kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ساكلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى

0
    
ساكلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى

ساكلار ھونلاردىن ئىلگىركى زامانلاردا ئوتتورا ئاسىيا تارىخىدا قەد كۇتۇرگەن يەنە بىر قودرەتلىك كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ھازىرقى تەڭرىتاغ،ئىلى،يەتتەسۇ رايونىدا ياشىغان.ساكلارنىڭ ئەسلى  تۇركچە ئاتىلىشى ساقلاپ ياكى ساق بولۇپ، جوڭگولۇقلار سەيجوڭ،ئېران ۋە ھىندىلار ساك ،ساكا دەپ ئاتىغان،ياۋروپالىقلار سىكىت دەپ ئاتىغان،(دىققەت- ئات،ئىت قوشۇمچىسى ئەسلى قەدىمقى ئالتاي تىلىدا كۆپلۇك مەنىسىنى ئىپادىلەيتى)،ھازىر ئومومەن غەرپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ساك دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. بۇ خەلق ئوتتورا ئاسىيادا مىلادىدىن بۇرۇنقى 9-ئەسىرلەردىن باشلاپ تاكى م ب5-ئەسىرلەرگىچە 400يىلغا يېقىن ۋاقىت دەۋر سۇرگەن بولۇپ ،ئۇلار ئەڭ كېڭەيگەن ۋاقىتلىرىدا شەرقتە كەڭسۇغىچە غەرپتە تاكى شەرقى ياۋروپا تۇزلەكلىكىگىچە يىتىپ بارغان. تارىخچىلار ئۇلارنى ئوتتورا ئاسىيا مىس مەدىنىيىتىنى ياراتقۇچىلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. گەرچە بىر قىسىم غەرپ تەتقىقاتچىلىرى ساكلارنى ھىندى ياۋروپا تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ياكى ئارىيانلار دەپ قارىسىمۇ . ئەمما يەنىلا ئاز بولمىغان تەتقىقاتچىلار ساكلارنى تۇركى تىلدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر دەپ ئىسپاتلايدۇ. قەدىمقى ھىندى رىۋايەتلىرىدىمۇ تۇركى تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى «ساكا»«ھونا»«تۇرۇشكا» دىگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. ئېراننىڭ ئەپسانىۋى تارىخلىرىدا ھازىرقى ئوتتورا ئاسىيانى ياكى شۇ چاغدىكى ساك زىمىنىنى تۇران دەپ ئاتىغان ھەمدە ساكلارنىڭ رەھپىرى ئالىپ ئەرتوڭا( ئەفراسىياپ) توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ساكلارنىڭ تۇركى خەلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.ئۇغۇزخاننىڭ رىۋايىتىدىمۇ ساكلارنىڭ ئۇغۇز(ئۇيغۇر) ئۇرۇقى بىلەن بىر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. خوددى ھون قەبىلىلىرىنىڭ تەركىبىدە مۇڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىدىكى قەبىلىلەر مەۋجۇد بولغىنىدەك ،ساكلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ھىندى ياۋروپا تىلىدىكى قەبىلىلەر بولۇشى مۇمكىن،چۇنكى ئارىيانلارنىڭ كۆچمەن قەبىلىلىرى م ب 1500-يىللىرى ئوتتورا ئاسىيا رايونىغا ھەقىقەتەن كەلگەن. ئالىملار كىيىنكى زامانلاردا ئۆزىنى ساك دەپ ئاتىۋالغان خەلقلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئېرقى تىپتىكى قەبىلىلەردىن تۇزۇلگەنلىكىنى بايقىغان. تەڭرىتاغ،ئېلى،يەتتەسۇ رايونىدىكى ساكلارنىڭ ئېرقى تىپىدا ئوتتورا ئاسىيا ماۋرەئۇننەھىر ئېرقى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىگەن، شۇنداقلا قەدىمقى ئاندرونوۋو ئادىمىنىڭ ئېرقى تىپىمۇ ئارلاشقان. پامىر ئىگىزلىكىدىن تېپىلغان ئاتالمىش «جەنۇبى پامىر ساكلىرى»نىڭ سۆڭەكلىرىدە بولسا ھىندى-ئافغان تىپى ئاساسى سالماقنى ئىگەللىگەن. قەدىمقى ئېراننىڭ يازما مەنبەلىرىدىمۇ ساكلارنى ئۇچ چوڭ تارماققا ئايرىغان ۋە تەڭرىتاغ،ئېلى،يەتتە سۇ رايونىدىكى ساكلارنى ساكا تىگرا خۇادا(ئۇزۇن قالپاقلىق ساكلار) دەپ ئاتاپ بۇ ساكلارنى باشقا جايلاردىكى ساكلاردىن پەرقلەندۇرگەن.  كىيىنكى دەۋرلەردىكى «ئاتالمىش ساكلار»دىن ساقلىنىپ قالغان پارچە-پۇرات تىل ماتىرىياللىرىغا ئاساسەنلا تەڭرىتاغ،ئېلى، يەتتە سۇ رايونىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمقى ساكلارنى(توغرىسى ساقلارنى)مۇ ھىندى-ياۋروپا تىلىدىكى خەلق ياكى ئارىيانلار دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.  ساكلار تۇركى تىللىق خەلق بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئوتتورا ئاسىيادا قەدىمدىن ياشاپ كەلگەن ئالتاي-ئورال تىللىرىغا قېرىنداش بولغان خەلق بولۇشى مۇمكىن. قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ  رايونىدىن قىزىۋىلىنغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىللىرىغا ئائىت ساك شاھزادىسىنىڭ قەبرىسى ئىچىدە خەت ئۇيۇلغان بىر مىس تاۋاق تېپىلغان بولۇپ، مىس تاۋاققا يېزىلغان خەتنىڭ تىلىنى ئالىملار تا ھازىرغا قەدەر يىشىپ بىرەلمىگەنلىكىمۇ بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى. ئوتتورا ئاسىيا ئارىيانلىرىنىڭ شەرقى ئېران تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى تەتقىقاتچىلار ئىسپاتلاپ بولغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئارىيان تىلىغا كىرمەيدىغان يەنە بىر خىل غەلىتە ئارىيان تىلى بار ئوخشايدۇ، شۇڭا بۇ تىلنى ئوقۇيالمىدۇق دىسە ئەقىلگە سىغمايدۇ. ساكلارنىڭ تۇركى خەلق ئىكەنلىكىنى ئۇغۇزخان رىۋايىتىمۇ ئىسپاتلايدۇ. ساك شاھزادىسى ئۇغۇزخانغا شۇنداق دەيدۇ: ئەي ئۇلۇغ ئۇغۇز خاقان سەن مىنىڭ خاقانىمسەن، بىزنىڭ ئۇرۇقىمىز سىنىڭ شەجەرەڭنىڭ ئۇرۇقىدۇر،بىزنىڭ بەختىمىز سىنىڭمۇ بەختىڭدۇر ... ، ئۇغۇزخان ئۇنىڭغا «ساقلاپ» دەپ ئات بېرىدۇ.... .   
    ساكلار تارىم ئويمانلىقىغىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى ھازىرمۇ تەڭرىتاغ ۋە تارىم ئويمانلىقنىڭ ھەرقايسى بوستانلىقلىرىدىن تاپقىلى بولۇدۇ. شۇنىڭدەك ئەفراسىياپ(ئالپ ئەرتوڭا)نىڭ قەشقەرنى ئوردۇبالىق قىلغانلىقى، جەسىتىنى كورلىنىڭ لوپنۇر چۆللىكىگە دەپنە قىلغانلىقى،خانىشلىرىنىڭ ئالتۇن تارىم دەپ ئاتالغانلىقى، قىزى قەزۋىننىڭ ئىلى دەرياسى بويىدا سەيلى قىلىپ ئوينايدىغانلىقى ۋە باشقا بىر قاتار تارىخى رىۋايەتلەر ھەمدە قەدىمقى ئۇدۇن دۆلىتىنى ساكلار قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەر ئوتتورا ئاسىيا يايلاقلىرى يىتىشتۇرۇپ چىققان  بۇ  جەڭگىۋار قەبىلىلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ۋە باشقا تۇركى خەلقلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
    تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى كىيىنكى مەزگىللەردە ساكلارنىڭ تىلى بولۇشى مۇمكى دەپ قارالغان  ئاز ساندىكى پارچە پۇرات تىل ماتىرىياللىرى ۋە ساكلار  م ب 2-ئەسىرلەردە يۆچىلەر (تۇخارلار) دىن زەربە يەپ شىمالى ھىندىستان رايونلىرىغا كۇچۇپ كەتكەندىن كىيىن قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەنلا ئۇلارنى ھىندى ياۋروپا تىلىنىڭ شەرقى ئېران تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلق، دەپ تاجىكلارنىڭ ئەجدادىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى توغرا ئەمەس، پارىس- تاجىك رىۋايەتلىرىدە تۇران–ساك قەبىلىلىرىنى ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ يەنى ئارىيانلارنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۇشمىنى ،ئالىپ ئەرتوڭا (ئەفراسىياپ) نى ياۋۇز ،قانخور پىرسوناژ  قىلىپ تەسۋىرلىگەن. بۇلاردىنمۇ ساقلارنىڭ پارىس-تاجىكلاردىن(ئارىيانلار) پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ رىۋايەتلەر شۇ دەۋرلەردە تۇرانى ساقلار بىلەن ئارىيانلارنىڭ ئوتتورا ئاسىيانى تالىشىش كۆرىشىدە قانچىلىك دەھشەتلىك جەڭلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىزگە ھىس قىلدۇرالايدۇ.  ساكلار شىمالى ھىندىستانغا كۆچكەندىن كىيىن گەرچە تىل جەھەتتىن ئارىيانلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۇمران مىللەتكە خاس بولغان سىياسى ئاتالغۇلىرىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. تىلشۇناسلار كىيىنكى مەزگىللەردىكى ساك تىللىرىدىن نۇرغۇن تۇركچە ئەمەل ناملىرىنى بايقىغان.( ھالبۇكى ساك دەۋرىدە بىز بىلىدىغان بىرەر تۇركى خەلقنىڭ بۇ جايلارغا ھۆكۇمرانلىق قىلىپ باققىنى توغرىسىدا مەلۇمات يوق)، كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئىستىلاچىلىق تارىخىدا بۇنداق ئەھۋال كۆپ بولغان، بەزىدە ئۇلار يەرلىك خەلقنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلغان، بەزىدە ئەكسىچە ئۆزلىرى تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن تەتۇر ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.(مانجۇ، تابغاچلارنىڭ خەنزولارغا،چاغاتاي مۇڭغۇللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، بۇلغارلارنىڭ سىلاۋىيانلارغا تىل ۋە مەدىنيەت جەھەتتىن ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇلار كىيىنكى دەۋرلەردىكى يازما ماتىرىياللار كۆپلەپ بارلىققا كەلگەندىن كىيىنكى ئىشلار)
    مىنىڭچە  قاچانكى م ب 9- ئەسىرلەردە دۇنيا سەھنىسىگە چىققان تەڭرىتاغ، ئېلى، يەتتە سۇ رايونىدىكى ھەقىقى ساكلارنىڭ تىلى ئايدىڭلىشىدىكەن ئاندىن ساكلارنىڭ قايسى خەلققە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىكىتكىلى بولىدۇ. بولمىسا ئۇلارنى ئالدىراپلا ئارىيانلار دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغانلىق ئوتتورا ئاسىيادا ئەسلى تۇركى خەلقلەر ياشىمىغان،ئۇلار باشقا جايلاردىن بۇ يەرگە كۇچۇپ كەلگەن دىگەن سەپسەتىگە ئاساستىن يەنە بىرنى سېلىپ بەرگەنلىك بولىدۇ.(بەزىلەر مۇشۇ مەقسەتكە يىتىش ئۇچۇن بەك كۇچەمدىكىن دەيمەن). ساقلارنىڭ تۇركى خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارمۇ  ئاز ئەمەس. شۇڭا ھەقىقى ئەھۋال ئايان بولغىچە يەنىلا ساقلار  تۇركى خەلقلەر بىلەن قېرىنداش خەلق دىگەن نەزىرىيەنى توغرا تاپىمەن. ھەم دوسلارنىڭمۇ بۇ جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. ئەجدادلىرىمىزنى ئالدىراپلا باشقا خەلقلەرگە ئوخشىتىۋالساق ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ساھەدە ئىھتىياتچانلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتقىنىمىز ياخشى.

كۇلبىلگە
2007.11.21
1som
Posted: 2007-11-25 00:24 | [ئاپتور]
nur123456
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-25

 

ھازرقى خۆتەنلكلەر دەل ساكلارنڭم ئەۋلادى ئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئ
1som
Posted: 2008-01-03 07:00 | 1 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

قوشۇمچە:
مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-6- ئەسىرلەردە قازاقىستان چىگرىسىدىكى شىمالى ساكلار تۇرك تىلىدا سۆزلىشەتتى، پامىر رايونىدىكى جەنۇبى ساكلار ئىران تىلىدا سۆزلىشەتتى.
                                                              -- "سۆۋىت قازاقىستان جۇمھۆرىيىتى ئىنسكلوپىدىيىسى"
1967-يىلى ئالمۇتىدىن 50 كىلومىتىر كىلىدىغان "ئەسكى" دىگەن جايدىن تىپىلغان ساك قەبرىسىدىن، 26 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان ئىككى قۇر خەت تىپىلغان. تەتقىقاتچىلار بۇنى ساكلار ئىجاد قىلغان يىزىق دەپ قارىغان ۋە ئۇنىڭغا "ئەسكى يىزىقى" دەپ نام بەرگەن.
                                                -- "سۆۋىت قازاقىستان جۇمھۆرىيىتى ئىنسكلوپىدىيىسى"
bilqut
Posted: 2008-01-10 22:46 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

يازمىنى قايسى مەنبەدىن ئالغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
bilqut
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-11 01:18 | 3 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

يازمىنى ئەينى ۋاقىتتا ساكلار ئارىيانلار دىگەن مەزمۇن ئىلگىرى سۇرۇلگەن بىر ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۆزەمنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتورغا قويۇپ بىلگەنلىرىم ئاساسىدا يىزىپ باققان ئىدىم. شۇڭا قۇرۇلما ۋە مەزمۇن جەھەتلەردىن سەل چۇۋالچاق. ئۇنىڭ ئۇستىگە پايدىلىنىلغان ماتىرىياللارنىمۇ قايتا ئىزدەشكە ئىمكانىيەت ۋە ۋاقىت يار بەرمىدى.
(ئىھتىياتسىزلىقتىن يىزىپ قويغان ئەسىرىم) 
bilqut
Posted: 2008-01-11 22:16 | 4 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

سىز پايدىلانغان ماتىرىياللارنى مەن ئوقۇپ چىققان، قارىسام يە ئۇنىڭغا، يە بۇنىڭغا ئوخشىماي تۇرىدۇ، شۇڭا مەنبەنى سورىغان ئىدىم.
ئەمدى بىر مەسىلە بار، تىلىغا قاراپلا بەزىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى بېكىتىپ چىققىلى بولماسمىكىن دەيمەن، مەسىلەن، تۇڭگان (خۇيزۇ ) لارنى. ...........
سىزنىڭچە قانداق،  كۆلبىلگە ئەپەندىم ؟ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-12 01:34 | 5 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

گىپىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق ئۇدۇن تورداش. بىر خەلقنىڭ مىللى تەۋەلىكىنى بىكىتىشتە ئەلۋەتتە تىلدىن باشقا يەنە ئىنسانشۇناسلىق،مەدىنىيەت خاسلىقى،تارىخى كىلىپ چىقىش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنى ئويلىشىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇنىڭدەك بىر خەلقنىڭ مىللى ئىڭى(ئۆزىنى قايسى مىللەتكە تەۋە دەپ ئىتىراپ قىلىشى) قاتارلىق ئامىللارنىمۇ ئويلىشىشقا توغرا كىلىدۇ. مەسىلەن مەلۇم بىر مىللەت بولۇشنىڭ ھەممە ئامىللىرىنى قاندۇرغان بىر ئىتنىك گۇرۇپ بەلكىم ئۆزىنى باشقا بىر مىللەتكە تەئەللۇق دەپ بىكىتىشى مۇمكىن. تىخىمۇ چوڭقۇرلىغاندا مىللەت دىگەن نىمە دىگەن توقۇناققا بىرىپ تاقىشىمىز . ھازىرغىچە تولۇق بىرلىككە كەلمىگەن تۇرلۇك مىللەت نەزىرىيىلىرىنى سىزمۇ بىلىدىغانسىز. ئەمما مىللەتكە قانداق تەبىر بىرىلىشىدىن قاتئىنەزەر،  مىللەتنىڭ ئىجتىمائىلىقى تەبىئىلىكىدىن ئۇستۇن دەپ قارايمەن. مىللەتلەرنىڭ گىن تىپىغا دائىر تىمىدىكى ئىنسانلار گىنىنىڭ ئارلاش قۇرىلاش بولۇپ كەتكىنىدىن بۇنى تىخىمۇ چوڭقۇر ھىس قلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئەجدادلاردىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىر مىللەت روھى ھالىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى. شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچ. مىنىڭچە بۇ ھەم  تارىخچىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى (ئەمىلىيەتتىمۇ كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تارىخ ئىلمىنى تاللىشىدىكى دەسلەپكى مۇددىئاسى شۇنداق بولۇشى مۇمكىن) .ھازىرقى رىقابەت دەۋرىدە مىللى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى جۇملىدىن مىللى روھىنى يوقاتقان مىللەتنىڭ تەقدىرى مۇقەررە ھالاك بولۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى روھىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۇچۇن ئورتاق تىرىشىشىمىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.
سىز پايدىلانغان ماتىرىيال دىگەن گىپىڭىزنى چۇشىنەلمىدىم، سىز قايسى ماتىرىياللارنى دىمەكچى.
(ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ ئىنىق سورىۋالاي، رەسىمىڭىز قىزبالىنىڭ رەسىمىكەن، سىز قىزبالىمۇ ؟)
bilqut
Posted: 2008-01-12 16:42 | 6 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

كۆلبىلگە  ئەپەندىم، چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەڭ، مەن پەقەت مەن ئوقۇغان ماقالىلاردىن تېخىمۇ ياخشىسى بار بولسا بىلىۋالاي دېگەن ئىدىم، ئۇدۇن دېگەن نامىمغا قارىغانسىز؟ مەن ساكلارغا سىزدىنمۇ بەك قىزىقىمەن .
ئەمدى، باش سۈرىتىمگە قارىسىڭىز، بۇ سۈرەت ئىگىسى قەيەرلىك بولسا مەن دەل شۇ يۇرتتىن، تەخەللۇسۇم نېمە بولسا، تېگىم شۇ يەردىن، قىزبالىنىڭ باش سۈرىتىنى ئىشلەتكىنىمگە قارىغاندا مەن شۇ جىنىستىن، ئىككى ئوغۇلنىڭ ئانىسىمەن، ئاللاھ خالىسا!!!
سىز ماڭا ئوخشاش تارىخ بىلەن ئېيتىشىدىغان ئاياللارنى ئاز كۆرگەن بەلكىم، شۇڭا مۇشۇ سۇئالنى قويدىڭىز، بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. ھېچقىسى يوق.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-12 23:08 | 7 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە تارىخقا  قىزىقىدىغان ئاياللار ھەقىقەتەن ئاز. راستىنى دىسەم سىزنى تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ(مىنىڭ تىل قابىلىيىتىم ئانچە يوقۇرى ئەمەس) .
مىنىڭ ئايالىممۇ خوتەنلىك، ئۇرۇمچىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. بەلكىم سىلەر تونۇشامسىلەر تىخى.
  تۇرمۇشىڭىزغا بەخت، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇقلار مەڭگۇ يار بولسۇن.
1som
Posted: 2008-01-13 16:55 | 8 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 185
شۆھرىتى: 188 نومۇر
پۇلى: 1870 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-02-15

 

ياخشى تىلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!!  ئىنكاسلىرىڭىزغا قارىسام سىز رىۋايەت توقۇشقا ئۇستىدەك قىلىسىز، رىۋايەت دېگەننىڭ مەلۇم تارىخى ئاساسى بار بولىدۇ.  بۇ ئىجادىيىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-15 03:38 | 9 -قەۋەت
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
7 - قەۋەتتىكى udun 2008-01-12 23:08 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
كۆلبىلگە  ئەپەندىم، چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەڭ، مەن پەقەت مەن ئوقۇغان ماقالىلاردىن تېخىمۇ ياخشىسى بار بولسا بىلىۋالاي دېگەن ئىدىم، ئۇدۇن دېگەن نامىمغا قارىغانسىز؟ مەن ساكلارغا سىزدىنمۇ بەك قىزىقىمەن .
ئەمدى، باش سۈرىتىمگە قارىسىڭىز، بۇ سۈرەت ئىگىسى قەيەرلىك بولسا مەن دەل شۇ يۇرتتىن، تەخەللۇسۇم نېمە بولسا، تېگىم شۇ يەردىن، قىزبالىنىڭ باش سۈرىتىنى ئىشلەتكىنىمگە قارىغاندا مەن شۇ جىنىستىن، ئىككى ئوغۇلنىڭ ئانىسىمەن، ئاللاھ خالىسا!!!
سىز ماڭا ئوخشاش تارىخ بىلەن ئېيتىشىدىغان ئاياللارنى ئاز كۆرگەن بەلكىم، شۇڭا مۇشۇ سۇئالنى قويدىڭىز، بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. ھېچقىسى يوق.

تارخقا قىزقىدىغان سىزگە مەنمۇ بەك ھەيران بولدۇم ........بۇنى ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى بىر يېڭىلى دىسەەك ئارتۇق كەتمەي دۇ !
1som
Posted: 2008-01-23 19:11 | 10 -قەۋەت
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ساكلارنىنىڭ مىللەت تەۋەلىك ئۈستىدە ەەپ قىلساق ئۇلارنى ھازىرقى تاجكلار دەپ ئىيتساق توغرا ..لىكىن تۇللۇق ئەمەس ........چۈنكى ھازىرقى زامان تارخشۇناسلىرى ساكلار دەل ھازىرقى تاجىكلار دەپ قارايدۇ .يەن بىر سى ئۇلارنىڭ تىل ھايات ساك تىلىدىقن .ىبارەت ...بۇنى مەن تەتقىق قىلمىغان .ئەممە مۇشۇ توغۇرلۇق ئاساسى بار تارىخ ماتىريال كۆرگەندىم .
bilqut
Posted: 2008-01-23 19:16 | 11 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » رىۋايەتلەردىكى تارىخ

Total 0.057351(s) query 4, Time now is:02-15 08:14, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation