بۇ بەتتىكى يازما : 11- نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر ۋە  تۈركىي  مەملىكەتلەر يىغىنى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

pis-pas
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-07
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 11- نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر ۋە  تۈركىي  مەملىكەتلەر يىغىنى




11-نۆۋەتلىك تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھىرىدە 17- نويابىردىن 19-نويابىرغىچە چاقىرىلدى. بۇ قۇرۇلتايغا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن 1500 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى( ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرلاردىن 6 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى) . قۇرۇلتاينىڭ 19- نويابىر كۈنىدىكى يېپىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل ناھايىتى مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركلەرنى بىر دەرەخكە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئوخشاتتى. سۇلايمان دېمىرەل، تۈركىي مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى. سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ بۇ نۇتقى قۇرۇلتاي ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.


تۈرك دۇنياسى دېگەن نېمە؟

"1990-يىللىرىغىچە بۇ قۇرۇلتاي نېمىشقا چاقىرىلمىدى. 20-يىل بۇرۇن بۇ قۇرۇلتايغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى مۇمكىنمىدى؟ ئەزەربەيجاندىلا ئەمەس باشقا دۆلەتلەردىمۇ بىر يەرگە كېلەلمەيتتۇق. 20 يىل بۇرۇن تۈرك دۇنياسى قانچە پارچە ئىدى؟ قايسى شەرتلەر ئاستىدا ياشاۋاتاتتى؟ بۈگۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟ تارىخنىڭ يولى ئەگرى توقايمۇ؟
. تۈرك دۇنياسى 11 مىليون كۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، 3 ياۋروپاغا تەڭ. بۇنداق كەڭرى بىر جۇغراپىيىدە مېنىڭ يىلتىزىم، تېگىم تۈرك دېگەن تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ياشىماقتا. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەپسانىسى، داستانى، قەھرىمانى، تىلى، دىنى، تارىخى، رىۋايەتلىرى ۋە چۆچەكلىرى ئورتاق بولغان خەلقلەر ياشايدىغان بىر دۇنيادۇر. بۇ بۈيۈك دۇنيا ئۆتكەن 2000 يىل جەريانىدا نۇرغۇن بوران چاپقۇنلارنى بېسىپ ئۆتتى. بۇلارنى ھەر دائىم يادىمىزدا ساقلىشىمىز كېرەك."

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يىلتىزى بىر

"تۈركىي تىللار دىۋانىغا كۆرە، تۈرك ئىسمىنى تەڭرى بەرگەن. ئۇ چوڭ بىر قارىغايغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ شاخلىرى بار. "تۈركىي تىللار دىۋانى" دا يېزىلىشىچە 21 تۈركىي مىللەت بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر دەرەخنىڭ شاخلىرىدۇر. تارىختا بەزىدە بۇ قارا ياغاچنىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن، ۋاقتى كەلگەندە قايتا ياشنىغان. 1990-يىلىدىكى ۋەقەلەر مانا بۇ ھادىسىلەردىن بىرىدۇر. قارا ياغاچنىڭ شاخلىرى قايتا ياشنىدى. بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر مانا بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى. بۇ مىللەتكە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر. تۈركىي مىللەتلەر نەدە، قايسى شەرت شارائىتتا ياشىسا ياشىسۇن دۇنيا تارىخىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەتتۇر. بۇ قۇرۇلتاينى چاقىرىشىمىزدىكى مەقسەت دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشقان مىللەتلەرنىڭ قايتىدىن دۇنيادا سۆز ئىگىسى بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت."


قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر تارىخنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

" بۇ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ بۇ ئىنسانلىققا، مەدەنىيەتكە، دۇنيا تىنچلىقىغا تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەخمەت يەسەۋى قېرىنداش مىللەتلەرگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىتتىپاقلىشىڭلار، ئۆزئارا جېدەل قىلماڭلار، مەسىلىلىرىڭلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىڭلار، ئىنسانلارنى سىنىپلارغا ئايرىماڭلار، ئەر ئاياللار تەڭ باراۋەردۇر. بۇ مىڭ يىل بۇرۇن ئەخمەت يەسەۋى دېگەن سۆز. ئەر ۋە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى بۈگۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سۆزلەردىن بىرىدۇر. 21-يۈز يىلغا كىرگەن كۈنىمىزدە ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى تەڭ باراۋەر كۆرمەيدىغان كىشىلەر بار. تۈركىي مىللەتلىرى بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قىلىدىغان بولساڭلار بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن قىلىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ تارىخى مىراسىڭلار."

تۈركىي مىللەتلەرگە بېرىلگەن ئالتۇن پۇرسەت"

1990-يىللاردا تارىخ تۈرك دۇنياسىغا ئالتۇن پۇرسەتنى بەردى. نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئەمەس دەل 1990-يىللاردا بۇ پۇرسەت ئوتتۇرىغا چىقتى؟ 20-ئەسىر دۇنيانىڭ ئەڭ قانلىق يۈز يىلىدۇر. ئىككى ئۇرۇشتا جەمئىي 60 مىليون ئىنسان ئۆلدى. ئۇرۇشتا تەرەپ بولمايدۇ. ئەگەر ئىككى چىنىنى سوقۇشتۇرساڭلار، بىرى سۇنسا يەنە بىرسىگە چاك كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ئۇرۇش جېدەل بىلەن ئەمەس تىنچلىق ئىچىدە ھەل قىلىشنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭدۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ئورتاق مەقسىتىمىز ئىنسان ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، كەمبەغەللىكتىن قۇتۇلغان، پىكىر ئېتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىنساندەك ياشىغىلى بولىدىغان بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىش بولۇشى كېرەك. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى ئاساس قىلغان ھالدا، دېموكراتىك ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئىلگىرلەۋاتىدۇ، بىز بۇ يولدىن ئازماسلىقىمىز كېرەك."


bilqut
Posted: 2007-11-24 17:46 | [ئاپتور]
tangriqut
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 Re:11- نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلەر ۋە  تۈركىي  مەملىكەتلەر يىغىنى

يوللاغان ماتېرىيالىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىكەن .رەھمەت سىزگە ،خىۇدا سىزگە بەرەكەت بەرگەي. بولسا يەنە كۆپرەك يوللاپ بەرسەڭىز بوپتىكەن ، بۇ ماتەرىيال مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك .....
bilqut
Posted: 2008-01-24 22:11 | 1 -قەۋەت
uyghur619
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-07

 

ئېسىل تېما ، ھەقىقەتەن توغرا ،تۈرك مىللەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ تۈرك ئىتتىپاقى تۈزەلىگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى ،لېكىن بۇنىڭغا نۇرغۇن توسقۇنلۇقلار بار ،ئاڭ جەھەتتىكى ئورتاقلىقلا كۇپايە قىلمايدۇ ، سىياسىي ،ئىقتىسادىي ،تەرەققىيات قاتارلىق ئامىللارمۇ ۋاقتى كەلگەندە توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . لېكىن بۇ  بىر  ئۇلۇغ نىشان ...
1som
Posted: 2008-01-26 00:44 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

1990-يىل.....................................................................................................................................
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-02-01 16:35 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.064449(s) query 4, Time now is:02-15 08:10, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation