بۇ بەتتىكى يازما : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،مەڭگۈتاشتىن سىلەرگە ...... بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

جۇلا
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-20
ئاخىرقى كىرگىنى : 2007-11-24

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،مەڭگۈتاشتىن سىلەرگە ......

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىمىز پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىلگەن <ساخاۋەتلىك ھەقسىز كۆرۈش كۈتۈپخانىسى>قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن بىر قىسىم تورداشلار ھەمكارلىق شەكلى قوبۇل قىلىنىش شەرىتلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ نۇرغۇن ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئەھمىيەتلىك بۇ ئىشىمىزغا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى تىلىدى.
بىز ئۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەخمىتىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسىنىڭ نىزامنامىسى ۋە قىسقىچە تارىخىنى ئوچۇق ئېلان قىلدۇق ،بۇنىڭدىكى مەخسەت بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە ۋە تورداشلارغا بۇ كۈتۈپخانىمىزنىڭ خاراكتىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت .
شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ كۈتۈپخانىمىز ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا قارىتا بولمىغۇر يوللانمىلارنى يوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .كۈتۈپخانا قۇرلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەرقايسى ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ توربەتلىرىدە داۋاملىق ئېلان قىلىندۇ .غۇلجا شەھەرمۇ پىلانغا كىرگۈزۈلدى.
تورداشلارنىڭ بىلمىگەن ياكى باشقا سوراشقا تىگىشلىك مەسىللىرى بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز  . ئىمكان قەدەر ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقە ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ .
بىزنىڭ ئادىرسىمىز:ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى 96ۋە 414-نومۇر
تېلفۇن نومۇرى :8539115-0991
ئالاقىلاشقۇچى :ئۆمەر داۋۇت.

          شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى

مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدە قىممەتلىك ئابىدە تىكلەش ئۇلۇغۋار مەخسىتىدە قۇرۇلغان مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى 2001-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان (قىرائەتخانا) . قىرائەتخانا قۇرۇلۇپ تاكى 2005-يىلىغىچە بولغان بەش يىل مۇساپىدە،بىلىمگە تەشنا چاڭقاق دىللارنى ،يىراق -يېقىن ھەر ساھەدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى خالىس قاندۇرۇپ ،ھەر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە نۇرلۇق چىراق يېقىپ ،ئەقىل تۇلپارىنى چاپتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز ياخشى شارائىت ھازىرلاپ كەلدى . بەش يىل ئىچىدە  ئەدەبىيات سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ،مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ،ئەۋلادلىرىمىزنىڭ گۈزەل كىلەچىكى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلدىغان تاماسىز سېخى قوللار ئۆزلىرىنى <تۇتىيا>بىلگەن قىممەتلىك يالدامىلارنى خالىس بىز ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ قىرائەتخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللىدى .
بولۇپمۇ شىنجاڭ< بەرىكە>مائارىپ تەرەققىيات شىركىتىنىڭ قىرائەتخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ ،زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى ،ھەر ساھە كەسىپداشلارنىڭ يېقىندىن كۆڭۇل بۆلۈشى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تەستىقى بىلەن 2005-يىلى 4-ئايدا دىيارىمىزدىكى تۇنجى ھەقسىز ئاممىۋى كۈتۈپخانا <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى>رەسمى قۇرۇلۇپ خەلق باشقۇرشىدىكى <ئاممىۋى تەشكىلات>  دەپ ئەنگە ئېلىندى .
شىنجاڭ مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسى كۈتۈپخانا بولۇپ قۇرۇلغاندىن كىيىن مىللىي تىل يېزىقتقكى كىتاپ ژورناللارنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ نەشىريات بىلەن ئوقۇرمەن ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۆك رول ئويناپ ،بىلىم خۇمار ئوقۇرمەنلەرنى، تۇرلۇك ژانىردىكى كىتاپ ژورناللارنى ھەقسىز كۆرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ ئۆز نۆۋىتىدە كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان سېتودىنىتلار ئۆزى ئۈچۈن كېرەكلىك ماتىرياللارنى بىمالال ئىزدەيدىغان قۇرال كىتاپلار ئامبىرىغا ئايلاندى .
كۈتۈپخانا -ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ مەلۇم تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مۇقەررەر مەسئۇلى ، ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈپ ئىختىساسلىق خادىم بولۇپ چىقىشنىڭ بۆشۈگى .ئۆزلىكىدىن ئۈگىندىغان ياشلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۈگىنىش شارائىتىنى ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارات .مەسئۇلىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن <مەڭگۈتاش ،تنىچ،يىڭى ،گۈزەل بولۇشتىن ئىبارەت پىرىنسىپتا چىڭ تۈرۈپ، كۈتۈپخانا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، كۈتۈپخانىنىڭ ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىلەشتىكى  ئورنى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ كەلدى .كۈتۈپخانىمىز مەبلەغ سېلىنمىسى جىددى ماليە قېيىن ئەھۋالدىمۇ داۋاملىق تىرىشىپ  ،زامانىۋى ئېلىكتۇرونلۇق كۈتۈپخانا ئەندىزسىنى شەكىللەندۇرۈپ،مەڭگۈ تاش تورى ئارقىلىق مىللي تىل يېزىقىدىكى كىتاپ ژورناللارنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا يەتكۈزۈش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىدۇ .
ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ زور  ئەھمىيەتلىك قۇرلۇش مۇۋەپىقىيەتلىك پۈتۈپ چىقىپ ،مىللي تىل يېزىقىتىكى كىتاپ ژورناللارنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن  ئۇل سالغۇسى .
مەڭگۈ تاشنىڭ  بۈگۈنىنى خەلق بەرگەن ،ئەتىسىنىمۇ خەلق يارتىدۇ .خەلق قوللىغان ئىشتا خەيرى كۆپ ،بەرىكەت كۆپ ،بىز ئۆلۈپ كېتىمىز .ئەبەدى قالدىغىنى ئەلگە بەرگەن مىۋىمىز ،مەڭگۈ تاشنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيانقى خەلىققە بەرگنىنى قالتىس ھىېسابلىيالمىساقمۇ  لىكىن ئۇنىڭ ئەلگە ئۈن-تىنسىز كۈچ قوشىۋاتقانلىقىى رېئاللق. مەنىۋى تەسىرى سەل چاغلىغۇسىز ،ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى ، ئقتىساد مەدەنيەت گۈللەنگەن  شەھەردە كىشىلەرنىڭ كىتاب بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتى كۆپ، شۇڭلاشقا بىز مەڭگۈ تاش كۈتۈپخانىسىنى بىر- ئىككى يەردىلا چەكلەپ قويماي ،خەلقىمىزنىڭ كىتاب بىلەن ئۇچىرشش پۇرسىتى ئاز بولغان  ۋىلايەت -ناھىيەلەرگە كېڭەيتىپ مەڭگۈتاش كۈتۈپخانىسىنى خەلق ئاممسى بىلەن نەشىرياتچىلىقىمىز ئوتتۇرسىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈك قىلىپ ،كىتاب بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولغان شۇ نامرات خەلقىمىزنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى خالىس قاندۇرۇپ ئۇلارنى بىلىم ئېلىش ،  كىتاب ئوقۇش ،باي بولۇشقا دائىر تېخنىكىلارنى ئۈگۈتۈش پۇرسىتىنى يارتىپ  بېرىش ئۈچۈن دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە -شەھەرلىرىمىزگە بىردىن مەڭگۈتاش تىكلەشتەك پىلانىمىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا بارلىق مەرىپەت خۇمار دوستلارنىڭ خالىس ياردىمىدىن ئۈمۈدۋار.
Posted: 2007-11-24 16:01 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.052095(s) query 3, Time now is:01-12 22:49, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation