kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مەن شىنجاڭنى پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىمەن

مەن شىنجاڭنى پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىمەن

(بىر مانجۇ زاتنىڭ غايىسى)

      مانجۇلار  تۇرك، مۇڭغۇل خەلقلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئالتاي تىل سېستىمىسىغا كىرىدىغان،تارىختا نۇرغۇن خانلىق،سولالىلەرنى قۇرغان جەڭگىۋار كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ بىرى. ھازىرمۇ مانجۇلار دۆلىتىمىزدىكى خەنزو،جۇاڭزۇ مىللەتلىرىدىن قالسىلا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مىللەت بولۇپ ئومۇمى نوپوسى 9مىليون821مىڭ . ئاساسلىقى شەرقى شىمالدىكى 3 ئۆلكىگە جايلاشقان،شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. گەرچە مانجۇلار ئۆزىنىڭ تىل،يېزىق ۋە مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساسەن يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى،ئېرادىسى ۋە مىللى روھىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان خەلق. تۆۋەندە چەتئەلدە نام چىقارغان بىر مانجۇ زاتنىڭ قىسقىچە ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭغا شۇنىڭدەك بىزگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىنى تورداشلارغا سوندۇم.
    جىنۋىيگو (مانجۇچە ئەسلى ئسمىنى بىلىشكە ئامال بولمىدى،فامىلىسى ئالتۇن) ئاۋسترالىيەدىكى داڭلىق سەنئەتكار،مەشھۇر رەسسام. ئىلگىرى ئاۋسترالىيە خانلىق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئەنگىلىيە كامبىرىچ خەلقارالىق بىئوگىرافىيە مەركىزى(IBC) ۋە ئامىرىكا بىئوگىرافىيە ئىنىستىتوتى(ABI) قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن 20-ئەسىر ئۆمۇرلۇك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى، 1996-1997–يىلدىكى دۇنياۋى داڭلىق شەخس،20-ئەسىردىكى خەلقارالىق كۆزگە كۆرۇنگەن  500 يولباشچى شەخس، خەلقارالىق 1000 ئىلغار زىيالىنىڭ بىرى دىگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ «جۇمھۇرىيەتنىڭ 50يىلى» دىگەن چوڭ تىپتىكى قامۇسىغا كىرگۇزۇلگەن.
    جىنۋىيگو 1949-يىلى 12-ئايدا كەڭسۇدا تۇرۇشلۇق بىر  مانجۇ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئازغىنە 82 ئامىرىكا دوللىرى بىلەن لەنجۇدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئاۋسترالىيەگە بارغان. ئەينى چاغدا ئاۋستىرالىيە ئۇنىڭ ئۇچۇن تولىمۇ ناتۇنۇش بىر ئەل بولۇپ، ئۇنىڭ يا پۇلى، يا دوستى ، يا خىزمىتى يوق ئىدى. بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلىنى ئوقماسلىق ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گىپى بىلەن ئېيتقاندا « شۇ كۇنلەرنىڭ ھەر بىر قەدىمى كۆزياش ۋە قان-تەر بىلەن بېسىلغان» ئىدى.
    ئاۋستىرالىيەدە ئۆزىنىڭ ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى بىلەن زور ئۇتۇق قازانغان بۇ زات، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ،قىرىنداشلىرىنى ئەزەلدىن ئىسىدىن چىقارمىغان. 2007-يىلى6-ئاينىڭ6-كۇنى ئۇ ۋەتەنگە بولغان كۇچلۇك مۇھەببىتى بىلەن ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ شىنجاڭغا كىلىدۇ. ۋە ئۆزىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئۆزلۇكسىز تېرىشىدۇ.
    ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭغا كىلىش مىنىڭ 50يىلدىن بۇيانقى ئارمانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇندۇر. مەن يېڭى مەدىنىيەت،كۆزقاراش ۋە زامانىۋى يېشىل ئىقتىساد تۇرلىرىنى شىنجاڭغا ئەكىلىمەن. شىنجاڭنىڭ يەنىمۇ گۇللەپ تەرەققى قىلىشىغا ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.»
  «مەن شىنجاڭغا كىلىپ مىللى پۇرىقى كۇچلۇك بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن،جۇشقۇن مىللى ئۇسۇللىرىنى كۆرۇپ، قازاق خەلقىنىڭ دۇمبۇرا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى تەسىرلەندىم. بۇلارنى كۆرۇش مىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئارزۇ ئارمانلىرىم ئىدى. مەن شىنجاڭنىڭ مەدىنىيەت سەنئىتى، ئىقتىسادى قورۇلىشى ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن. ئۆز ئەسەرلىرىم ئارقىلىق ياردەمگە مۇھتاج بولىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ گۇزەل تاغ- دەريالىرىنى،مىللەتلىرىنى ئاۋسترالىيەگە ۋە پۇتۇن دۇنياغا نامايەن قىلىمەن.»
  «تۆنۈگۈنكى  قوياش ئۇتۇپ كەتتى، ئىنسان ھامان ئەتىكى تېخىمۇ پارلاق قوياشنى كۇتۇۋىلىش كىرەك. مانا بۇ تەرەققىيات»......
==========================
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»(خەنزوچە)2007-يىلى6-ئاينىڭ27—كۇنىدىكى سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

ــ ئۆزىنىڭ مىللى مەدىنىيىتىنى، مىللى خاسلىقىنى يوقۇتۇش نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق؟
    ئۇمۇدسىزلىك- شەيتاننىڭ ئىشى!
    مىڭ دوست كۆپ ئەمەس،بىر دۇشمەن ئاز ئەمەس.

        كۇلبىلگە
    2007.6.28
bilqut
Posted: 2007-11-25 14:48 | [ئاپتور]
hjran
تارىخ- كۇچلۇكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۇمبىسىگە ئاجىزلانىڭ ..
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 Re:مەن شىنجاڭنى  ..

ئۆزىنىڭ مىللى مەدىنىيىتىنى، مىللى خاسلىقىنى يوقۇتۇش نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق؟
1som
Posted: 2007-11-25 18:35 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تاغدىن - باغدىن

Total 0.064864(s) query 4, Time now is:02-15 08:14, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation