مەن بۈگۈن بەيدۇ تورىدىن ماتېريال ئىزلەۋاتسام ، مانا سىلەر كۆرۈپ تۇرغان بۇ سۈرەتلىك ماقالا ئۇچراپ قالدى. بۇ سۈرەت ۋە ماقالىنى << يۇلدۇزاي >> ئىسىملىك توردىشىمىز يوللاپتۇ . مۇنبەردىكىلەرگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم . ( بۇرۇن بۇ مۇنبەرگە يوللانغانمۇ -يوق ، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم )
دۇنيادىكى داڭلىق رەسىم دېيىلىپتۇ ، قايسى ئورۇندا ساقلىنىۋاتقانلىغىنى ئىزاھلىماپتۇ .
بۇ بابۇر ئىمپېريىسىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىم بولۇپ ، ئەكبەر ئوردىسى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن .( رەسىمدىكى ئەكبەر ئوردىسى ئىكەن )
بابۇر يەركەن ئۇيغۇر خانلىقى پادىشاھلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتان ئابدۇرىشىتخان( مۇقامشۇناس ھۆرمەتلىك ئاماننىسىخاننىڭ ئىرى ) بىلەن نەۋرە تۇققان بولۇپ ، ھىندىستاندا ئېمپىرىيە قۇرغان . ئەكبەر بولسا بابۇرنىڭ نەۋرىسى بولىدۇ .( بابۇرنىڭ ئوغلى ھومايۇن ، ھومايۇننىڭ ئوغلى ئەكبەر ) . ئەكبەر 1542 -يىلى 8 - ئايدا ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى سىندى دېگەن جاينىڭ ئاماركوتتا دېگەن كەنتىدە تۇغۇلغان . مىلادى 1566 -يىلى پادىشاھ بولغان . 1605 - يىلى ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى نۇرىدىن جاھانگىر ئولتۇرغان . پادىشاھ ئەكبەرنىڭ خۇلقىنى ئىسلام تارىخچىسى سەئىد فەيياز مەھمۇد مۇنداق تەسۋىرلىگەن : " ئۇ ئات مىنىش ، ئوقيا ئېتىش ، ئوۋچىلىقنى ياخشى كۆرەتتى . ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئارزۇسى دىلىدا ئۇرغۇپ تۇراتتى " . دېمەك رەسىمدىكى تەسۋىر ۋە ۋاقىت يۇقۇرقى پاكىتلارغا ئۇغۇن كېلىدۇ .