Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ

نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ

بىزنىڭ پەخىرلىك قىزىمىز ،نۇزۇگۇم توغرىسىدا ،دوسلۇرۇم بىلەن ئازراق ھال مۇڭ بولغۇم بار . نۇزۇگۇمسىراپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مەن نۇزۇگۇم روھى ھەم ،لۇتۇن ھاياتى ئۈستىدە تېخمۇ چوڭقۇر ئويلپ قېلىۋاتىمەن .نۇزۇگۇمنى ئەسلەش يۈزسىدىن ئۇنىڭ ھاياتىغا مۇناسۋەتلىك  بۇلغان  ئازغىنە ئۇچۇرنى يوللۇدۇم دوسلۇرۇمنىڭ نۇزۇگۇمنى ئەسلەپ ئۈتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
زالىن دۇۋاڭ كوپ يىغلاتتى ،
يوقسىللارنى كوپ قاخشاتتى .
ياش دىمىدى ۋە يا قېرى ،
دارغا ئاستى پۇلغا ساتتى.

نى يىگىتلەر سۇلۇن قىزلار ،
ئەرك يۇلىدا قانغا پاتتى .
گۇناھى يوق مەسۇملارنىڭ ،
باشلىرىغا قېلىچ چاچتى .

تۈمەن دەريا نەرە تارتتى ،
سۇ ئورنىدا قانلار ئاقتى .
شاھىت بۇلۇپ شۇ تارىققا ،
مىڭلاپ نۇزۇك نەزمە قاتتى .
مانا بۇ ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق خەلق قەھرىمانى ۋە شائىرە نۇزۇگۇمنىڭ ،خەلىقنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتلەر ئۈستىدە تۇقۇغان نەزمىللىرىنىڭ مىڭدەن بىر قىسمى . ئۇ قەشقەردە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئەقىللىق، زىرەك، ئىرادىلىك قىز بولۇپ ئۆسىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ھەم بىلىملىك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى، ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە ئەتراپلىق بىلىمى ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا «نازۇگۇم» دېگەن مۇھەببەتلىك نام بىلەن ئاتىلىدۇ. شائىر موللا بىلال موللا يۈسۈپ ئوغلى (نازىم) نازۇگۇم ھەققىدە : «... بۇ نازۇگۇم قىز موللا ئايال ئىدى، ئۆزى ئىلباغدەك ئۆڭلۈك، قارا كۆز، قارا قاش، نازۇك بەدەنلىك بولغان ئۈچۈن، قەشقەر خەلقى 'نازۇگۇم' دەپ ئات قويغان ئىدى.» نۇزۇگۇم ،ئوزنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئارقىلىق بۇ نامنىڭ شەرىپىگە ئالتۇندەك ھاياتىنىڭ ،گۈل غۇنچىسى جەۋلان قىلىپ تۇرغان باش باھارىدا ،مەزگىلسىز سۇلغىچىلىكمۇ داغ تەككۈزمەيدۇ .جۇڭغار باسقۇنچىللىرى غالجىرلاشقان ئاشۇ چاغلاردا ،ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن نازۇگۇم ، ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار ناخشا-قوشاقلىرى ئارقىلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىدۇ. نازۇگۇمنىڭ قوزغىلاڭغا مەردانىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جەڭ قىلىشى ھەرگىزمۇ تەسەددىپى بولماستىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مىسلىسىز زۇلۇمى، قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن جاق تويغان خەلق: «يە ئۆلۈم، يە كۆرۈم!» دەپ كۈرەشكە ئاتلانغاندا، خەلق بىلەن بىرگە ئازابلىق تەقدىرگە دۇچار بولغان شائىرەمىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك يولىنى ئەنە شۇ خەلق سېپىدە كۆرگەن ئىدى.قۇرال كۈچى نىسبەتەن ئۈستۈن ئورۇندا بولغان چىڭ قوشۇنى بۇ قېتىمقى خەلق قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرغاندا، نازۇگۇم ئەسىرگە چۈشۈپ، ئونمىڭلىغان گۇناسىز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ سۈرگۈن جەريانىدا باشقا تۇتقۇنلارغا ئوخشاش چېرىكلەرنىڭ قان تېمىپ تۇرغا قىلىچى ئاستىدا مىسلىسىز جەبر-زۇلۇم، ئادەم بالىسى كۆرمىگەن خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇلتۇزدىن غۇلجا تەرەپكە قاچىدۇ. نازۇگۇم قاچقاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈن قۇمۇشلۇقلاردا، ئورمانلاردا يوشۇرۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. نازۇگۇم قېچىپ 12 كۈن بولغاندا يەنە چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن بىر سولۇن (داغۇر مىللىتىنىڭ شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى - نازىمى) ئەمەلدارغا مەجبۇرى خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مىللىي غورۇرى، پاك ۋىجدانى، ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن نازۇگۇم سولۇن ئەمەلدارىنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال چىڭ ئەمەلدارلىرىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. نازۇگۇم شۇ قاچقانچە 6 ئاي ۋاقىت  قۇمۇشلۇق ئىچىدە ،پاناخلىندۇ .زالىملار ،جاڭگاللارنى كېچە-كۈندۈزلەپ ئاختۇرۇپ ئاخىرى نازۇگۇمنى تۇتىۋالىدۇ. ۋە پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەپ زىندانغا تاشلايدۇ. نازۇگۇم تۈرمىدىمۇ قەھرىمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باتۇرلۇق جاسارىتىنى ئىپادىلەپ، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىرى ۋە ئۆلۈم خەۋپى ئالدىدا قىلچىمۇ تىز پۈكمەيدۇ. يەنىلا ئۆزىنىڭ يالقۇنلۇق قوشاقلىرى ئارقىلىق زالىملارنىڭ ۋەھشىلىكىنى غەزەپ بەلەن ئەيىپلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىرگىنىچلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. جاللاتلار قولىدىن قۇتۇلۇشقا، ئەركىنلىككە تەلپۈنىدۇ. بىراق شائىرەنىڭ بۇ ئارزۇسى ئارزۇ پېتىچە قالدى. دۈشمەن قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش نىسىپ بولمىدى. نازۇگۇم تۈرمىگە تاشلىنىپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، جاللاتلار تەرىپىدىن چېپىپ تاشلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەرك سۆيەر جەڭچى، شائىرە ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەننىڭ كىشەن-زەنجىرىلىرى، تۈرمە-زىندانلىرى ۋە قاتىللىق تىغلىرى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەيدىغان شانلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باتۇرلارچە ۋاپات بولىدۇ. مەردانە ۋە جەڭگىۋار ھاياتى ئارقىلىق خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك شائىرە نازۇگۇمنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن قوشاقلىرى ئۇنىڭ كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق ئۆمرىنىڭ گۈزەل نەزمىي خاتىرىلىرى سۈپتىدە بىز بىلەن ساقلانماقتا ، نۇزۇگۇمنىڭ بۇ نەزمىللىرى ھەم كەچۈرمىشلىرى << ئۇيغۇر ئېغىز ئەدبىياتى قامۇس >>ىغا  كىرگۈزىلگەن بۇلۇپ ، ئۇنىڭ شېر نەزمىللىردىن ،نۇزۇگۇمنىڭ روھى دۇنياسىدىكى گۈزەللىكنى ،قەيسەرلىكنى ، ئوز ھەيا ،ئىپپەت نۇمۇسى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىش روھىنى بۈگۈنكى دەۋىرىمىزدە ،سوزلىشىمىزگە سوغۇققانلىق بىلەن ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .

پەخرلىك قىزىمىز نۇزگۈم ئەينى يىللاردا مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى خانى داۋاگۇڭدىن كېلدىغان ھۆكۈمنى كۈتۈپ تۇرۇپمۇ ،ھۆكۈمنىڭ ئۈلۈم جازاسى ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ،يەنىلا ئىلگىركىگە ئوخشاش قېچىش ئىستىگى ناھايتى يۇقىرى بولدۇ .ھەم ئەشۇنداق يولنىڭ چىقىپ قالدىغىنىغا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن قارايدۇ . شۇنداقتىمۇ چۈشكۈنلىككە بېرىلمەي ،ئۆزنىڭ غەم قايغۇسى ،دەردىنى قوشاقلار بىلەن يېڭىشكە تىرشىدۇ . ئۇ ئەنە شۇنداق چىنلىق بىلەن بېشىدىن كەچۈرگەن ھاياتىنىڭ ھەممىسىنى قوشاققا قېتىپ چىقىدۇ :

دۈشمەننىڭ كۆپ ياڭزىسى ،
قولىدا بار غاڭزىسى .
چاقاي دېسەم چېقىلماس ،
قولۇمدىكى كويزىسى .

خۇدا بەرگەن غۇنچەمنى ،
سولۇن-نويلار ئۈزمىدى .
سولۇن-نويلار ئۆيىگە ،
نۇزۇك جۇۋان تۇزمىدى .

يامۇلدا بار ئوغىرسى ،
ئون بەش غۇلاچ توغىرسى .
كۆرسەم ئەسكى كىگىزدۇر ،
سۇلۇنلارنىڭ موزىسى .

مويتۇڭزىدا چاپقاندا ،
مەنمۇ ئۇندا ئۆلەرمەن .
موللىلارنىڭ سۆزىچە ،
ئەھلى شېھىت بۇلۇرمەن .

ئالدىمىزدا جاللاتلار ،
قېلىچىنى ئوينىتار .
مىنى ئۈشبۇ ئۈلۈمدىن ،
قانداق كىشى ئاجىرتار ؟!

مانا كۆرۈپ ئۆتۈپتىمىز ، ئۇنىڭ شۇقەدەر دىشۋارچىلىققىمۇ چىداپ ، ئۆزنىڭ پاكلىقىنى جاندىنمۇ ئەلا بىلگەن ، ئەنە شۇ قەيسىرانە روھ بىلەن ئۆزلىكىنى ياراتقان .،مىللىتىمىزگە ۋەكىل خارەكتىرلىك ئۆچمەس ئابىدىلەرنى تكلىگەن پەخرىمىزدۇر .
تەشەككۈر گۈلسەنەم خانىم ،جەزبىدارلىق بىلەن يىلتىزمىغا چۆكۈۋاتقان ھەر بىر يازمىللىرڭىز ئۆزدىكى قايناقلىقنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇپتۇ . ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان غەليانلىرڭىز يىراق راۋاقلاردىن ،يىراق راۋاقلارغا كۆز تاشلىغاندەك ، ئانا يەر سۆيگۈسىگە مەپتۇنكارلىق بىلەن تىكىلگىننى كۆرسەم ،سىزدىكى ئۇلۇغۋار ئىستەكلەرنىڭ ئەنە شۇنداق يەڭگىل ،رىتىملىق تاپچىپ چىققىننى كۆرمەن . نۇزگۇمدىكى نازاكەت ،لۇتۇندىكى جاسارەت سىزگە باشلامچى بولغۇسى . ئەسەرلىرڭىزنى ئۇزۇندىن بىرى ياختۇرۇپ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولساممۇ بىرەر قېتىم يازمىڭىز بىلەن تەپسىلى توختۇلۇش ماڭا نېسىپ بولمىغان ئىدى .
شاۋقۇنلۇق ئاققان ئېقىن دولقۇننىڭ ئۈزۈلمەس ئىلھام كۈيگە ،قېلىچتەك بۇلۇتقا پاتقان خانتەڭرىنىڭ مەغرۇرانە تۇرقىغا ،تەپەككۇر دۇلدۇلىنىڭ پەلەكنى قۇچۇپ پىكىرلەر ئاسمىنىغا قۇچاق ئاچقىنىغا ،ئۆركەشنىڭ ئۈزۈلمەس پايانىغا نەزەر سېلىپ كېلىۋاتقان ئۆتكۈر كۆزلىرڭىز ھايات قىسمەتلىرگە چىدالماي تالاغا يول ئاپتۇ .
سىزگە شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ . «تالا»نەقەدەر سالقىن ھە ! قاراڭ !ئاۋۇ مەجنۇن تالغا . دىماقلارغا ئۇرۇلغان سەلكىن ھىدى ئۇنۇڭغىمۇ ئۇرۇلۇپتۇ . ئۇ تۈگۈل سايىسىنىڭمۇ ئاچچىق تولغىنىشى نېمىنىڭ بېشارىتى ؟!
ئاھ ،ياشلىق ! بىغۇبار ياشلىق !شۇنچىلىك قىسقىكى ئۇنىڭ ئۆمرى ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈتۈپ كېتىدۇ .جاھالەت نۇرى قاپلىغان مەيۈس چىرايلاردا زۇلۇم ۋە نالا زار قاپلاپ ئەل يۇرتنىڭ چېھرىدىن كۈلگۈن تەبەسسۈم خىرە يېنىپ تۇرسىمۇ سىز دە ،بىزدە ، ئۇنىڭدا ئىجتاھات بىلەن جاسارەت ،ئىشەنىچ تۇرۇپتۇ . بۇمۇ غاپىللىقنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ ...
  توۋا ...كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ . ئەشۇ چاغ ،جاھان رەپتارىغا ھەر بىر باققىنىمدا ئاجايىپ سۇباتلىق ئويناق بىر نىگاھنىڭ  يۈركىنى يۇندا كورىكىگە چىلاپ ئولتارغىننى كۆردۈم . چۈنكى ئۇنىڭ يۈركى ئاللىبۇرۇن سېسىپ بولغان ئىكەن . ئۇ ،قولىنى ئىلىم -مەرىپەتكە ئۇزاتمىدى ، ئۆززىگە سۇنمىدى ، ئەركەك سۇلار شىۋىرلاپ ئېقىۋاتقان ،زاكىسىغا قۇم بەرگەن ئەنە شۇ ئۆستەڭلەرنى بۇيۇنداپ تۇرغان ئانا مەكتىپىگە ، يۇرداشلارغا نۇمۇس نەزىرى بىلەن قاردى . مەن ئۇنى ھېس قىلدىم . چوڭقۇر تەپەككۇر ئىلكىدە ھېس قىلدىم . قاياقلارغا سەپەر قىلغاندۇ ئۇندىكى ئۆزلۈك ! تۆت يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈش ... كېسەك ئوردىغا دەپنە قىلىنغان ئۆتمۈش ...
ئادەم -قانچە -قانچە گۈزەل ئارزۇ ئارمانلار بىلەن ئىللىق دۇنياغا كۆز ئېچىپ رەھىمسىز تەقدىرنىڭ شەپقەتسىز ئىلكىدە نە ئازاپلاردىن خالى بۇلۇپ ئۆتەر ؟! ئەنە شۇ جاسارەت ، تىرىشچانلىق ، بۈيۈك ئەقىدە قاچانلاردا باراۋەر جۇش ئۇرار ....
يەنە بىر تەشەككۈر . كىيىنكى يازمىللىرڭىزغىمۇ بەركەت تىلەيمەن.

نوزۇگۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىللاردا داستان بولغان مەشھۇر شائىرەسى . ئۇ 1862- يىلى ئىلىغا سۇرگۇن قىلىنغان قىز ئىدى . ئۇ سۇرگۇندىن قىچىپ ، ئارقىدىن قوغلىغان ۋە ئېزىغا چۇشكەن چېرىكلەر بىلەن ئىلىشىپ ، ئاخىر مويتۇڭزىدا قەتىل قىلىنغان . ئۇ ئۆز ھالىنى داستان قىلىپ ئەلگە يايغان . نوزۇگۇمنىڭ شىئېرلىرى خانىۋەيران ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئايالنىڭ ئۆز يۇرتىغا ، ئاتا - ئانىسىغا ، مۇھەببەت ئەركىنلىكىگە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى كۇچلۇك ئىپادىلىگەن . ئۇ مىڭلىغان قەشقەر ئاياللىرى قاتارىدا مانجۇ - سۇلۇن چېرىكلىرىگە قۇل دېدەك ۋە خوتۇن قىلىپ بېرىشكە نىشانلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. نوزۇگۇم روھى ھازىرقى رىياللىققىمۇ بىر ئەينەك .
1som
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-24 22:10 | [ئاپتور]
uytoghrak
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 10
شۆھرىتى: 11 نومۇر
پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-12

 

  مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە< نۇزۇگۇمسىراپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈن> دىگەن جۈملىنى تولىمۇ جايىدا ئىشلىتىپسىز.
    مۇسىۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرغايسىز .
1som
Posted: 2008-02-12 10:48 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.051012(s) query 4, Time now is:02-15 07:21, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation