئوتتۇرا شەرققە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىپ، رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ زېمىنىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى بولغان. بۇ قوشۇن ئارساكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يەنى ھازىرقى سۈرىيەدە ئارساك قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قاتتىق مەغلۇپ بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا تەخمىنەن 1000 دەك لەشكەر ئارساك قوشۇنلىرىنىڭ مۇھاسىرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھازىرقى خېشى كارىدورىنى بويلاپ، نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ گەنسۇغا كېلىپ، ئۇ يەردە كەسپىي ياللانما قوشۇن بولۇپ قالغان، ئۇلار ھۇنلارنىڭ قۇتىئۇش تەڭرىقۇتىنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بەختكە قارشى ئۇلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي قالغان، تۇنجى مەيدان جەڭدىلا خەن سۇلالىسى سەركەردىسى چېن تاڭنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پەقەت 100 دەك ئادەم ھايات قالغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن.

خەن سۇلالىسى ئۇلارنى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېلەي كەنتىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنى دېھقانچىلىق قىلىشقا بۇيرىغان ۋە ئۇلار تۇرىۋاتقان ناھىيىنىڭ ئىسمىنى لى دەپ ئۆزگەرتكەن. مىلادىيە 592- يىلى سۈي ۋېندى لى ناھىيىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەنزۇلىشىپ بولغانلىقىنى بېكىتىپ، پەرمان چۈشۈرۈپ لى ناھىيىسىنى پەنخې ناھىيىسىگە قوشۇۋەتكەن.
Posted: 2007-11-20 02:21 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇنۋېرسال سەھىپە

Total 0.057021(s) query 3, Time now is:12-05 02:01, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation