تارىخىمىزدىكى ئۈچ ساتقىن ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
(مۇلاھىزە )
ساتقىنلىق -دۇنيادىكى ھەرقانداق ئەلدە ۋە ھەرقانداق ئىرىقتا مەۋجۇت بولۇپ ،شەخسىيەت ،ھوقۇق -مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قان -قېرىنداش ھەتتا پۈتۈن مىللىتىنى ياكى دۆلىتىنى سېتىۋېتىش ھەم مۇنقەرز قىلىش بەدىلىگەئۆزى پايدا -مەنپەت ،ھوزۇر -ھالاۋەت ۋە ھوقوققا ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ.
تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇناپىق ئاپپاق خوجا غالدانغا سېتىلىپ بۇتقا باش قويۇپ چېرىك باشلاپ كېلىپ ،سەلتەنىتىمىزنىڭ ئالتۇن دەۋرى -سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى شاھى ئىسمائىلخاننى ئۆلتۈرۈپ،سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ئۇمرۇتقىسى بولغان ئەدەپ -ئەخلاق ۋە ئەقلى تەپەككۈرنىڭ جۇغلانمىسى بولغان دەستۇر -كالاملارنى پايخان قىلىپ كۈلگەئايلاندۇرۇپ،ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزىنىسىگەئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زور زىيانلارنى سالدى .
مەنىۋىيىتىمىزنىڭ يادروسى بولغان ئېسىل قوليازما ،بىناكارلىق ،نەققاشلىق،رەسساملىق،ئەدەبىيات ،تەبئى پەن ئاستىرونومىيە ،تىبابەت ،ۋە باشقا ساھەلەرگەچېتىلىدىغان نۇرغۇن ئەقىل دۇردانىلىرىنى يوقىتىۋەتتى .ئاۋام ئىچىدە ئېتىقات قەھەتچىلىكى يۈز بېرىپ ،پۈتمەس -تۈگىمەس نىزا -تەپرىق ئۇرۇقلىرى چېچىلىپ بىگۇنا خەلق ئاق تاغلىق -قارا تاغلىق قۇتۇپلىرىغا بۆلۈنۈپ،يۇرتۋازلىقنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى تىكلەندى.ئاچكۆز شەخسىيەتچى ئېتىقادسىز بىر توپ بەدىۋىلەر يېتىشىپ چىقىپ ئاپپاق خوجىنىڭ سەنىمىگەماسلاشقان قەۋىملەر مەيدانغا كەلدى .ئۆزارا قىرغىنچىلىق مەڭگۈ ساقايماس جاراھەتلەر پەيدا بولدى.
ئەنە شۇ كۆيدۈرىۋېتىلگەن بىباھا گۆھەرلەر ئىچىدە «تۈركى تىللار دىۋانى»«قۇتاتغۇ بىلىگ»دەك قانچىلىغان شاھانە ئەسەرلەرھەم بۈگۈنكى زامان تىبابەت ئىلمى ئامالسىز قېلىۋاتقان تالاي كېسەللەرنىڭ شىپاسى تېپىلىپ جاھان ئەھلىنىڭ قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بۇلۇپ قەددىمىزنى
كېرىپ يۈرگىدەك يول خېتىمىز بار بۇلار ئىدى.بۇ مەشھۇر ئىككى يۈزلىمىچى رىياكار خوجا ئۆز زامانىسىدا يىلىغا نەچچە مىڭلاپ مەسۇم قىزلىرىمىزنى غالدان ۋە ئۇنىڭ چېرىكلىرىگە سولاپ بەرسە نەچچە مىڭ بەردەم يىگىتلىرىمىزنى كىشەنلەپ قۇل قىلىپ بەرگەن خەلقتىن شۈلىۋالغان ئالتۇن -كۆمۈش قاتارلىق بايلىقلارنى ئۇلپان (تۆلەم -سېلىق)تاپشۇرغاننىڭ ھەددى -ھىساۋى يوق .ىدى .......
قىسقىسى پۇتىنىڭ ئۇچىدىن چوققىسىگىچە قان قەرز -لەنەتكە پاتقان بۇ مۇناپىق ئاخىرقى ئۆمرىنى ئىت ئۆلۈمىدە تۈرمىدە پىت بېسىپ ئۆتكۈزىپ يېڭى شۇملۇق پىلانلاپ تۈرمىدىن قاچقاندا ئەزىمەت پولات شەقاۋۇ ل تەرپىدىن بوغۇزلاپ تاشلىنىدۇ .
پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ ،مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ ،نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگنى(بە دەۋلەت)زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر .
مىسال ئۈچۈن تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سالايلى :
-ساڭا زادى نىمە كېرەك ؟قانداق تەلىپىڭ بار ؟-دېدى زۇڭتۈڭ دارىن نىياز ھېكىم بەەدىن
-رۇخسەت قىلسا خانغا يەنە خىزمەت قىلسام !
ئىچكىرىدە مېنىڭ سىلىگە كېرىكىم يوقتۇر بەلكىم ،بىراق بۇ چەنتۇلارنىڭ يېرىدە ،مېنىڭ سىلىگە،خانغا كەلتۈرىدىغان پايدام ناھايىتى كۆپ ،.ماڭا رەھىم قىلسىلا ،مېنى قەشقەرگە ھاكىمبەگ قىلىپ بەلگىلىسىلە ،ھەرقانچە بولسىمۇ مەن سىلەر ئۈچۈن ،خان ئۈچۈن كۆپ تۆھپە كۆرسەتكەن ئادەمغۇ
دىدى نىياز ھېكىمبەگ.
-ئۆز پادىشاھىغا خائىنلىق قىلغان ئادەمنى ياخشى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ .ئۇنداق ئادەم بىزنىڭ خانغىمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىدۇ ئۇنى سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ . دىدى زوڭتۇڭ دارىن .
- زوڭتۇڭ دارىن بۇ لەنىتى يۇندىخور بەدەۋلەتكە خائىنلىق قىلدى .بەدەۋلەت بۇ كۈپرانى نىمەت ئككى يۈزلىمىچى تۇزكورنىڭ ئززەت ئىكرامىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋەتكەن ھۆكمىرانلىق ،يۇرتدارچىلىق ئشىدا ،ئۇنى بارچىمىزدىن يۇقىرى تۇتقان ئۇ بەدەۋلەتكە خىيانەت قىلىپ دورىسىغا ئوغا سېلىپ زەھەرلەپ ئۆلتۈردى .ىككى .وغلىنى بىر -بىرىگە قارشى قىلىپ جېنىنى .الدى .
شۇندىن ئېتىۋارەن نىياز ھېكىمبەگزىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە .ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يىيىشكە مەجبۇر بولدى .
شۇنداق قىلىپ 25كۈن بولدى دىگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ،زەي زىنداندا سېسىپ ،يىرىڭلاپ ،قۇرتلاپ ،بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان تېنىدىن جۇدا بولدى .بەشاڭ ئۇنىڭ ئۈلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ ،كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ ،شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتتى .
(يۇقارقى بايانلار ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان «بەدەۋلەت -ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى »ناملىق رومانىنىڭ `11-بابىدىن ئېلىندى )
ۋەتەنپەرۋەر ئوت يۈرەك شائىر ل. مۇتەللىپ شائىر بىلال ئەزىزى ،تارىخچى پىداگوك ئابدۇللا روزى قاتارلىق مەشھۇر زىيالىلاردىن تەشكىللەنگەن «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنى سېتىپ ئۇلارنىڭ بىئەجەل ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولغان ھېكىم نۇرمۇ ئاخىرى شەرمەندىلەرچە باستۇرىۋېتىلگەن ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بىگۇنا پەرزەنتلىرىگە ئاۋام قىز بەرمىگن ياكى كېلىن قىلىشنى خالىمىغا ن پاتماس قۇياش بولمىغىنىدەك ساتقىنلارنىڭ تاغدەك ئىشەنگەن ئاكىلىرىنىڭ زاۋاللىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسى خەلقى -ئالەمگە ئاشكارە بولدى .
پايدىلانمىلار.؛
ئابدۇۋەلى ئەلى »بەدەۋلەت تىرىلوگىيىسى
مەرھۇم ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى »رومانى
مەنبە؛
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=5246 دىيارىمدىكى يوللۇغۇچى ؛darman