بۇ بەتتىكى يازما : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان،كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ كۋادرات كېلومېتىر بولۇپ،جۇڭگو زېمىنىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ،شىنجاڭ جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون .نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى قىسقىسى ، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ سۈيۈملۈك  ئانا يۇرتى بولۇپ كەلمەكتە ھەم بولغۇسى مەڭگۈ!
          شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان،قۇرۇقلۇق چېگرىسى 5600 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ،ئەتراپتا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، مۇڭغۇلىيە، ھىندىستان، ئافغانىستاندىن ئىبارەت 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شىنجاڭ تارىختا قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان،ھازىر يەنە 2 - ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ،شۇڭا شىنجاڭنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم.
        شىنجاڭ قەدىمدە غەربىي دىيار دەپ ئاتالغان بولۇپ،جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن،شىنجاڭ جۇڭگو زىمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغان. 1884 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغان. 1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان،1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. شىنجاڭدا ھازىر 14 ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەر،88 ناھىيە (شەھەر) بار،بۇنىڭ 33 ى چېگرا ناھىيە (شەھەر). شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ،174 تۈەن - مەيدان بار. 2004 - يىلنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 19 مىليون 631 مىڭ 100گە يەتتى،بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى تەخمىنەن %60.5 نى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭدا جەمئىي 47 مىللەت تەركىبى بار،بۇنىڭ ئىچىدە ئەزەلدىن بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەنلىرى 13 . ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليون 976 مىڭ 700 بولۇپ،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %45.73 ىنى؛ خەنزۇلار 7 مىليون 802 مىڭ 500 بولۇپ،%39.75 ىنى ؛ قازاقلار 1 مىليون 381 مىڭ 600 بولۇپ،%7.04 ىنى،خۇيزۇلار 876 مىڭ 300 بولۇپ،%4.46 ىنى،قىرغىزلار 171 مىڭ 200 بولۇپ،%0.87 ىنى،مۇڭغۇللار 169 مىڭ 600 بولۇپ،%0.86 ىنى،تاجىكلار 43 مىڭ 500 بولۇپ،%0.22 ىنى،شىبەلەر 40 مىڭ 800 بولۇپ،%0.21 ىنى،مانجۇلار 24 مىڭ 100 بولۇپ،%0.12 ىنى،ئۆزبېكلەر 14 مىڭ 200 بولۇپ،%0.07 ىنى،رۇسلار 11 مىڭ 300 بولۇپ،%0.06 ىنى،داغۇرلار 6700 بولۇپ،%0.03 ىنى،تاتارلار 4700 بولۇپ،%0.02 ىنى ئىگىلەيدۇ.
شىنجاڭ دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق،4 ئەتراپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ تەۋەسىدە قاتمۇقات مۇزلۇق چوققىلار،كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار،بىپايان يايلاقلار،يۇلتۇزدەك تارقالغان بوستانلىقلار بار. 3 تاغ 2 ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدۇ. شىمالدا ئالتاي تېغى،جەنۇبتا كوئېنلۇن تېغى بار،تەڭرىتاغ شىنجاڭنى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭغا ئايرىپ تۇرىدۇ. تارىم ئويمانلىقى تەڭرىتاغ بىلەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ،كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىق ھېسابلىنىدۇ،تەكلىماكان قۇملۇقى ئويمانلىقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ،كۆلىمى 330 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ،ئۇ دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2100 كىلومېتىر بولۇپ،جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېرى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ،بۇ جاي جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن جاي ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل كىلىماتقا تەۋە بولۇپ،يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارى 155 مىللىمېتىر. تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى نۇرغۇن دەريالارنى شەكىللەندۈرگەن،بوستانلىقلار ئويمانلىقلارنىڭ چېتىگە ۋە دەريا ۋادىلىرىغا جايلاشقان،بوستانلىق كۆلىمى ئاپتونوم رايونىمىز كۆلىمىنىڭ %5 ىنى ئىگىلەيدۇ،تىپىك بوستانلىق ئىكىلوگىيىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
شىنجاڭ ئۆزگىچە سۇ،تۇپراق،قۇياش نۇرى بايلىقىغا ئىگە. شىنجاڭدا ئاپتاپنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن،يىغىندا تېمپراتۇرا يۇقىرى،قىراۋسىز مەزگىل ئۇزۇن،يىللىق قۇياش رادىئاتسىيىسى مىقدارى شىزاڭدىن كېيىنلا تۇرىدۇ،بۇ زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. شىنجاڭدا ھازىر 60 مىليون 380 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ،كىشى بېشىغا 12 .3 مودىن توغرا كېلىدۇ،بۇ مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ 1 .2 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى 5 چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى،3 تاغ ۋە 2 ئويمانلىقنىڭ ئەتراپىدا كۆپلىگەن ئوبدان يايلاقلار بار،يايلاق كۆلىمى 770 مىليون مو بولۇپ،ئىچكى مۇڭغۇل،شىزاڭدىن قالسىلا 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقىنىڭ %3 ىنى ئىگىلەيدۇ. 2004 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 88 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئۈستى سۈيى 5146 كۇب مېتىر بولۇپ،مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە قىممەتنىڭ 2.25 ھەسسىگە توغرا كەلدى. ئېچىشقا بولىدىغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 25 مىليارد 100مىليون كۇب مېتىر،مۇزلۇق زاپىسى مەملىكەت بويىچە مۇزلۇق زاپىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما شىنجاڭ ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان،ھاۋاسى قۇرغاق،سۇ بايلىقى پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى،تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقى،يەر ئۈستى سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن،بەزى جايلاردا سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىققان.
شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ تۈرى كۆپ،زاپىسى مول،ئېچىش ئىستىقبالى كەڭ. ھازىر بايقالغان قېزىلما بايلىق 138 خىل بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 9 خىلىنىڭ زاپىسى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ،32 خىلىنىڭ زاپىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت،تەبىئىي گاز،كۆمۈر،ئالتۇن،خرۇم،مىس،نېكىل،ئاز ئۇچرايدىغان مېتال،تۇز تۈرىدىكى قېزىلما،بىناكارلىق ماتېرىيالى قىلىنىدىغان غەيرىي مېتال قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى ئىنتايىن مول. شىنجاڭنىڭ نېفىت بايلىقى 20 مىليارد 860 مىليون توننا بولۇپ،ئېلىمىز قۇرۇقلۇق نېفىت زاپىسىنىڭ %30 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ تەبىئىي گاز بايلىقى 10 ترىليون 300 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ،مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ %34 ىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ نېفىت - گاز چارلاش - ئېچىش يۇشۇرۇن كۈچى غايەت زور،ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى. شىنجاڭنىڭ مۆلچەرى كۆمۈر بايلىقى 2 تىرىليون 190 مىليارد توننا بولۇپ،مەملىكەت بويىچە كۆمۈر زاپىسىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئالتۇن،ئالماس،قاشتېشى قاتارلىق بايلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ،قەدىمدىن تارتىپ داڭلىق.
شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول ھەم ئۆزگىچە. << جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى>> بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا،جۇڭگودىكى 68 خىل ئاساسىي تۈرنىڭ ئاز دېگەندە 56 سى شىنجاڭدا بولۇپ،مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە بولۇپ،ھەيۋەتلىك مۇز چوققىلار،كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقلار،گۈزەل ئوت يۇرتى،قۇملۇقلارنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان بوستانلىقلار بار. مەشھۇر تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرىدىن بۇغدا كۆلى،قاناس كۆلى،باغراش كۆلى،سايرام كۆلى،بايىنبۇلاق يايلىقى قاتارلىقلار بار. شىنجاڭنىڭ ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ،5000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي،شىمالىي ۋە ئوتتۇرا غول لىنىيىلىرىدە يۈزلىگەن قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى،قەدىمكى قەبرىستانلىق،مىڭ ئۆي،بوز يەر ئېچىش خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەنزىرە ئىزنالىرى قالغان،بۇنىڭ ئىچىدە يارغول قەدىمكى خارابىسى،ئىدىقۇت قەدىمكى خارابىسى،كرورەن قەدىمكى خارابىسى،قىزىل مىڭ ئۆيى،ئىپارخاننىڭ قەبرىسى قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ،مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت - سەنئىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتى رەڭگارەڭ،قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئانتوپورولوگىيىلىك ساياھەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ،جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
شىنجاڭنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ۋە ئۆزگىچە،تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. شىنجاڭدىكى ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 4000 دىن ئاشىدۇ. زىرائەت تۈرى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ،بىرمۇنچە زىرائەتلەرنىڭ سورتى ئىنتايىن ياخشى. شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھايۋانلىرى ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش،كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. شىنجاڭ يەنە كېلىپ كۆپ خىل مېۋىلەرنىڭ پەيدا بولۇش مەركىزى،ئىككىلەمچى مەركىزىدۇر. شىنجاڭنىڭ مېۋە بايلىقى مول بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك سورتى 300 خىلدىن ئاشىدۇ. تەبىئىي دورىلاردىن چاكاندا،لوپنۇر كەندىرى،چۈچۈكبۇيا،ھىڭ،قارلەيلىسى قاتارلىقلار كەڭ تارقالغان،سۈپىتى ياخشى.
بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. 50 يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى،گوۇۋيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك شانلىق مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى،يېزا ئىگىلىكى ئاساس،سانائەت يېتەكچى قىلىنغان خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ،تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغ تايانچ ،تۆمۈريول ۋە تاشيول غول لىنىيىسى رامكا،رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مەركەز شەھەرلەر نۇقتا قىلىنغان،رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى. 2004 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد 15 مىليون يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %11.1 ،1978 - يىلدىكىدىن 5. 11 ھەسسە ئاشتى،يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %10.6 بولدى. شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 11 مىڭ 199 يۈەنگە يېتىپ،مەملىكەت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن 570 يۈەن ئاشتى. كەسپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى ۋە تەڭشەلدى،1 -،2 -،3 - كەسىپلەرنىڭ سالمىقى 1978 - يىلدىكى 35.8 : 47.0 : 17.2 دىن 20.2 : 45.9 : 33.9 غا تەڭشەلدى. مالىيە كىرىمى كۆپلەپ ئاشتى،2004 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يەرلىك مالىيىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 14 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %18.2 ،1978 - يىلدىكىدىن 19.7 ھەسسە ئاشتى،يىللىق ئېشىش نىسبىتى %12.9 بولدى.
شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرش ئىقتىدارى يىلمۇيىل ئاشتى، ھازىر پاختا، ئاشلىق،قىزىلچا، باغۋەنچىلىك،چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەۋزەل،يېتەكچى كەسىپلەر بارلىققا كەلدى. 2004 - يىلى يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتى 44 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %5.1 ،1978 - يىلدىكىدىن 6.1 ھەسسە ئاشتى. ئېلىنغان ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى8 مىليون 285 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ،2003 - يىلدىكدىن %3.4، 1978 - يىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى،پاختا مەھسۇلاتى 1 مىليون 752 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ،مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %27.73 ىنى ئىگىلىدى. زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى،2004 - يىلنىڭ ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 52 مىليون 63 مىڭ 700 گە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %3.6، 1978- يىلدىكدىن 10.7 ھەسسە ئاشتى. ئومۇمىي گۆش 1 مىليون 281 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %11.4، 1978 - يىلدىكدىن 12.3 ھەسسە ئاشتى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى،پاختا،قۇلماق،پەمىدۇر،زاراڭزا،ئالقات،قوغۇن،تۇرپان ئۈزۈمى،كورلا نەشپۈتى،خوتەن ئانىرى قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا داڭقى بار،بۇنىڭ ئىچىدە قۇلماق مەھسۇلاتى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ،ئالقات %50 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ،زاراڭزا %60 تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاۋار پاختا ،قۇلماق ۋە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەش بازىسى،مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋىچىلىق ۋە قىزىلچا،شېكەر ئىشلەش بازىسى بولۇپ قالدى.



سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، تېخنىكا سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى،قىزىلما بايلىق ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە كەسپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش يېتەكچى كۈچ قىلىنغان، نېفىت - تەبئىي گاز ئېچىش، نېفىت خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر، كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى،توقۇمىچىلىق،بىناكارلىق ماتېرىيالى،خىمىيە سانائىتى،تىببىي دورىگەرلىك،يېنىك سانائەت،يېمەكلىك قاتارلىق تۈرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق،مەلۇم كۆلەمگە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلدى. 2004 - يىلى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 74 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %14.5، 1978 - يىلدىكىدىن 10.3 ھەسسە ئاشتى. ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2004 - يىلى كۆلەمدىن ئاشقان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى 22 مىليون 277 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ،مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇنغا ئۆتۈپ،2003 - يىلدىكىدىن %5.1 ،1978 - يىلدىكىدىن 5.3 ھەسسە ئاشتى؛ كۆمۈر مەھسۇلاتى 22 مىليون 196 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %15، 1978 - يىلدىكىدىن 1.1 ھەسسە ئاشتى. توك ھاسىل قىلىش مىقدارى 24 مىليارد 410 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %12.7، 1978 - يىلدىكدىن 5 .10 ھەسسە ئاشتى. كارخانىلارنىڭ پۈتكۈل تىجارەت سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى،زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 2004 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا بازارغا سېلىنىدىغان شىركەت 27 گە يەتتى،ئومۇمىي بازار قىممىتى 40 مىليارد 539 مىليون يۈەنگە،ئومۇمىي پاي 8 مىليارد 362 مىليونغا،ئومۇمىي توپلانغان مەبلەغ 11 مىليارد 92 مىليون يۈەنگە يەتتى،بازارغا سېلىنىدىغان بۇ شىركەتلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا خېلى زور مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى،مەبلەغ سېلىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 2004 - يىلى جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 116 مىليارد يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %15.8 ئاشتى. ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان،ئىجتىمائىي سېلىنما 785 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يېتىپ،يىلىغا ئوتتۇرىچە %19.7 تىن ئاشتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ،زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى،مەسىلەن،تارىم ۋادىسىنىڭ سۇغىرىش ۋە مۇھىت ئاسراش 1 - قەرەللىك قۇرۇلۇشى،ئۇلۇغئاتا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى،شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى،جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە ئۇنى غەربكە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى،لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى قوش لىنىيە قۇرۇلۇشى،تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى،ئۈرۈمچى - كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى،جەنۇبىي شىنجاڭ،شىمالىي شىنجاڭ ئوپتىك كابېل قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار پۈتتۈرۈلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى5. 2998 كىلومېتىرغا يېتىپ،تۆمۈريول ترانسپورت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. تاشيول قاتناش مۇساپىسى 86 مىڭ 500 كىلومېتىر (جۈملىدىن بىڭتۈەننىڭ)غا يېتىپ،ئۈرۈمچىنى مەركەز،7 دۆلەت يولىنى ئاساسىي رامكا قىلغان،شەرقتە گەنسۇ،چىڭخەيگە،غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا،غەربىي ئاسىيا ئەللىرىگە،جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتاشقان،شىنجاڭ ئىچىدە 68 ئۆلكە يولىغا ۋە ۋىلايەت - شەھەرلەرگە،ناھىيە - يېزىلارغا تۇتاشقان تاشيول قاتنىشى ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر پۇقرالار ئايرودرومىدىن 12 سى،ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدىن 92 سى بولۇپ،ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان،جۇڭگودىكى 65 چوڭ،ئوتتۇرا شەھەرگە ۋە چەت ئەلدىكى 11 شەھەرگە تۇتاشقان ھاۋا ترانسپورت تورى بارلىققا كەلدى،ئاۋىئاتسىيە مۇساپىسى 111 مىڭ 800 كىلومېتىرغا يەتتى. 2004 - يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە،مۇقىم تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %26.6 كە،كۆچمە تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %25.3 كە،ئالاقە تورى ئابۇنتلىرى 781 مىڭغا يەتتى.
شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى،چېگرا بويلىرى،ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ۋە قاتناش غول لىنىيىلىرىنى چۆرىدەپ،خەلقئاراغا،مەملىكەت ئىچىگە كېڭەيگەن ھەر تەرەپلىمىلىك،كۆپ قاتلاملىق،كەڭ دائىرىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ھالىتى تەدرىجىي بارلىققا كەلدى. ھازىر دۆلەت تەستىقلىغان ئوچۇق شەھەر،ناھىيىدىن 70 ى،1 - دەرىجىلىك ئوچۇق پورتتىن 17 سى،دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن 2 سى،دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى،يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن بىرى،پىششىقلاش سودا رايونىدىن بىرى،چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن 3 ى بار،100 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. 2004 - يىلى تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد 636 مىليون دوللارغا يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %18.3، 1978 - يىلدىكىدىن244 ھەسسە ئاشتى،يىللىق ئېشىش نىسبىتى %24.6بولدى،بىز بىلەن تاشقى سودا قىلىدىغان ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلار قازاقىستان،ئامېرىكا،رۇسىيە،ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز رورايدى،1978 - يىلدىن تارتىپ چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ 580 مىليون دوللارغا يەتتى. 1992 - يىلدىن باشلاپ 13 نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد - سودا يەرمەنكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
ساياھەتچىلىك ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. 2004 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۈتۈۋېلىنغان خەلقئارا ساياھەتچى 316 مىڭ 900 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %87.5، 1978 - يىلدىكىدىن1977 ھەسسە كۆپەيدى،يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى %35.5 بولدى؛ ئىچكى ساياھەتچى 12 مىليون 415 مىڭ 800 ئادەم - قېتىمغا،ئىچكى ساياھەت كىرىمى 10 مىليارد 896 مىليون يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %22.9 ئاشتى. ساياھەت كىرىمىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %5.0 كە يەتتى. ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى نۇقتىسى بولۇپ قالدى.
ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. 2004 - يىلى شىنجاڭدا خۇسۇسىي كارخانىلار كۆپىيىپ 43 مىڭغا،كەسپكارلىرى 572 مىڭ 500 گە،رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 64 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يەتتى،يەككە سودا - سانائەتچىلەر 467 مىڭغا،كەسپكارلىرى 742 مىڭغا،رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 8 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %21.8 ىنى ئىگىلەپ،ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش،باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش،ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.
ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا، مائارىپ،مەدەنىيەت، سەھىيە،تەنتەربىيە،رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى. پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2004 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى 445 مىڭغا يەتتى،ھەر 100 مىڭ ئاھالە ئىچىدە ئوتتۇرا،ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتلىقلار 5000 دىن ئېشىپ،مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئاپپاراتىدىن 122 سى بار؛ 1979 - يىلدىن بۇيان،6545 تۈردە زور پەن - تېخنىكا نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈر 137 ،پەن - تېخنىكا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ۋە جەمىئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. مائارىپ ئىشلىرى پۇختا تەرەققىي قىلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 4 مىليون 399 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار %57.8 نى ئىگىلەيدۇ،مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار 265 مىڭغا يېتىدۇ. 2004 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە،ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى›› تەربىيىسىدە بولغانلار ئاپتونوم رايون ئاھالىسىنىڭ %71.9 ىنى ئىگىلىدى. ياشلار ۋە قېرىلارنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %2 تىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 28 ى بار،تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستا ئوقۇۋاتقانلار 163 مىڭغا يېتىپ،1978 - يىلدىكىدىن 14.8 ھەسسە ئاشتى. مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنمەكتە،رادىئونىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %92.9كە،تېلېۋىزىيىنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %92.5 كە يەتتى. داۋالاش - ساقلىق ساقلاش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى،ناھىيە،يېزا،كەنت دەرىجىلىك داۋالاش،ئالدىنى ئېلىش،ساقلىق ساقلاش تورى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى،2004 - يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سەھىيە ئاپپاراتى 9434 كە،كارىۋات 728 مىڭغا،سەھىيە - تېخنىك خادىمى 958 مىڭغا يەتتى. ھەممە ناھىيە (شەھەر)دە دوختۇرخانا،سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ۋە ئاياللار - بالىلار ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بولۇش،يېزا (بازار)لاردا شىپاخانا ،ھەممە كەنتتە داۋالاش ئورنى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يىلدىن - يىلغا ئۆستى. 2004 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7503 يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %4.9 ،1978 - يىلدىكدىن 22.5 ھەسسە ئاشتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2245 يۈەنگە يېتىپ،2003 - يىلدىكىدىن %3.1 ،1978 - يىلدىكدىن 17.8 ھەسسە ئاشتى؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلدىكى 5.42 كۋادرات مېتىردىن 2004 - يىلى 18.82 كۋادرات مېتىرغا،يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرالغۇ كۆلىمى 1980 - يىلىدىكى 7.8 كۋادرات مېتىردىن 2004 - يىلى 19.1 كۋادرات مېتىرغا يەتتى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن،پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك رايون بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ،دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار مىللەت،دىن سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە يولغا قويدى،ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 5 مىللىي ئاپتونوم ئوبلاست،6 مىللىي ئاپتونوم ناھىيە،42 مىللىي يېزا بار. دۆلەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش،ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى،ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى 3000 دىن ئارتۇقراق كىشىدىن 348 مىڭغا يېتىپ،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %51.8 ىنى ئىگىلىدى،بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار،ئىختىساسلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئىقتىساد،مائارىپ،پەن - تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىغا ۋە ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ،مەدەنىيەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر خىل مائارىپتا كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بويىچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساس مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇر،خەنزۇ،قازاق،قىرغىز،مۇڭغۇل،شىبە،رۇستىن ئىبارەت 7 خىل تىلدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى گېزىتلەر ئۇيغۇر،خەنزۇ،قازاق،قىرغىز،مۇڭغۇل،شىبە تىلىدىن ئىبارەت 6 خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ،ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى گېزىت 43 خىلغا،ژورنال 80 خىلغا يېتىدۇ؛ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر،خەنزۇ،قازاق،قىرغىز،مۇڭغۇل تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر،خەنزۇ،قازاق تىلىدا ئاڭلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن ‹‹قۇتادغۇبىلىك››،‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي داستانى ‹‹جاڭغىر››،‹‹ماناس›› ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹‹ 12 مۇقام››ى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. پارتىيىنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ،دىننىي زاتلار،دىننىي سورۇنلار ۋە ئاممىنىڭ نورمال دىننىي پائالىيەتلىرى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 23 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار،بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان ئىدىيىۋى تەربىيە پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردۇق. 1983 - يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇدا 22 يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ‹‹3 ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ،باراۋەرلىك،ئىتتىپاقلىق،ھەمكارلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى،تەرەققىياتقا ئىنتىلىش،ئىتتىپاقلىقنى ئارزۇ قىلىش،مۇقىملىقنى ئويلاش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئورتاق ئىنتىلىشى بولۇپ قالدى. بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئائىت بىر قاتار فاڭجېن،سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ غوللۇق ئۇنسۇرلىرىغا،زوراۋان تېرورچىلارغا ۋە دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ،قاتتىق زەربە بېرىش،تۈزەش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ،دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ قالدۇق.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ۋە گۈزەل ئىستىقبالغا يۈزلەنمەكتە. بىز پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي،تەرەققىياتنى تېزلىتىپ،پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىمىز. 2005 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 240 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ،%9 ئاشۇرۇش؛ 2007 - يىلغا بارغاندا،ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 257 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ،يىلىغا ئوتتۇرىچە %10 ئاشۇرۇش؛ 2020 - يىلغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 772 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ،يىلىغا %9.2 ئاشۇرۇش،2000 - يىلدىكىدىن 2 قاتلاش نىشانىغا يېتىش پىلانلاندى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن،بىز دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ئۇلۇغ بايرىقى ۋە ‹‹ 3 كە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -،4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،تەرەققىياتنى 1 - مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇتۇپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،غەربىي رايوننى ئېچىشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى ئايلاندۇرۇش ستراتېگىيىسى،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ستراتېگىيىسى،شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كۈچەيتىش ستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ستراتېگىيىلىك تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ،زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ،يېزا ئىگىلىكى،يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ،يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش،سانائەتلىشىش ۋە بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ،ئىسلاھاتنى يەنىمۇ تېزلىتىپ،ئىچكى ئۆلكىلەرگە ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك،ماس،سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئىجتىمائىي،سىياسىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ،تىرىشىپ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ،شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى،يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز....................

menbe:bbs.diyarim.com
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-22 20:38 | [ئاپتور]
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

كونا مۇنبەردىكى تۆرەمنىڭ ئىنكاسى:
شىنجاڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سابىق ئىدارىسى ، سوۋىت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنىپ شىنجاڭدا كۆچۈرۈپ بىسىلغان 500،000 : 1 ماسىشتاپلىق شىنجاڭ خەرىتىسىگە ئاساسلىنىپ يىڭىۋاشتىن ھىساپلاپ ، شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانىنى 1،734،750 كۇئادىرات كىلومىتىر دىگەن سانغا ئېرىشكەن .

ئازاتلىقتىن بۇرۇن بەزى ماتىرياللاردا 1،550،000 كۇئادىرات كىلومىتىر ، بەزى ماتىرياللاردا 1،711،931 كۇئادىرات كىلومىتىر دەپ يىزىلغان ، ھەتتا بەزى ماتىرياللار 1،828،418 كۇئادىرات كىلومىتىر دەپ يىزىلغان ئىكەن .
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-22 20:43 | 1 -قەۋەت
uchqunlar
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-10-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

شىنجاڭ دېگەن بۇ نام ئازادلىقتىن بۇرۇن نېمە دەپ ئاتالغان بولغىيتى ؟ كىم بىلىدۇ  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
Posted: 2007-12-14 00:55 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق دەۋر

Total 0.118015(s) query 6, Time now is:01-14 09:37, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation