kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 «ئارىيانلار»نىڭ كىلىپ چىقىشى

«ئارىيانلار»نىڭ كىلىپ چىقىشى

ئارىيانلار مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردە ياۋروپا ۋە ئاسىيا قورۇقلۇقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان خەلقلەرنىڭ بىرى. ئارىيان دىگەن ئۇقۇم تار مەنىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-1500يىللىرى ئېران ۋە ھىندسىتانغا باستۇرۇپ كىرگەن كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىلا كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدە ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئارىيان دىگەن ئاتالغۇ ئەسلى قەدىمقى ھىندى-ئېرانلارنىڭ ئۆزىنى ئاتىشى بولۇپ ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى نەتىجىسىدە قەدىمقى ھىندى ئارىيانلىرىنىڭ ياراتقان پارلاق مەدىنىيىتى ياۋروپا ئالىملىرى ئىچىدە زور زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىندى ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان بارلىق خەلقلەرنىڭ ئەجدادىنى ئارىيانلار دەپ ئاتاش مودا بولۇپ قالىدۇ. بۇ نەزىرىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەڭ يوقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ناتسىت گىرمانىيسى ئارىيانلار دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ئېرىقتۇر، ئەڭ دەسلەپكى ساپ قانلىق ئارىيانلار كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق بولىدۇ. ھازىر پەقەت گىرمانلارلا دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ئارىيانلار ھىساپلىنىدۇ. باشقا ئېرقتىكىلەر پەس ئېرىقتۇر،ئۇلارنى يەرشارىدىن تازلىۋىتىش كىرەك دىگەندەك سەپسەتىلەرنى تارقىتىدۇ. (ئەمىلىيەتتە ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى فىنلاندىيە كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق ئادەملەرنىڭ نىسبىتى ئەڭ يوقىرى دۆلەت بولۇپ، ھالبۇكى فىنلار ئورال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلق ئىدى.) . گىرمانىيە ناتسىتلىرىنىڭ دۇنيا خەلقىگە كەلتۇرگەن بالايى ئاپەتلىرى ۋە سەتچىلىكلىرى سەۋەبىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئارىيان دىگەن ئاتالغۇ پۇتكۇل ھىندى-ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئومومى نامى بولۇشتىن تەدرىجى قىلىپ قالىدۇ. ھازىر ئىلمى ئەسەرلەردە ھىندى-ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئومومەن ھىندى-ياۋروپالىقلار(Indi-Europian) دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.
  ھىندى-ياۋروپالىقلارغا دائىر تەتقىقات 18-ئەسىردىن كىيىن باشلانغان بولۇپ، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەنگىلىيىنىڭ بىنگالدا تورۇشلۇق باش سوتچىسى ۋىليام جونىس ھىندى تىلى بىلەن ئىنگىلىز تىلى ئوتتورسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى تۇنجى قىتىم بايقايدۇ، ۋە بۇ ساھەدە مەخسۇس تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ، شۇنداقلا  ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى تەتقىقاتىغا ئاساس سالىدۇ.
    19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ياۋروپا ئالىملىرى ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنىڭ باشلانغان جايىنى ئىزدەش بىلەن بىرگە ھىندى-ياۋروپالىقلارنىڭ ياكى شۇ چاغدىكى ئاتىلىشى بويىچە ئارىيانلارنىڭ كىلىپ چىققان ئەسلى ماكانى(Urheirmat) توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارمۇ باشلىنىپ كىتىدۇ. ئارىيانلارنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەرمۇ ئارقا ئارقىدىن بارلىققا كىلىشكە باشلايدۇ. بىر قىسىم ئالىملار ئارىيانلار ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ. بەزى ئېران مۇتەخەسىسلىرى ئارىيانلار ئېران ئىگىزلىكىدە بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەڭ ئارىيانلار ھىندىستاندىن كىلىپ چىققان، ئوتتورا ئاسىيادىن كىلىپ چىققان، پامىر ئىگىزلىكىدىن كىلىپ چىققان، ھەتتا تىبەت(شىزاڭ) دا پەيدا بولغان دىگەندەك تۇرلۇك قاراشلارمۇ ئوتتورغا قويۇلىدۇ.
      ھىندى-ياۋروپا تىللىرىغا دائىر ئەڭ قەدىمقى يازما پۇتۇك ھىندىستاننىڭ قەدىمقى تارىخى كىتابى «ۋىداس» بولۇپ، مىلادىدىن بورۇنقى 1000-يىللىرى سانسىكرىت تىلىدا پۇتۇلگەن، شۇڭا 19-ئەسىردە ئالىملار سانسىكىرت تىلىنى ھىندى-ياۋروپا تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمقى يىلتىزى، ئارىيانلارنىڭ ئەسلى ماكانى ھىندىستان دەپ قارىغان. ھىندىستانلىق ئالىملار تا ھازىرغا قەدەر ئارىيانلار سىرىتتىن ھىندىستانغا باستۇرۇپ كىرگەن دىگەن نەزىرىيەگە قارشى تورىدۇ. ئۇلار ھىندىستاننىڭ قەدىمقى مەدىنىيىتى ۋە «ۋىداس» دىگەن كىتابتىكى بەزى بىشارەتلەرگە ئاساسەن ئارىيانلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى ھىندىستان ، ئۇلار ھىندىستاندىن باشقا جايلارغا كۇچۇپ بارغان دەپ قارايدۇ. ھەمدە غەرپ ئالىملىرىنىڭ ئارىيانلار سىرتتىن ھىندىستانغا كىرگەن دىگەن نەزىرىيىسى ھىندىستانلىقلارنىڭ مىللى روھىنى ئاجىزلىتىپ ھىندىستاننى داۋاملىق مۇستەملىكە قىلىش ئۇچۇن تېپىپ چىققان سەپسەتىسى دەيدۇ. ھىندىستانلىق ئالىملارنىڭ ئارىيانلارنىڭ مەنبىئى توغرىسىدىكى قارىشى «ھىندىستاندىن چىقىش نەزىرىيىسى» (Out of India) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ھىندىستان ۋە ئېران رىۋايەتلىرىدە ئارىيانلارنىڭ ئەجدادى ئىنتايىن سوغۇق تاغلىق رايوندا ياشىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇڭا بىر قىسىم ئالىملار ئارىيانلار ئەڭ دەسلەپ شىمالدىكى تاغلىق رايونلاردا پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. بۇ قاراشتىكىلەر يەنە ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ ، بىرقىسىملىرى پامىر ئىگىزلىكىدىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى تىبەتتىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا  قەدىمقى ئارىيانلارنىڭ جەسەتنى كۆيدۇرۇش ياكى قۇشلارغا يەم قىلىشتەك مىيىت ئۇزىتىش ئادەتلىرى ھازىرقى تىبەتلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى دەلىل كەلتۇرىدۇ. بۇ قاراش ياۋروپادا بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىت گىرمانىيىسى ئارىيانلارنىڭ پەيدا بولغان ئەسلى ماكانى قوياشقا ئەڭ يېقىن جاي يەنى تىبەت ئىگىزلىكى دەپ قارىغان، ھەتتا تىبەت ئىگىزلىكىگە مەخپى تەكشۇرۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ ئارىيانلارنىڭ بۇشۇكىنى تاپماقچى بولغان. مەزكۇر تەكشۇرۇش ماتىرىياللىرى گىرمانىيە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئامىرىكىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كەتكەن بولۇپ،مەخپىيەتلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يوقىرى بولغاچقا تا ھازىرغا قەدەر ئاشكارلانمىغانمىش.
    ھىندىستان ۋە ئېران ئارىيانلىرىنىڭ قەدىمقى كىتابى «ئاۋىستا» ۋە «ۋىداس» لاردا ئوتتورا ئاسىياغا دائىر يەر جاي ناملىرى ئۇچرايدۇ. شۇڭا بەزى ئالىملار ئارىيانلارنىڭ ئەسلى ماكانى ئوتتورا ئاسىيادا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى ماكس موللىر(Max Muller) بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرىچە ئاسىيا ئىگىز تۇزلەڭلىكى ئارىيانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئانا ماكانىدۇر. ئۇلار شۇ يەردىن غەرپكە كۇچۇپ ياۋروپاغا كەلگەن،شەرقى جەنۇپقا كۆچكەنلىرى ھىندى، ئېرانلارنىڭ  ئەجدادى بولۇپ قالغان دەپ قارايدۇ.
    ئارىيانلارنىڭ ئەجدادى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن دىگەن نەزىرىيىنى تۇنجى بولۇپ ئەنگىلىيىلىك R.G.Latham ئوتتۇرغا قويغان. ھازىر كۆپ ساندىكى ئالىملار ياۋروپا مەنبە (Europe-Urheirmat) نەزىرىيىسىگە مايىل. ئەمما بۇ  قاراشتىكىلەرمۇ يەنە بىر قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ. سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تىلشۇناسلىق جەھەتتە قەدىمقى ھىندى-ئېران ئارىيانلىرىنىڭ تىلى ياۋروپا بالتىق-سىلاۋىيان تىل گۇرۇپپىسىغا يېقىن بولغانلىقى ئۇچۇن، ئارىيانلارنىڭ كىلىپ چىققان ماكانى بالتىق-جەنۇبى روسىيە يايلاقلىرى دەپ قارايدۇ. گىرمانىيە ۋە دانىيەدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئارىيانلار گىرمانىيەنىڭ شىمالى، دانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم ياۋروپا ئالىملىرى ئارىيانلارنى شىمالى ياۋروپادىكى سىكاندىناۋىيە يىرىم ئارىلىدا پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ.
    سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر  Linguistic Palaeontology  (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلالمىدىم، تىلدىكى قەدىمقى جانلىقلارغا ئائىت ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) ئىلمى بۇيىچە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئەسلى ماكانى ياۋروپا دەپ جەزىملەشتۇرىدۇ.  پىرافىسسور  Paul Thiemeقاتارلىق ئالىملار پۇتكۇل ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى خەلقلەرنىڭ تىلىدا پەقەت ئاتلانتىك ئوكيان ۋە بالتىق دېڭىزىدا ياشايدىغان جانلىقلارنىڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ ئورتاق مەۋجۇدلىقىنى بايقىغان. شۇنداقلا ياۋروپادىكى ھىندى-ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ تىلىدا ھىندىستان،ئېران ياكى ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمقى جانلىقلارغا ئائىت ئاتالغۇلار بايقالمىغانلىقىغا ئاساسەن، ئارىيانلارنىڭ ئەسلى ئەجدادى ياۋروپانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ياكى بالتىق دېڭىز بويلىرىدا پەيدا بولغان دىگەن نەزىرىيىنى ئوتتورغا قويىدۇ.
    1926-يىلى داڭلىق ئارخىلوگ  V.G .Chile  ئارىخىلوگىيىلىك تىپىلمىلارغا ئاساسەن، ئارىيانلارنىڭ ئەسلى ماكانى قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ئېتىكى ۋە جەنۇبى روسىيە يايلاقلىرى بولۇشى مۇمكىن دىگەن قاراشنى ئوتتورغا قويىدۇ.
    1956-يىلى  Marija Gimbutus  خانىم ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلارغا ئاساسەن، داڭلىق «قورغان» (Kurgan) نەزىرىيىسىنى ئوتتورغا قويىدۇ. ئۇ مىلادىدىن بورۇنقى 5000-2500-يىللىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىن كاۋكاز رايونىغىچە، ۋولگا دەرياسى بويلىرىدىن سىبىرىيە تۇزلەڭلىكىگىچە بولغان زىمىنلاردا ياشىغان قەدىمقى كۆچمەن چارۋىچىلار ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغان. ئۇ يەنە تۇخارلارنى ئوتتورا ياۋروپادىن م ب 1200-يىللىرى شەرققە كۇچۇپ تاكى كەڭسۇغىچە بارغان دەپ قارايدۇ.
  Urheirmat توغرىلىق 80-يىللىرىدىن كىيىنمۇ يەنە يېڭى- يېڭى نەزىرىيىلەر مەيدانغا كىلىدۇ.
تىلشۇناس T.V.Gamkrelidze  ۋە V.Ivanov  قاتارلىقلار تىل ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن، ھىندى-ياۋروپا  خەلقلىرىنىڭ ئەسلى ماكانى ئوتتورا شەرق دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار ئىپتىدائى ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرى م ب5000-4000-يىللار ئەتراپىدا ئاناتولىيە ۋە مىسوپوتامىيە دائىرىسىدە ياشاۋاتقان ئىپتىدائى سام تىللىرىدىكى خەلقلەر بىلەن خوشنا ياشىغان دەپ قارىغان. (ھىندى-ياۋروپا تىللىرى بىلەن  سام تىللىرىنىڭ ئاتالغۇلارنى ئەر-ئايال جىنىس بۇيىچە ئايرىشتەك گىرامماتىكىلىق خوسۇسىيەتلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. روسچە ۋە ئەرەپچىدىن ئاز تولا خەۋىرى بار ئادەم بۇنى بىلىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەت باشقا تىل سېستىمىلىرىدا كۆرۇلمەيدۇ). ئۇلار 1984-يىلى نەشىر قىلغان «ھىندى-ياۋروپا تىللىرى ۋە ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرى» دىگەن كىتابى ئىلىم ساھەسىدە زور تەسىر قوزغايدۇ.
    1987-يىلى ئەنگىلىيىلىك داڭلىق ئارخىلوگ كولىن (V.Colin)  «ئارخىلوگىيە ۋە تىلشۇناسلىق» دىگەن كىتابىنى نەشىر قىلىدۇ. ئۇ ھىندى-ياۋروپا تىللىرى يايلاق مەدىنىيىتىنى ياراتقان خەلقلەر ئارىسىدا پەيدا بولۇپ ئاندىن تارقالغان بولماستىن، بەلكى م ب 7000-يىللىرى ئاناتولىيەدىن مىسوپوتامىيەگىچە بولغان تارىختىكى تۇنجى دىھقانچىلىق مەدىنىيتى پەيدا بولغان جايدا  پەيدا بولۇپ، تېرىقچى ئادەملەرنىڭ (تارىختا كروماگنون ئادىمىمۇ دىيىلىدۇ- Cromagnon Man ) تارقىلىشى بىلەن تەڭ تارقالغان دەپ قارايدۇ، ۋە ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئاناتولىيە دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.
سابىق سۆۋىت ئىتتىپاق شەرقشۇناسى دىياكونوف(I.M.Diakonoff) ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئوتتورا شەرق دىگەن نەزىرىيىگە قارشى تورىدۇ. ئۇ ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرنىڭ ئەجدادى بالقان رايونىدا پەيدا بولغان، گەرچە بۇ رايوندىكى م ب 6000-5000-يىللىرى ئارلىقىدا شەكىللەنگەن دىھقانچىلىق ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى بىقىش ئىگىلىكى ئاناتولىيەدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، شۇنداقلا ئاناتولىيەدىكى  Catal-Huyuk مەدىنىيىتىنى ياراتقان خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھىندى-ياۋروپا تىللىرى ئەڭ دەسلەپ بالقان رايونىدا پەيدا بولۇپ ئاندىن تارقىلىشقا باشلىغان دەپ قارايدۇ.
ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبىئى يەنى Urheirmat تەتقىقاتىغا دائىر تالاش-تارتىشلار 90-يىللىرىمۇ توختاپ قالغىنى يوق. داڭلىق ئارخىلوگ J.P.Mallory ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ ئەجدادى ئوكرائىنادا پەيدا بولغان دەپ قەتئى چىڭ تۇرىدۇ، ئامىرىكىلىق ئىنسانشۇناش دوكتور David Anthony شەرقى ياۋروپادىن تىېپىلغان ئارخىلوگىيىلىك ئىسپاتلارغا ئاساسەن، ھىندى-ياۋروپالىقلارنىڭ ئەجدادى 6000 يىللار بۇرۇن ئوكرائىنادا ئات كۆندۇرگەن خەلقلەر بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
    ھىندى-ياۋروپا تىللىرى ۋە ھىندى-ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ(ياكى ئارىيانلارنىڭ) كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا  نۇرغۇن خەلقارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۇزۇلگەن بولسىمۇ ، ئەمما  Urheirmat  توغرىسىدىكى بۇ تالاش-تارتىشلار تا ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنغىنى يوق. بەلكىم بۇنىڭ ھەل بولۇشىغا يەنە خېلى ئۇزۇن جەريان كىتىشى مۇمكىن.
كۇلبىلگە
2007-يىلى9-ئاينىڭ28-كۇنى
1som
Posted: 2007-11-24 23:55 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.067823(s) query 3, Time now is:02-15 08:19, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation