بۇ بەتتىكى يازما : شايار تارىخىدىكى مەشھۇر زات- ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئىمىن مۇپتى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 شايار تارىخىدىكى مەشھۇر زات- ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئىمىن مۇپتى

شايار تارىخىدىكى مەشھۇر زات- ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئىمىن مۇپتى
بۇ يازما خۇرسەن تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-08-29)
  (ئاپتورى ئىبراھىم ئەلقەم)


        ھاجىئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت نىياز بولۇپ 1886-يىلى شايار ناھىيىسىنىڭ قايلور يېزىسى دۈشەنبە بازاردا ئۇقۇمۇشلۇق ئاخۇن نىياز ئىشقىبېگى(شايار ھېكىمبېگىنىڭ مەسلىھەتچىسى) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1899-يىلى دىنى مەلۇماتى كامىل، قارىلىقتىن ئۆتكەن كىچىك مۇھەممەت نىياز قىرائىتىنىڭ سۈزۈكلىگى بىلەن دۈشەنبە بازار مەسچىتىگە ئىمام بولغان. 1903-يىلى جامائەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قەشقەر خانلىق مەدرىسكە بېرىپ ئوقۇغان. 1908-يىلى شايارغا قايتىپ كېلىپ سودا ۋە قۇملۇق مەسچىت(ھازىرقى ناھىيىلىك خەلق بانكىسىنىڭ ئورنى) تە خاتىبلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1913-يىلى ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىپ 1916-يىلى ھاجى بولۇپ قايتىپ كەلگەن ۋە قۇملۇق مەسچىتتىكى مەدرىستە جەدىتچىلىك ئېقىمى بويىچە دەرس ئۆتكەن، جايلاردىكى مەسچىتلەردە ئۆز ئابرويى ۋە بىلىمىگە تايىنىپ زامانىۋى ئىلىم پەننىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشۋىق قىلغان. 1919-يىلى ياڭزېڭشىن مۇھەممەت نىيازھاجىمنى" خەلقنى قوزغىلاڭغا قۇتراتتى" دەپ تۇتماقچى بولغاندا بايقاپ قېلىپ خوتەن يولى بىلەن قەشقەر ئاپاق خوجام مازىرىغا بېرىپ ساقال بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ ئالتە ئاي يۇشۇرۇنغاندىن كېيىن يۈسۈپ قوقەن دېگەن سودىگەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كەتكەن. مۇھەممەت نىياز روسىيىدە تۇرغان مەزگىلدە چەتئەللەر بىلەن يۇرتىنىڭ قىياپەت ۋە تەرەققىيات جەھەتلەردىكى غايەت زور پەرقىنى كۆرۈپ پەننى بىلىملەرنى ئېلىشنىڭ، خەلقنى غەپلەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ 1927-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قېتىم شاياردا يۇرت بېيى ھىسابلانغان ئىمىن ئاخۇنۇم شايارنىڭ يۇرت چوڭلىرىنى قۇملۇق مەلىسىدىكى بېغىغا چاقىرىپ(ھازىرقى 3-باشلانغۇچ ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنى) ئولتۇرۇش قىلغاندا باشقىلار مۇھەممەت نىياز ھاجىمنى «سىلە موللا بولغاندىكىن ئىماملىق قىلىپ، قەلەم ئىشى بىلەن بولسىلا ياخشى ئىدى، ئەلەمنىڭ ئىشى باش كېتىدىغان ئىش» دىگەندە مۇھەممەت نىياز «قەلەمنىڭ ئىشىغا بىر قۇرئان يېتىدۇ، مەن ئەلەمگە ئاتالغان ھاجىم، نېمە بولسام تەقدىردىن بولسۇن، مېنى موللام ،ئاخۇنۇم، ئىمام دىمەي، ھاجىئەلەم دەڭلار» دېگەن بولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئاستا-ئاستا مۇھەممەت نىياز ھاجى ئاخۇنۇم دېگەن نامنىڭ ئورنىغا ھاجىئەلەم دېگەن ئىسىم ئۇمۇملاشقان ئىكەن. ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم گەرچە ئىستىداتلىق ئادەم بولسىمۇ ئەمما دەۋرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بەزىبىر خاتا ھەركەتلەرگە ئارىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىغان.
    1931-يىلى قۇمۇلدىكى دىخانلار قوزغىلىڭىنىڭ خەۋىرى شايارغا يېتىپ كەلگەندە ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم، ئىمىن ئاخۇنۇمنىڭ تەشكىللىشى ۋە ياردەم قىلىشى بىلەن، ئەلا بەگ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تونۇش بىلىشلەردىن يۈزدىن ئارتۇق ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى تەسلىم قىلىدۇ ۋە شاياردىكى خەنزۇ ھاكىم قاتارلىق خەنزۇ پۇخرالارنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ«ھەممىمىز خۇدانىڭ بەندىسى، ھەممە مىللەت خۇدانىڭ ئالدىدا ئوخشاش جان ئىگىسى، باشقا مىللەت دەپلا قارا-قۇيۇق ئۆلتۈرگەن بىلەن قىيامەتتىلا ئەمەس بۇ دۇنيادىمۇ ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ» دەپ شاياردىكى خەنزۇ يولداشلارغا قىلچە دەخلى تەرۇز يەتكۈزمىگەن. ھەمدە توقسۇ كۇچار ناھىيىلىرىنى ئازات قىلىپ خوجا نىياز ھاجىغا قوشۇلغان. خوجا نىياز ھاجى كۇچارغا كەلگەندە شاياردىكى بايلاردىن ئىمىنئاخۇنۇم قاتارلىقلار قوشۇننىڭ قورال سېتىۋېلىشى ئۈچۈن مىڭ دانە قوي ئىئانە قىلغان. نەتىجىدە 1933-يىلى قۇرۇلغان ئىنقىلاپ مىۋىسى بۆلگۈنچىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەكسىيەتچىل «جۇمھۇرىيەت» تە ھاجى ئەلەم دۆلەت كاتىپى(قازىيۇلقۇزات) ۋە شايارغا ھاكىم بولغان، ئىمىنئاخۇنۇم شايارغا مۇپتى بولغان. ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئىمىن مۇپتى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن قازىخانا ۋە ھۆكۈمەتنى ئەسلىدىكى ئىگەرچى كوچىسىدىن(ھازىرقى رۇبۇل ھاجىم بىناسىنىڭ ئورنى) قۇملۇق مەلىسىدىكى ئىمىنئاخۇنۇمنىڭ بېغىغا يۆتكەپ 3قەۋەتلىك مەدرىس(كونا زىيالىلاردىن ھەلىم ئىمىن، توختى ھاشىموپ، روزى ئىبراھىم، مۇھەممەت ۋاھاپ، ئابلىمىت شايىپ، ئابباس مۇزەك ۋە ھازىرقى يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ نازىرى ئەزىز قەييۇمنىڭ ئاتىسى قەييۇم ھاجىم قاتارلىقلار شۇ مەدرىسنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى) بىنا قىلىشتىن  سىرت شايار تەۋەسىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن 34 مەكتەپ بىنا قىلغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى تەبىيىلىگەن. ھاجىئەلەم ئۈرۈمچىگە يىغىنغا بارغاندا بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ سوۋېتقا ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ مەدىكارلىققا ئېلىۋالغان ئىبراھىم سامساقنى مېنىڭ ئوغلۇم دەپ تونۇشتۇرۇپ ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئىمىن مۇپتىنىڭ شايار مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى چوڭ بولۇش بىلەن بىللە يەنە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا قوشقان تۆھپىسىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ ھاجىئەلەم ۋە ئىمىن مۇپتى مەزگىلىدە شايارنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىدا جەنۇبى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن.
  ھاجىئەلەم خوجا نىياز ھاجىنىڭ جاللات شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىشىگە قارشى تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتا بارغىلى ئۇنىمىغانلىقتىن كاتىپلىق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ ئۇزۇن قالمايلا خوجا نىيياز ھاجىلار قەستكە ئۇچرايدۇ، ھاجىئەلەم قايتىدىن قولغا قورال ئېلىپ شېڭشىسەي ۋە ياردەمگە كەلگەن سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشىپ ھەتتا كېيىنكى سىلىڭ ئابدۇنىيازنىڭ قېچىپ كېتىش تەكلىۋىگىمۇ قوشۇلماي «چەتئەل دېگەن مەن كۆرمىگەن يەر ئەمەس، ئۆلسەممۇ مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن » دەپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى چۆللۈكتە مىلتىقلاردا ئوق تۈگەپ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىپ، شۇ چاغدىكى شايار ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى خېلىل جىسا(تۇرپانلىق) تەرىپىدىن 1937-يىلى كۈزدە قولغا ئېلىنغان ۋە شۇ چاغدا قولغا ئېلىنغان ئىمىن مۇپتى قاتارلىقلار بىلەن بىللە 1943-يىلىغىچە تۈرمىدە يېتىپ دەھشەتلىك يۇسۇندا ئۆلتۈرۈلگەن. ھاجىئەلەم ئاخۇنۇم ۋە ئىمىن مۇپتىنىڭ جەسىتى تا بۈگۈنگىچە نامەلۇم.
---------------------------------------
«شايار تارىخ ماتېرىياللىرى» دىن ئېلىندى
bilqut
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-24 22:04 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.047588(s) query 3, Time now is:02-15 08:19, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation