kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمقى ئىرقلار

ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمقى ئىرقلار

كەڭ مەنىدىكى ئوتتورا ئاسىيا شەرقتە قىدىرخان تاغلىرىدىن غەرپتە كاسپى دېڭىزى، جەنۇپتا ھىندىقۇش، ھىمالايا تاغلىرىدىن شىمالدا سېبىرىيەگىچە تۇتاشقان بىپايان زىمىنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ زىمىن  تارىختىكى كۆچمەن چارۋىچىلار مەدىنىيىتى شەكىللەنگەن، ساك،ھون،تۇرك،ئۇيغۇر،مۇڭغۇل قاتارلىق دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مىللەتلەر مەيدانغا كەلگەن مۇقەددەس زىمىنلارنىڭ بىرىدۇر. بىزنى يىتىلدۇرگەن مانا مۇشۇ زىمىندا تارىختا قانداق ئىرقتىكى ئىنسانلار ياشاپ ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ يىققان بەزى ماتىرىياللىرىمنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
ئوتتورا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭغا خوشنا رايونلاردىكى ئىرقى تىپلار ئىنسانشۇناسلار(ئاساسلىقى سابىق سۇۋىت ئىتتىپاقىدىكى ئىنسانشۇناسلار) تەرىپىدىن مەخسۇس  نام  قويۇلغان بولۇپ، گەرچە تۇرلەرگە ئايرىپ ئات قويۇشتا بەزى پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما ئاساسى جەھەتتىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقى ئىنسانشۇناسى دېبېتىسنىڭ «سۆۋىت ئىتتىپاقى قەدىمقى ئىنسانشۇناسلىقى» دىگەن كىتابىدا ئوتتورا ئاسىيادىكى ئىرقى تىپلار تۆۋەندىكىدەك تۇرلەرگە ئايرىلغان.(ئەسكەرتىش: ئىرقى تىپلارنىڭ قىسمەن چۇشەندۇرۇشلىرى باشقا مەنبەلەردىن كەلگەن)
1) ئوتتورا ئاسىيا ماۋرەئۇننەھىر تىپى(يۇمىلاق باشلىقلار تىپى، پامىر-پەرغانە تىپى ياكى ئىككى دەريا ئىرقى تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ- ئۆزبىكىستاندىكى ئامۇ-سىر دەريالىرىنى دىمەكچى): چوڭ جەھەتتىن ئاق تەنلىكلەر ئىنسان تۇركۇمىگە تەۋە بولۇپ، باش كۆرسەتكۇچىنىڭ قىسقا بولۇشى بىلەن باشقا ياۋروپا ئىرقلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. تىرىسى ئاق ياكى سەل قوڭۇرراق(ئۆزىمىزنىڭ تىلى بۇيىچە بۇغداي ئۆڭ)،بۇيى ئانچە ئىگىز ئەمەس،قاڭشىرى ئوتتورھال،كۆزى قارا ياكى سۇس قوڭۇر،قويكۆز كىلىدۇ. بۇ ئېرقى تىپتا ياۋروپا ئېرقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ ناھايىتى كۇچلۇك خاسلىققا ئىگە.ئۇ ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئۆزگەرمىسىمۇ ئەمەس، ئاق تەنلىك بىلەن سېرىق تەنلىكنىڭ ئارلاشمىسىمۇ ئەمەس، بەلكى نەچچە يۇزمىڭ يىللىق تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ئوتتورا ئاسىيا رايونىدا تەبىئى شەكىللەنگەن ئوتتورا ئاسىياغا خاس بولغان ئىرقى تىپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ تىپنىڭ نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلىرى باشقا ئىرقلارغا(سېرىق تەنلىك ياكى قارتەنلىكلەرگە) نىسبەتەن ئاق تەنلىك ئىرققا يىقىن كەلگەنلىكى ئۇچۇن ئىنسانشۇناسلار تەرىپىدىن چوڭ جەھەتتىن ئاق تەنلىك ئىنسان تۇركۇمىگە تەۋە قىلىنغان. تارىختىكى ساك، ھون،ئۇيسۇن،تۇرك ۋە قەدىقى ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل ئېرقى تىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى گەۋدىلىك. شۇنداقلا ھازىرقى ئۇيغۇر، ئۆزبەك،قازاق،قىرغىز قاتارلىق ئوتتورا ئاسىيا مىللەتلىرىدىمۇ بۇ تىپنىڭ ئىرقى ئالامەتلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
2)  ئاندرونوۋو تىپى(Andronovo):  يۇزى كەڭ،قاڭشىرى ئىگىز،بېشى ئۇزۇن ياكى ئوتتورھال،قاش ئەگمىسى تەرەققى قىلغان(يەنى بۇرتۇپ چىققان) بولۇپ، ئىپتىدائى خۇسۇسىيەتلەر بىر قەدەر كۇچلۇك بولغان ئىپتىدائى ياۋروپا ئېرقىنىڭ ئالاھىدە بىر ۋارىيانتى دەپ قارىلىدۇ. بۇلار ئوتتورا ئاسىيا مىس مەدىنىيىتىنى ياراتقان خەلقلەر ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل مەدىنيەت قاتلىمى تېپىلغان جاي روسچە ئاندرونوۋو دەپ ئاتالغاچقا مەزكۇر تىپمۇ مۇشۇ نامدا ئاتالغان. تەتقىقاتچىلار ئاندرونوۋو ئادەملىرىنى 5500-6000يىللار ئىلگىرى ئورال تاغلىق رايونىدىن ئوتتورا ئاسىياغا كەلگەن دەپ قارايدۇ.
3)  بايقال تىپى ۋە قەدىمقى سىبىرىيە تىپى: چوڭ جەھەتتىن شەرقى ئاسىيا سېرىق تەنلىك ئىنسان تۇركۇمىگە تەۋە قىلىنغان. يۇزى ئىگىز ھەم يايپاڭ،قاڭشىرى ئوتتورھال، بىشى ئۇزۇن ياكى ئوتتورھال،قاش ئەگمىسى تەرەققى قىلغان(يەنى بۇرتۇپ چىققان) بولۇپ، بۇ تىپتىمۇ ئىپتىدائى خۇسۇسىيەتلەر بىرقەدەر كۇچلۇك(ئاندرونوۋۇ تىپى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ). بۇ تىپ ئاساسلىقى قەدىمقى بايقال رايونى ۋە سىبىرىيە رايونلىرىدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى قەبرىلەردە ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللىگەن، ئەمما ھازىرقى زامان ئادەملىرىدە بۇ خىل تىپ(ساپ ھالىتىنى دىمەكچى بولۇشى مۇمكىن) تېخى بايقالمىغانمىش.
4)  تۇران تىپى(جەنۇبى سىبىرىيە تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ): قەدىمقى سىبىرىيە تىپىدىن بىشىنىڭ قىسقا بولۇشى بىلەن پەرقلىنىدۇ،بۇ تىپنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. (شەخسەن ئۆزەمنىڭ قارىشىچە، تۇران تىپى ئوتتورا ئاسىيا قىسقاباشلىق تىپى بىلەن قەدىمقى بايقال- سىبىرىيە تىپلىرىنىڭ ئارلىشىشىشىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن)، بۇ تىپ ئالتاي-سايان ئىگىزلىكى، ئىدىل دەرياسى ۋە شەرقى ياۋروپادىن تېپىلغان ئوتتورا ئەسىر تۇركلىرىنىڭ قەبرىسىدە ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەيدۇ. شۇنداقلا ھازىرقى قازاق،قىرغىز خەلقلىرىدە ۋە ئۇيغۇرلاردا كۆرۇلىدۇ.
5)  ئالتاي-ئورال تىپى: تەن قورۇلمىسى جەھەتتە شىمالى ياۋروپا ئېرقى بىلەن شەرقى ئاسىيا سېرىق تەنلىك ئېرقىنىڭ ئوتتورسىدا بولۇپ، باش شەكلى ئوتتورھال كىلىدۇ. ھازىرقى شورلار ۋە ئالتاي-سايان ئىگىزلىكىدىكى باشقا مىللەتلەر، تېخىمۇ شىمالدىكى بارابىنلار،ئوستىياكلار ۋە فۇگارلار مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. بۇ تىپ قەدىمقى بايقال-سىبىرىيە تىپى بىلەن ئاندرونوۋو تىپىنىڭ (قىسمەن ئوتتورا ئاسىيا ماۋرەئۇننەھىر تىپىمۇ ئارلاشقان بولۇشى مۇمكىن) نىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن دەپ قارىلىدۇ.
6)  مەركىزى ئاسىيا تىپى(مۇڭغۇل تىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ): بۇ تىپتا ئۇنۋىرسال ئالاھىدىلىكلەر ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، قەدىمقى بايقال ئېرقىغا سېلىشتۇرغاندا بېشى تىخىمۇ قىسقا كىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار بۇ تىپنى ئەڭ كىيىن شەكىللەنگەن تىپ دەپ قارايدۇ. ھازىرقى مۇڭغۇللارنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرۇلۇق ئومومەن 3خىل قاراش بار: بىرىنچىسى ھونلاردىن كىلىپ چىقىش قارىشى. مۇڭغۇلىيەدىكى كۆپ قىسىم ئالىملار مۇشۇ قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئىككىنچىسى تۇركلەردىن كىلىپ چىقىش قارىشى، يەنى ئەڭ قەدىمقى تۇركى خەلقلەر بىلەن شەرقى شىمالى ئاسىيادىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئارلىشىشىدىن شەكىللەنگەن شەرقى غۇزلاردىن كىلىپ چىققان دەپ قاراش. ئۇچىنچىسى شەرقى ئاسىيادىكى يەرلىك خەلقتىن كىلىپ چىقىش قارىشى، بۇ نەزىرىيىنىڭ قوللىغۇچىلىرى جوڭگودا ئەڭ كۆپ. ھونلارنىڭ تۇركى خەلق ئىكەنلىكى ئاساسى جەھەتتىن ئىسپاتلىنىپ بولغان، ئۇنداق بولغاندا ئالدىنقى ئىككى خىل قاراش ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، يەنى مۇڭغۇللار تۇركى خەلقلەردىن كىلىپ چىققان دىگەنلىك بولىدۇ. نۆۋەتتە سېرىق تەنلىكلەرنى مۇڭغۇلوئىد دىيىش ياكى دىمەسلىك خەلقارادا يەنىلا تالاش-تارتىشتىكى مەسىلە ، چۇنكى بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپ 18-ئەسىردىكى ياۋروپالىقلار يىراق شەرقتىكى خەلقلەرگە بولغان تار چۇشەنچىسىگە ئاساسەن قويغان بولۇپ (چىڭگىزخان دەۋرىدىكى مۇڭغۇللارنىڭ ھەيۋىسى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن)، ئەمىلىيەتتە تارىختىكى مۇڭغۇللار ياكى ھازىرقى مۇڭغۇللار ئېرقى تىپ جەھەتتىن بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان خەلق ھىساپلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە سېرىق تەنلىككە خاس ئالامەتلەردىن باشقا ئوتتورا ئاسيا قىسقا باشلىق ئېرقى تىپى، تۇران تىپى ۋە قىسمەن شىمالى ياۋروپا ئىرقى بىلەن قەدىمقى بايقال ئېرقىنىڭ ئارلاشمىسى بولغان ئىككىلەمچى ئېرقى ئالامەتلەرمۇ(قەدىمقى بايقال تۇركلىرى)  مەۋجۇد، شۇڭا پۇتكۇل شەرقى ئاسىيا  سېرىق تەنلىك ئىنسان تۇركۇمىنىڭ ئېرقى نامىنى مۇڭغۇل دىگەن نامغا يۇكلەپ قويۇش توغرا ئەمەس. بۇ خۇددى  ھازىرقى روسىيەدىكى تاتارلار ياۋروپالىققا ئوخشاپ قالغىنى ئۇچۇنلا ،پۇتكۇل ياۋروپا ئېرقىنى تاتار ئېرقى دەيلى دىگەندەك تولىمۇ كۇلكىلىك ئىش. بۇ ئاتالغۇ كىشىلەردە خاتا تويغۇ ۋە يەكۇنلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئىلمى تەتقىقات خىزمەتلىرىگىمۇ(بولۇپمۇ ئوتتورا ئاسىيا ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ۋە تارىخ تەتقىقات ئىشلىرىغا) نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.  ھازىرقى مۇڭغۇل مىللىتىنى  مۇڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە بۇرۇن ساقلىنىپ قالغان ھون قەبىلىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن تۇركى قەبىلىلەر بىلەن قەدىمقى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى(ئەمىلىيەتتە تىگى يەنىلا تۇرككە باغلىنىدۇ) بىرلىكتە تەشكىل قىلغان خەلقتۇر. شۇڭا مۇڭغۇللارنى سېرىق تەنلىك ئىنسانلارنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ. مۇڭغۇللوئىد ئېرقى دىگەن ئاتالغۇمۇ توغرا قويولمىغان.
بۇلاردىن باشقا ئوتتورا ئاسيا رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەن تۆۋەندىكى بىرقانچە ئېرقى تىپمۇ بار.
7)  ھىندى-ئافغان تىپى: بۇيى ئىگىزراق،بېشى ئۇزۇن، بۇرۇن قاڭشىرى زىيادە ئىگىز ۋە سەل ئىلمەك بولۇپ، جەنۇبى ياۋروپا ئېرقى(ئوتتورا دىڭىز تىپى) نىڭ شەرقى تارمىقىغا يانداش ئېرق ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئېرقى تىپ قەدىمقى ئارىيانلارنىڭ كۇچۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئارىيانلار م ب2000-يىللىرى كىچىك ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپادىن ئېران ئىگىزلىكىگە كۇچۇپ كەلگەن خەلق بولۇپ، م ب 1500-1000-يىللىرى ئوتتورا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىغا ئىچكىرلەپ كىرگەن، ھەتتا شەرقتە كەڭسۇغىچە يىتىپ بارغان دەپ قارىلىدۇ. ئەسكەرتىپ ئۇتۇشكە تىگىشلىكى بۇ ئارىيانلار بىلەن ھازىر ئۆزىنى ئەڭ ساپ ئارىيان دەپ ئاتىۋالغان گىرمانلار بىر ئېرقى تىپقا كىرمەيدۇ. تارىختىكى ئاتالمىش جەنۇبى پامىر «ساكلىرى» ۋە ھازىرقى شىمالى ھىندىستان، پاكىستان،ئافغانىستان ۋە تاجىكلار ئاساسى جەھەتتىن مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. پامىر ئىگىزلىكى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىن بۇ تىپقا دائىر قەدىمى قەبرىلەرمۇ  تېپىلغان.
8)  شىمالى جوڭگو ئادەملىرىنىڭ ئىرقى تىپى : ئاساسەن شىمالى جوڭگودىكى خەنزولار ۋە بىر قىسىم تىبەتلەرنىڭ ئىرقى تىپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئېرقى تىپتىكى خۇسۇسىيەتلەر كەڭسۇ، ئىچكى-تاشقى مۇڭغۇلىيە، بايقال رايونى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىرغاقلىرىدا ئۇچرايدۇ. تارىختىكى چاڭلار مۇشۇ ئېرقى تىپقا تەۋە دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە خوتەن رايونىغىچە كەلگەنلىكى مەلۇم.
    ئوتتورا ئاسىيا رايونى ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىشى سەۋەبىدىن تارىختا نۇرغۇن ئىرقى تىپتىكى خەلقلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە دۇنيا تارىخىنى ئىلىگىرى سۇرۇشكە قوشقان تۆھپىسى قانداقتۇر بىر ئىرق بىلەن ياكى قانداقتۇر گىن قورۇلمىسىدىكى مەلۇم ئالاھىدىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بىز  تارىخىمىزدا  بىز پەخىرلەنگىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزدىن  پەخىرلىنىمىز، چۈنكى ئۇلار تارىختا مەيلى قانداق ئىرقى ئالامەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسۇن يەنىلا ئوتتورا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىلىرىگە خاس مىللى روھىنى  يوقاتمىغان. ھەم كەلگۇسىدىمۇ يوقاتمايدۇ.
1som
Posted: 2007-11-24 23:12 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.062060(s) query 3, Time now is:02-15 08:14, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation