بۇ بەتتىكى يازما : دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ باشلامچىلىرى سۇمىرلار ۋە بىز بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ باشلامچىلىرى سۇمىرلار ۋە بىز

دۇنيا مەدىنىيىتىنىڭ باشلامچىلىرى سۇمىرلار ۋە بىز

  دۇنيا قەدىمقى زامان مەدىنىيىتىدىن سۆز لەنسە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپىنچە قەدىمقى مىسىر ، بابىل، ھىندىستان ۋە جوڭگو كىلىدۇ. ئەگەر سىز تەپسىلىرەك يېزىلغان دونيا ئومومى تارىخى قەدىمقى زامان قىسمىنى ئوقۇپ باقسىڭىز سۇمىر (sumer )دىگەن بىر قەدىمى مىللەتنىڭ يوقۇردا تىلغا ئېلىنغان قەدىمى دۆلەتلەردىنمۇ بۇرۇن بىر پارلاق مەدىنىيەتنى ياراتقانلىقىنى بايقايسىز.
  ئۆتكەن ئەسىردە تىلشۇناسلارنىڭ قەدىمقى بابىل يازما يادىكارلىقلىرىنى ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشى بىلەن بىرگە ئارخىلوگلارنىڭ قەدىمقى مىسوپوتامىيە (ئىككى دەريا ئارىسىدىكى ماكان دىگەن مەنىدە، ھازىرقى ئېراق تىرىتورىيىسىدە.) رايونىدىن كۆپلەپ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كىلىدىغان كەم دىگەندىمۇ 6000يىللار ئىلگىرى باشلانغان يۇكسەك تەرەققى قىلغان بىر مەدىنىيەت قاتلىمىنى بايقايدۇ. بۇ جايلاردىن نۇرغۇنلىغان ئارخىلوگىيىلىك بويۇملار قىزىپ چىقىرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمقى مىس قوراللار ۋە تاش ،ساپال تاختىلارغا يېزىلغان ئەڭ قەدىمقى يازما يادىكارلىقلار چىقىدۇ. بۇ بايقاش قەدىمقى سۇمىر مەدىنىيىتىنى پۇتۇن دونياغا تونۇتىدۇ.
  يېڭىدىن تېپىلغان بۇ مەدىنيەت قاتلىمى ھەمدە بۇ مەدىنىيەتنى ياراتقان ئاھالىلەرنىڭ ئىنسانشۇناسلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكى يەرلىك خەلقلەردىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئارخىلوگلار مۇناسىۋەتلىك ئارخىلوگىيىلىك ماتىرىياللار ۋە بۇ رايوننىڭ جوغراپىيىلىك يەر تۇزۇلمىسىگە ئاساسەن بۇ ئاھالىلەرنى(سۇمىرلارنى) مىلادىدىن بۇرۇنقى 4300-يىللىرى ئەتراپىدا بۇ رايونغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئەمما بۇ خەلقنىڭ قەيەردىن كۇچۇپ كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايدۇ. بۇ مەسىلە تا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگۇچە يىشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.
  بىر قىسىم ئالىملار ئۇلارنىڭ تىلىدىكى ئالتاي-ئورال تىل سېستىمىسىغا يېقىن كىلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى،مەسىلەن يېپىشقاق تىل بولۇشى، لىكسىكىسىدا ئاز بولمىغان سۆزلەرنىڭ ئالتاي-ئورال تىللىرى بىلەن ماسلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى(مىسال،تەڭرىنى دەڭىر دىيىشى) ، قەدىمقى ئېغىز ئەدىبىياتىنىڭ تۇركى-مۇڭغۇل خەلقلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىغا ئاساسەن(سۇمىرلارنىڭ گىلگامىش داستانى بىلەن تۇركى خەلقلەرنىڭ ئالپامىش داستانىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن) شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېرقى تىپىنىڭ يەرلىك خەلقلەردىن روشەن پەرقلىق بولۇشى ۋە تەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قىسقا باشلىق تىپىغا ئوخشايدىغانلىقىغا ئاساسەن ئۇلارنى تەخمىنەن 6-7مىڭ يىل بۇرۇنقى مەلۇم بىر دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن ئايان بولۇشىچە سۇمىرلار بويى ئانچە ئىگىز ئەمەس،ئەمما بەدىنى قاۋۇل كەلگەن،بېشى يومىلاقراق، بۇرنى تۇز(ئەرەپلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ساملار بولسا ئىلمەك بورۇنلۇق) ،قوي يۇڭىدىن توقۇلغان كالتە كىيىملەرنى كىيىدىغان، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۇشۇرۋىتىپ پاكىز يۇرۇيدىغان كىشىلەر ئىكەن (ئەرەپلەرنىڭ ئەجدادى ساملاردا بولسا ساقال بۇرۇتىنى ئۇزۇن ئۆستۇرۋالىدىغان ئادەت بار ئىدى)
يەنە بىر قىسىم ئالىملار سۇمىرلارنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى كەلكۇن ئاپىتىگە دائىر بىشارەتلەرگە ئاساسەن ئۇلارنى ھىندى ئوكياندىكى مەلۇم بىر ئارالدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. بەزىلەر سۇمىرلارنى قەدىمقى زامانلاردا جوڭگودىن كۆچۇپ بارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. ھەتتا بەزىلەر سۇمىرلارنىڭ قەدىمقى يازما ماتىرىياللىرىدىن تېپىلغان ئاتوم مودىلىغا ئۆخشاپ كىتىدىغان غەلىتە سىخىمىلارغا ئاساسەن ئۇلارنى باشقا پىلانتتىن كەلگەن ئاھالىلەر بولۇشى مۇمكىن دەپمۇ پەرەز قىلىدۇ.
  ئەقىللىق سۇمىرلار كۆپلەپ يازما يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ 2مىڭ يىلغا يېقىن تارىخى (6000ــ4000مىڭ يىللار ئىلگىرى )جۇملىدىن پادىشالىرىنىڭ نەسەپنامىلىرى ، سىياسى ، ئىقتىسادى،مەدىنيەت، تۇرمۇش كارتىنىلىرى دەۋرىمىزدىكى تارىخچىلارغا ئايان بولىدۇ. 
سۇمىرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
  سۇمىرلار مىلادىدىن ئىلگىركى 4000-يىللىرىلا ئىلگىر –ئاخىر بولۇپ ھازىرقى مىسوپوتامىيە رايونىدا ئۇر(Ur)، ئۇرۇك(ياكى ئۇلۇق، Uruk ) ، لارسا(Larsa) ، شىپار(shipar)، كىش(kish) قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. پادىشالىرىنى ئېن(En)، لوگال(Logal) دەپ ئاتايدۇ، پادىشالىقنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرىدۇ. سۇمىر دۆلەتلىرىدە پۇقرالار تۆت تەبىقىگە ئايرىلغان بولۇپ ،بىرىنچىسى قولدار ئاقسۆڭەكلەر.ئىككىنچىسى تېرىلغۇ يەرلىرى بولغان ئەركىن دىھقانلار، ئۇچىنچىسى پومىشچىكلارغا ئىشلەپ بېرىدىغان يانچى دىھقانلار، تۆتىنچى تەبىقە بولسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقە ھىساپلانغان قۇللار ئىدى.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2550-يىلى پادىشا ئىنناتۇم (Ennatum) مەلۇم بىر قېتىملىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۇچۇن ئىگىزلىكى 18مىتىر،كەڭلىكى 13مىتىر كىلىدىغان دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى ئابىدە مۇنارنى تىكلەيدۇ. بۇ مۇنارنىڭ قالدۇق خارابىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2378 ـــ 2371-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان پادىشا Uruk’agina دۆلەتتە كەڭ كۇلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ « پۇقرالارغا ئەركىنلىك بېرىش» دىگەن ئىدىيىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. «ئەركىنلىك»(سۇمىر تىلىدا Amargi) دىگەن بۇ ئىبارە ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قىتىم يازما مەنبەدە كۆرۇلىدۇ.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2371-يىلى كىش دۆلىتى (سۇمىر شەھەر دۆلىتى) نىڭ ۋەزىرى سارگون (Sargon) پادىشا ئۇر زابابا (Urzababa) نى ئاغدۇرۇپ قەدىمقى ئاكادىيان دۆلىتىنى قۇرىدۇ. سارگون مىلادىدىن بۇرۇنقى 2350-يىللىرى پۇتكۇل سۇمىر شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئاكادىيان ئىمپىرىيىسى(Akkadian Empire) نى تىكلەيدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2230-يىلى ئاككادىيان ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرىلىدۇ. سۇمىرلارنىڭ يەنە بىر كۇچلۇك شەھەر دۆلىتى بولغان ئۇر(Ur)نىڭ پادىشاھى ئۇرنام(Urnam) ئۇر 3-سولالىسىنى قۇرىدۇ. ئۇرنام دىھقانچىلىق،سودا،قاتناش ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرىدۇ، ۋە دۇنيادا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما قانۇن كودىكسىيىسى «ئۇرنام قانۇنى» نى تۇزۇپ ئېلان قىلىدۇ.
  مىلادىدىن بۇرۇنقى 2004-يىلى ئۇر 3ـ سولالىسى ئېلەملەر(Elam) تەرىپىدىن ئاغدۇرىلىدۇ. مىسوپوتامىيىنىڭ شىمال تەرىپىدىن كەلگەن سام ـ ھام تىل سېستىمىسىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەر (ھازىرقى ئەرەپلەرنىڭ ئەجدادى) بۇ رايونلارنى كونترول قىلىۋىلىپ دۇنياغا داڭلىق بابىل دۆلىتىنى قۇرىدۇ، ھەمدە سۇمىرلارنىڭ مەدىنىيىتىنى قۇبول قىلىدۇ. سۇمىرلار شۇنىڭدىن كىيىن زاۋاللىققا يۇزلىنىدۇ ھەمدە تارىخ سەھنىسىدىن چىكىنىدۇ.
سۇمىرلار نىڭ مەدىنىيىتى
  سۇمىرلارنىڭ پەلەمپەي شەكىللىك ئىبادەتخانا(Temple) سېلىش ئادىتى بولۇپ ، مىسوپوتامىيە رايونىغا كەلگەندىن تارتىپلا بۇنداق ئىبادەتخانىلارنى سېلېشنى باشلىغان.سۇمىر مەدىنىيىتىنىڭ كىيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە بۇ خىل پەشتاقسىمان ئىبادەتخانىلار غايەت زور يوغىناپ ۋە ئىگىزلەپ دۇنياغا داڭلىق يەنە بىر مۆجىزە« Ziggurat» (كىيىنكىلەر بابىل مۇنارى دەپ ئاتىغان) نى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن. بەزى ئالىملار كىيىنكى مىسىر پىرامىدالىرى ۋە يوناننىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسىنى سۇمىرلاردىن قۇبۇل قىلغان دەپ قارايدۇ. سۇمىرلار ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپ يېزىق ئىجاد قىلىپ مەدىنىيەت دەۋرىگە كىرگەن خەلقتۇر. سۇمىرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقى رەسىم شەكىللىك بەلگىلەرنى ئاساس قىلغان يېزىق بولۇپ كۆپىنچە لايدىن ياسالغان كېسەكلەرگە ئۇيۇلغان. كىيىنچە يېزىشقا قولايلىق بولۇش ئۇچۇن مىخ شەكلىگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ھالەتكە كەلگەن ۋە تەدرىجى ھەرپلىك يېزىققا ئايلانغان. بۇ يېزىق تارىختا مىخ يېزىق دەپ ئاتالغان.بۇ مىخ شەكىللىك بەلگىلەر ئەڭ كۆپەيگەن ۋاقتلىرىدا 600دىن ئېشىپ كەتكەن. سۇمىرلار ئىجاد قىلغان يېزىق كىيىن مەلۇم ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن مىسىر ،بابىل،يونان،پارىسلار ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا تارقىلىپ ھازىرقى ئىشلىنىۋاتقان تۇرلۇك يېزىقلارنىڭ ئورتاق ئەجدادى بولۇپ قالغان(خەنزۇ يېزىق سىېستىمىسىدىن باشقا).
سۇمىرلار ماتىماتىكا،ئاسترونومىيە،كالىندارچىلىق جەھەتلەردىمۇ كىيىنكىلەرگە قىممەتلىك بايلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. سۇمىرلار 10لىق ساناق سېستىمىسىغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل 60 نى بىرلىك قىلغان ساناق سېستىمىسىنى ئىجاد قىلىغان. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان چەمبەرنىڭ 360گىرادوسقا بۆلۇنىشى ،بىر سائەت60مىنوت،بىر مىنوتنى 60سىكونتقا ئايرىش ئوسۇلى دەل شۇلاردىن كەلگەن. سۇمىرلار بىر كېچە بىلەن بىر كۇندۇزنى ئايرىم ئايرىم ھالدا 12سائەتتىن جەمى 24سائەتكە بۆلگەن. ئۇلار دىھقانچىلىق ۋە كۇندىلىك تۇرمۇشتا تۆت ئەمەلدىن(قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۇلۇش) ئۇنۇملۇك پايدىلانغان. كەسىر سانلار ، كۇۋادىرات يىلتىز ۋە كۇپ يىلتىزىنى تېپىش قاتارلىق خېلى مۇرەككەپ ماتىماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنى ئىگەللىگەن. سۇمىرلار قوياش كالىندارىنى ئىجاد قىلغان(ھازىرقى مىلادىيە كالىندارىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى) ،بىر يىلنى 12ئايغا بۆلگەن. 6ئاينى 29كۇن،6ئاينى 30كۇندىن قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇلار بىر يىل بىلەن 12ئاي ئوتتۇرسىدا يەنە 11كۇن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان،ھەم كەبىسە ئېيىنى قوشقان.
  ھازىرغا قەدەر سۇمىر مەدىنىيىتىگە دائىر نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار قىزىۋىلىنغان .ئېراقنىڭ نىپور دىگەن يىرىدىن قىزىۋىلىنغان ماددى يادىكارلىقلار ئىچىدە سۇمىرلارنىڭ نۇرغۇن رىۋايەتلەر توپلىمى تېپىلغان.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى. ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى،كەلكۇن ئاپىتى قاتارلىق نۇرغۇن رىۋايەتلەر بولۇپ ،ئالىملار بۇ رىۋايەتلەرنى تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئانلاردىكى مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەكلى دەپ قارايدۇ.
  مۇشۇنداق بىر يۇكسەك پارلاق مەدىنىيەت ياراتقان سۇمىرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇملىدىن بىز بىلەن بولغان مەنبەلىك مەسىلىسىگە دائىر تەتقىقاتلار مىنى تولىمۇ قىزىقتۇرغاچقا ھەم ئۆزەمنىڭ كەسپى بىلەنمۇ مەلۇم مۇناسىۋىتى بولغاچقا. سۇمىرلارغا دائىر بەزى ماتىرىياللارنى يىغىپ قويغان ئىدىم، ئەنە شۇ ماتىرىياللارنى رەتلەپ قىسقىچە قىلىپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سوندۇم. ئەگەر سۇمىرلارغا دائىر تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەخسۇس سۇمىر مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇچۇن ئېچىلغان خەلقارالىق تور تۇراسىغا چىقسىڭىز بولىدۇ.
تور ئادرىسى: http://www.sumerian.org


1som
Posted: 2007-11-25 00:02 | [ئاپتور]
Yawuz
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئەخمەت جەفەر ئوغلى ئۆزىنىڭ « تۈرك تىلىنىڭ تارىخى » دىگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدە ئېلىپبەلىك يېزىقنىڭ مەنبەسى سۇمېر تۈركلىرى دىگەن بىر گەپنى قىپتىكەن، مۇشۇ گەپنىڭ قانچىلىك ئاساسىي باردۇ، ئەينى چاغدا كىتاپنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشقا پۇرسەت بولمىغان ئىدى.
bilqut
تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا تەكرار قايتا يېزىلىدۇ.
Posted: 2007-11-25 01:10 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.068765(s) query 4, Time now is:02-15 08:19, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation