Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ب د ت ۋە ئۇنىڭغا دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت

ب د ت ۋە ئۇنىڭغا دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت
1.  ب د ت(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)
«ب د ت»نىڭ بايرىقى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
قىسقارتىپ <ب د ت > دەپ ئاتىلىدۇ.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات. 1945-يىلى 6-ئايدىكى سان فرانسېسكو يىغىنىدا ئىمزالانغان <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى>غائاساسەن، شۇيىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي نىزامغا ئىمزا قويۇشقا 51دۆلەت قاتناشقان. دۆلىتىمىز ب د ت نىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ھوقۇقى پەقەت 1971-يىلى 10-ئايغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن. ئاساسىي نىزامدا ب د ت نىڭ مەقسىتى <خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش>، <تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى چەكلەش>، <خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش> ۋەھاكازالاردىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پرىنسىپلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت ھەرقايسى ئەللەر ئىگىلىك ھوقوقتا بارەۋەر بولۇش؛ خەلقئارالىق تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ياكى سىياسىي مۇستەملىكىگە تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى، ياكى ب د ت نىڭ مەقسىتىگە خىلاپ باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دەخلى ـ تەرۇز قىلماسلىقى؛ ب د ت ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتە دۆلەت ئىچكى تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولغان ئشلىرىغا ئارىلاشماسلىق. ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشىدىن ئۆتسە ھەمدە چوڭ يىغىندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم كۆپچىلىك قوشۇلسا، ئەزا دۆلەت بولالايدۇ. 1983-يىلىغا قەدەر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 158 گە يەتكەن. ب د ت دا چوڭ يىغىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش، ۋەكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم ئورگان بار. كاتىبات باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ئاساسىي مەمۇرىي مەسئۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باش شتاب نيۇيۇركتا تەسىس قىلىنغان. جەنۋەدە ياۋرۇپا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى بار. ھەرقايسى ئاپپاراتلارنىڭ يىغىنلىرى ئادەتتە باش شتابتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە باشقا جايدا ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.

«ب د ت»نىڭ نۆۋەتتىكى باش كاتىپى

ئىسىمى:پەن جىۋىن(潘基文) دۆلەت تەۋەلىكى:كورىيە
بۇ كىشى2006-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەت تەشكىلاتىنىڭ61-قېتىملىق يىغىنىدا باش كاتىپ بۇلۇپ سايلانغان بۇلۇپ،2007-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن تارتىپ رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.


دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر:
1.ئامرىكا(ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)دۆلەت بايرىقى


ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي تىنچ ئوكيان، شەرقىي ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شىمالىي كانادا، جەنۇبى مېكسىكا بىلەن چېگرىداش. مەيدانى 9 مىليون 363 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، قالسا 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسى 240 - مىليون 468 مىڭدىن ئاشىدۇ (1986)، بۇنىڭ 80%نى ئاق تەنلىكلەر، 11.6% نى نېگىرلار، 3.1% مېكسىكىلىقلار، قالغان قىسمىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئا ق ش ئاھالىسىنىڭ مىللىي تەركىبى بەك مۇرەككەپ، بۇ جايدا ئولتۇرقالاشقان خەنزۇلارمۇ بىر مىليوندىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا، ئۇندىن قالسا كاتوللك، يەھۇدى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئا ق ش دىكى ئەرەبلەرنىڭ سانىمۇ 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئا ق ش 50 شتات بىلەن قوشما شتاتلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئا ق ش نى چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ شەرق، غەربىدىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى ئېگىز تاغلار، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىكلەر، غەربىي قىسمى شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بىر نەچچە تارماق تاغلىقلار، تاغلىقلار ئارىلىقىدا ئېگىز تەكشىلىك ئويمانلىقلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى كەڭ كەتكەن مۇنبەت تۈزلەڭلىك بولۇپ، ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا قىسىم تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىدە مەشھۇر چوڭ يايلاق بەلبېغى بار. شەرقىي قىسمىدا ئەگرى - توقاي پەس ئاپپالاچ تاغلىرى، ئۇنىڭ شەرقىدە دېڭىز قىرغاق تۈزلەڭلىك رايونى بار. مىسسىسىپى دەرياسى ئا ق ش نىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدۇ. كانادا بىلەن ئا ق ش چېگرىسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان بەش تاتلىق سۇلۇق كۆل رايونى بار. ئا ق ش نىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبتىكى ئازراق قىسمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا، شىمالى سۇبتروپىك دېڭىز - ئوكيان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئا ق ش دا كان بايلىقلىرىنىڭ تۈرى، زاپىسى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر رۇدىسى، مىس، ۋۇلفرام، مولبىدىن، كالىي تۇزى، گۈڭگۈرت، ئوران، سېنك، قوغۇشۇن قاتارلىقلار مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جاي ئەسلى ئىندىئان خەلقلىرىنىڭ ماكانى ئىدى. 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق مۇستەملىكچىلەر ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 17 - ئەسىردىن 18 -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ىرغاقلىرىدا 13 مۇستەملىكە ئىگىلىگەن. 1775 - يىلى مۇستەملىكە ئورۇنلىرىدىكى خەلقلەر ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1776 -يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنىدا <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ماقۇللاپ،4 13 مۇستەملىكىنىڭ ئەنگلىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەققىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1783 - يىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، ئەنگلىيە بىلەن ئا ق ش پارىژ كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، بۇ كېلىشىم بويىچە ئەنگلىيە مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقى ئا ق ش نىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. 1787 - يىلى فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، كېيىن سىڭىپ كىرىش، قوراللىق ئارىلىشىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن يېرىنى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىغا قەدەر كېڭەيتكەن. 1861 -، 1865 - يىللاردىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىشقا ياشلىغان. 19 - ئەسىرىنىڭ ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. 1898 - يىلى ئىسپانىيىگە قارشى تۇرۇش ئېلان قىلىپ ئىسپانىيە قولىدىن پوئېرتورىكو، گۇئام، فىلىپپىن قاتارلىق ئورۇنلارنى تارتىۋالغان ھەمدە ھاۋاي ئاراللىرىنى ئىشىغال قىلىۋالغان. 1903 - يىلى پاناما قانال رايونىنى ئىگىلىگەن. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا كاپىتالىزم دۇنياسىدىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. ئا ق ش نىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى ئاز ساندىكى مونوپول كاپىتال گۇرۇھى كونترول قىلىدۇ. سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، چەتكە كاپىتال چىقىرىش، سىرتقى سودا جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. پولات - تۆمۈر، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بىلەن قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئاق ش نىڭ ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىي سانائەتمۇ ناھايىتى زور تارماقنى ئىگىلەيدۇ.سانائەت ئاساسەن دۆلەتنىڭ شىمال ھەم شەرقىي شىمال رايونىغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە نيويورك، فىلادېلفىيە، باستون، چېكاگو، دېتىرويىت، پىتتىسىپۇرگ قاتارلىق شەھەرلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېزا ئىگىلىكنىڭ مەخسۇسلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرى. بۇ يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنى باشقۇرۇشنى مەخسۇسلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى مەخسۇسلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، دادۇر، پاختا قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىقى كالا، ئۇنىڭدىن قالسا چوشقا، قوي بېقىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى، بىر يېزا ئىگىلىك ئىشچىسى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار بىلەن 58 كىشىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. تۆمۈريول، تاشيوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. چەت ئەللەرگە ھەرخىل ماشىنا، خىمىيە — سانائەت مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىدۇ، نېفىت، كان مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك، تروپىك بەلباغ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنىدۇ.

ئا ق ش نىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى

ئىسىمى:جورجى بوش(沃克.布什)
بۇ كىشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بۇلۇپ،2001-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى رەسمىي ھالدا ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 54-قېتىملىق زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەنگەن.ئىككى نۆۋەت سايلىنىپ ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.


2.روسىيە
دۆلەت بايرىقى


رۇسىيە
روتىس سۆزىدىن كەلگەن، بويسۇندۇرغۇچى دېگەن مەنىدە
        رۇسىيىنىڭ تولۇق نامى <رۇسىيە فېدىراتسىيىسى> بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ شەرقى ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كېلىپ چىققان. رۇسىيە سۆزى رۇس(poc .pycb) سۆزىدىن ئۆزگەرگەن. مىلادى 9 - ئەسىردە كېيىۋروس تارىخ كىتابلىرىدا كۆرۈلگەن. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا: بىرىنچى، ئوتتۇرا ئەسىردە سكاندىنوۋىيىلىكلەر ھازىرقى كېيۋ ئەتراپىنى بويسۇندۇرغان. بويسۇندۇرغۇچىلار شىۋېتسىيىنىڭ شەرقىي قىرغاقلىرىدىكى روتىس (يەنى ھازىرقى رۇسلاگىن) تىن كەلگەچكە، يەرلىكلەر ئۇلارنى رۇسلار دەپ ئاتىغان. كېيىن ۋىزانتىيە ۋە ئەرەبلەرنىڭ دەستۇرلىرىدىمۇ ئۇنى شۇنداق ئاتاشقان؛ ئىككىنچى، ئوتتۇرا ئەسىردە ۋارۇنسىيلىكلەر ۋىزۋا دەرياسى، دېۋىرنا دەرياسى ۋە نېمىن دەريالىرىنى بويلاپ، كېمىدە ئېقىمغا قارشى يۇقىرىغا يۈرۈپ، ھازىرقى رۇسىيە رايۇنىغا يېتىپ كەلگەن. فىنلاندىيە قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى فىنلار بۇ ۋارۇنسىيىلىكلەرنى routsi دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى كېمە ھەيدىگۈچى بولۇپ، رۇس نامى دەل ئاشۇ routsi سۆزىنى خاتا تەلەپپۇز قىلىپ پەيدا بولغان؛ ئۈچىنچى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى رۇس نامىنى قارا دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە دېنپىر دەريا ۋادىسىدىكى يەرلىك شەرقىي سلاۋيانلارنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان دەپ قارىشىدۇ. مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، بىر قانچە شەرقىي سلاۋيان قەبىلىسى بىرلىشىپ، قەدىمكى رۇس قەبىلىسىنى تۈزىدۇ ۋە كېيۋروس گىرىتسوگلىقىنى قۇرىدۇ، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى موسىكۋانى مەركەز قىلغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت روسىيە قۇرۇلغان. 1917 - يىلى <رۇسىيە سوۋېت گېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغان؛ 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛ 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋارىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
      رۇسىيە فىدىراتسىيىسىنىڭ يەر مەيدانى 17.1 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 149 مىليون 300 مىڭ. بۇنىڭ 81%ى رۇسلار، قالغىنى تاتار( 7مىليون 200 مىڭ)، ئۇكرائىن ( 4 مىليون 500 مىڭ)، چۇۋاش ( 2 مىليون
0 مىڭ) قاتارلىق 130 مىللەت بىرلىكتە ياشايدۇ. رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.گېرمان، فىن قاتارلىقلار خرستىئان لوتىر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تاتار، چۇۋاش، قاراچاي - چېركەس، كاباردا - بالقار، باشقىرد قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. توۋا، ياقۇت (ساخا) خاكاس، شور قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر شامان ياكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. رۇس تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. فېدېراتسىيە پايتەختى موسكۋا، پۇل بىرلىكى رۇبلى. رۇسىيە ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتىشىدىغان تارىخى ئۇزاق دۆلەت. 1402 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكى باشقا رۇس كىنەزلىكلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ھوقۇقى مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەتنى قۇرغان. 1553 - يىلى ئىۋان Ⅲ تەختكەچىقىپ ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ < چار پادىشاھ> بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، موسكۋا كىنەزلىكى چار رۇسىيە دۆلىتىگە ئايلانغان. 100 نەچچە يىلدىن بويان، رۇسىيىنڭ تەۋەلىك رايونى ياۋروپادىن سىبىرىيىگىچە كېڭىيىپ كۆپ مەللەتلىك دۆلەت بولغان 1687 - يىلى چار پادىشاھ پېتر Ⅰدۆلەت نامىنى < رۇسىيە ئىمپېرىيىسى > دەپ رەىسىمي بېكىتىپ، ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن. 1917 - يىلىدىكى < ئۆكتەبىر ئىقىلابى> چار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ، لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھاكىميىتى قۇرۇلغان. 1922 - يىلى دېكابىردا، رۇسىيە سوۋېتى باشقا سوتسىيالستىك جۇمھۇتىيەتلىرى بىلەن ئىتتىاقىداش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان. 1991 - يىلى  سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ رۇسىيە فېدراتىپى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت بولغان. 1922 - يىلى ئاپرېلدا رۇسىيە خەلق قۇرۇلتىي تەڭ ئورۇنغا ئىگە< رۇسۇيەفېدراتىپى > بىلەن < رۇسىيە> دىن ئىبارەت بۇ ئىككى نامنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. پادىشاھ پېترⅠ زامانىسىدىكى ئاق، كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۈچ خىل رەڭ ئەڭ بۇرۇن رۇسىيە دۆلەت بايرىقىدا ئىشلىتىلگەن. يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان سلاۋىيان مىللىتىدىكى دۆلەتلەر بۇ بايراقنى ئەندىزە قىلىپ، پان سلاۋىيان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان.
دۆلەت گېربى قالقانسىمان بولۇپ، ئۇنىڭغا پادىشاھ پېتر Ⅰ نىڭ ئۈچ تاجىسىنى بېشىغا كىيىۋالغان ئالتۇن رەڭلىك، ئىككى باشلىق بىر بۈركۈتنىڭ ئۇچۇش ئالدىدىكى ھالىتى سىزىلغان، بۈركۈت پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ھوقۇق تايىقى بىلەن ئالتۇن توپنى تۇتۇپ تۇرغان؛ بۈركۈتنىڭ بىر بېشى شەرققە، بىر بېشى غەربكە قاراپ تۇرغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا قىتئەسىگە جايلاشقانلىقىنى، شەرق ھەم غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۈركۈتنىڭ نۇسخسى 15 - ئەسىردە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسى تەرىپىدىن رۇسىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، كېيىن چار پادىشاھ گېربىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.

روسىيە فىدراتسىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭى

ئىسىمى:ۋىلادىمىر پۇتىن ( 弗拉基米尔·普京 Vladimir Putin)
2000-يىلى3-ئاينىڭ26-كۈنى رەسمىي ھالدا روسىيە فىدراتسىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەنگەن.2004-يىلى3-ئايدا ئۇدا سايلىنىپ ھازىرغا قەدەر ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە.


3.جۇڭگو
دۆلەت بايرىقى)ھەممەكىشى بىلىدۇ(
دۆلەت گىربى)ھەممەكىشى بىلىدۇ(
جۇڭگو
مەركىزىي دۆلەت
جۇڭگونىڭ تولۇق نامى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى>بولۇپ، ئاسىيانىڭ شەرقى، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە جايلاشقان. جۇڭگونىڭ يەر مەيدانى 9مىليون600مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 1 مىليارد 300 مىليون،پايتەختى بېيجىڭ. چوڭ مىللەتلەردىن خەنزۇ،ئويغۇر ،موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ  قاتارلىقلار بار. خەنزۇلار ئاھالىنىڭ %92 نى تەشكىل قىلىدۇ، خەنزۇ تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر قاتارلىق نوپۇسى كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېزىقى ۋە تىلى بار.پۇل بىرلىكى يۈەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت رەئىسى

يولداش خۇجىنتاۋ(胡锦涛)
2003-يىلى3-ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.


4.ئەنگىلىيە
دۆلەت بايرىقى

[img]http://img7.9158.com/200711/21/17/02/200711217321117.jpg[/img]
ئەنگلىيە
برىتانىيىلىكلەرنىڭ زېمىنى
ياۋورپانىڭ غەربىگە جايلاشقان. ئۇ شىمالىي دېڭىز، دوۋر بوغۇزى (پا — دى كال بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئەنگلىيە بوغۇزى (لامانشى بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ تەبىئىي جەھەتتىن چوڭ برىتانىيە ئارىلى، ئېرلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئەتراپىدىكى گېبرىد، ئوركىن، سېتلاند ئاراللىرى، فرانسىيە دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان نورماندسىن قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ برىتانىيە ئارىلى ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ئوئېللىستىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئەنگلىيە چوڭ برىتانى ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. يەر مەيدانى 241 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 56 مىليون 340 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ 83% نى ئىنگلىزلار، قالغىنىنى ئوئېللىسلىقلار، شوتلاندىيلىكلەر ۋە ئېرلاندىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى خرىستىئان دىنىغا، شىمالىي ئىرلاندىيىدىكى بىر قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئوئېللىستىكى بىر قىسىم خەلق ئوئېللىس تىلىدا (كىلىت تىلىدا)، شوتلاندىيە بىلەن شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى بىر قىسىم خەلق گىل تىلىدا سۆزلىشىدۇ. پايتەختى لوندون شەھىرى. ئەنگلىيە ئېنگىلاند (لاتىنچە ئانگلىيا، ئانلىي) سۆزىدىن كېلىپ چىققان. ئانگلىي 430 - يىللىرى گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىن ئۇلۇغ برىتانىيە ئاراللىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان گېرمان قەبىلىسىنىڭ نامى. ئەنگلىيە دېگەن ناممۇ شۇنىڭغا ئاساسەن قويۇلغان ئەنگلىيىدە مىلادى 7 - ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. 15 - ئەسىرنى ئاخىرى كاپىتالىزمنىڭ ئېلېمېنتلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 1640 - يىلدىن 1660 - يىلغىچە بولغا بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ 19 - ئەسىردە دۇنيادا كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مۇستەملىكىلىرىنىڭ مەيدانى ئۆز تېررىتورىيىسىدىن 150 ھەسسە ئوشۇق بولۇپ، بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا، تېررىتورىيىسىدە قۇياش ئولتۇرماس ئىمپېرىيە دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ سانائت ئىشلەپچىقىرىشى 1870 - يىلدىن 1890 - يىلغىچە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كېيىن چىققان ئامېرىكا، گېرمانىيىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. ئەنگلىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەر قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيىلەردىن قالسا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۇتقان سالمىقى ناھايىتى يۇقىدى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئەمگەك كۈچى پۈتۈن ئەمگەك كۈچىنىڭ 48.7% ىنى ئىگىلەيدۇ. سانائىتىدە ئەنئەنىۋى سانائىتى بولغان توقۇمىچىلىق، كۆمۈر سانائىتى، كېمىسازلىقلاردىن باشقا، يېڭىدىن تەرەققىي قىلغان ئاۋىئاتسىيە، ئېلېكتر، خىمىيە سانائەت، نېفىت، ئاپتوموبىل قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى خەلقئارادا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىر قانچە ئون مالىيە گۇرۇھى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.

ئەنگىلىيىنىڭ نۆۋەتتىكى باش ۋەزىرى
[img]http://img7.9158.com/200711/21/17/02/200711217632873.jpg[/img]
ئىسىمى:برون(布朗)
بۇ كىشى2007-يىلى6-ئاينىڭ27-كۈنى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا ئەنگىلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەندى.

5.فىرانسىيە
دۆلەت بايرىقى
[img]http://img7.9158.com/200711/21/17/18/200711212639369.jpg[/img]
[img]http://img7.9158.com/200711/21/17/18/200711212956827.jpg[/img]
فرانسىيە
غەربىي ياۋروپا جايلاشقان دۆلەت، ئۇ يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىچىگە جايلاشقان كورسىكا ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى شىمال، غەرب تەرىپى ئەنگلىيە بوغۇزى، بېسكەي قولتۇق سۇلىرى بىلەن، جەنۇب تەرىپى يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. شەرق، شەرقىي شىمال تەرىپى ئىتالىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ليۇكسېمبۇرگ، بېلگىيە بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئىسپانىيە، ئاندورالار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 550 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ياۋروپادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىنى ئالىپ ۋە يورا تاغلىرى، غەربىي جەنۇبىنى پېرنى تاغلىرى، جەنۇبىي ئوتتۇرا قىسمىنى مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىك ئىگىلەپ تۇرىدۇ. يەر ۋەزىيىتى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ، يەر شەكلى جەھەتتە تۈزلەڭلىكلەرنى ئاساس قىلغان تۈزلەڭلىك، ئىدىرلىقلار4/5 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 250 مېتىرغا يەتمەيدىغان تۈزلەڭلىكلەر 60% نى ئىگىلەيدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، شەرقىدىكى تاغلار ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىمغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. فرانسىيىنىڭ شىمالىي، شەرقىي، جەنۇبىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى خېلىلا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ ھەرخىل يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. غەربىي جەنۇب بىلەن جەنۇب تەرەپلىرىدە بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4سېلسىيە گىرادوستىن - 7سېلسىيە گىرادوسقىچە، شەرقىي بىلەن شىمالدا 1سېلسىيە گىرادوستىن - 3سېلسىيە گىرادوسقىچە بولىدۇ. يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي ۋە غەربىدە 16سېلسىيە گىرادوستىن - 18سېلسىيە گىرادوسقىچە، جەنۇب بىلەن شەرقىدە 21سېلسىيە گىرادوستىن - 24سېلسىيە گىرادوسقا ېيتىدۇ.يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 600 - 800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، تاغلىق رايونلاردا 1500 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. فرانسىيىنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ھۆل - يېغىنى تەكشى، بىراق كۈز ۋە قىش پەسلى سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. جەنۇبىدا قىشتا ھۆل - يېغىن كۆپ بولىدۇ. فرانسىيىنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى مول بولغانلىقتىن 27.6% يېرىمى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ ئاھالىسى 55 مىليون 761 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ 90% ىنى فرانسۇزلار ئىگىلەيدۇ. چېگرا رايونلاردا ئېلىزاس، بىلىتۇن، كورىسكا، باسكى، فراگمان قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، فرانسىيىدىكى چەت ئەل مۇھاجىرلىرى 4 مىليوندىن ئوشۇق بولۇپ، ئاھالىنىڭ 8% نى تەشكىل قىلىدۇ. چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ئىچىدە ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پولشا، ئالجىرىيە، بېلگىيە، ۋېيتنام، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر بار. فرانسىيىنىڭ ھازىرقى يېرىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5 - ئەسىردە فرانكىلىقلار كېلىپ ئولتۇراقشقان. 843 - يىلى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. 15 -، 16 - ئەسىرگىچە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن مەركىزىي ھۆكۈمەت بارلىققا كەلگەن. 1789 - يىلى بۇرژوئا ئىنقىلابى پارتلاپ فېئوداللىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1958 - يىلغىچە بەش قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. فرانسىيە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان سانائەت، يېزا ئىگىلىك دۆلىتى. ئۇ ئا ق ش، ياپونىيە، گىرمانىيىدىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ سانائىتى كونا ۋە يڭى دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. كونا سانائەت تارمىقى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى سانائەت تارمىقى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەرەققىي قىلغان. مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە، ئېلېكترون، ئاتوم، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئىبارەت. يېزا ئىگىلىكىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. فرانسىيە دۇنيادا مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئۇ دۇنيادا ئاشلىق مەھسۇلاتى جەھەتتە ئالتىنچى ئورۇندا، ئارپا، سېرىق ماي، ئۈزۈم ھارىقى ئېكسپورتىدا بىرىنچى ئورۇندا، بۇغداي ئېكسپورتىدا ئا ق ش، كانادادىن قالسا، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىۇد. يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تولۇق، دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي، قىزىلچا ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. سۈت مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش دىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇندا، گۆش مەھسۇلاتى جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. فرانسىيىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ سۇ قاتنىشى بەك قولاي. تۆمۈر يول، تاشيوللارمۇ زور دەرىجىدە زامانىۋىلاشقان بولۇپ، ماشىنا، پويىزلارنىڭ قاتناش سۈرئىتى تېز. فرانسىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولغان ئالاقىسىدە دېڭىز ترانسىپورتى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، دۆلەت ئىچىدە تۆمۈر يول ترانسىپورتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

فىرانسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭى
[img]http://img7.9158.com/200711/21/17/18/200711213268584.jpg[/img]
ئىسىمى:ساركوزى(尼古拉·萨尔科齐)
2007-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى سايلامدا غەلبە قىلىپ،فىرانسىيىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەندى.
[ بۇ يازما Erdewil تەرىپىدىن 2007-11-21 19:49 دە قاي ]
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-21 19:03 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.075947(s) query 3, Time now is:01-12 22:20, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation